سەيشەنبە 10 مۇھەررەم 1446 - 16 ئىيۇل 2024
Uygur

تۇراقسىز مالنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيدىغانلىق توغرىسىدا

سۇئال

    ئىنسان بانكىدا مۇددەتسىز پۇل قويىدۇ، بىر يىل ئىچىدە ئۇ پۇل بەزىدە زىيادە بولىدۇ، بەزىدە ئازلايدۇ، ئۇنىڭ زاكىتى قانداق بولىدۇ؟ بۇ مەبلەغ ساقلاشقا خاس قىلىنمىغان، بۇ مەبلەغ يىل ئارىسىدا زىيادە بولىدۇ، كېمىيىدۇ، يىل توشقاندا بۇ مەبلەغنى قانداق بېكىتىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ مەبلەغ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، بىر يىل توشسا ئۇنى ساقلاشقا تەييار قىلغان بولسۇن ياكى باشقا ئىشقا تەييار قىلغان بولسۇن ئۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ.

    زاكاتنىڭ ئۆلچىمى ئالتۇندىن 85 گىرامغا، كۈمۈشتىن 595گىرامغا باراۋەر كېلىدۇ. مالدىن ئېلىنىدىغان زاكاتنىڭ نىسبىتى 2.5% بولىدۇ. بۇ ھەقتە 2795 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    يىل ئارىسىدا مال ئۆلچەمدىن كېمىيىپ كەتسە، يىل ئۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭدا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ، يەنە بىر قېتىم مال ئۆلچەمگە يەتكەندە يىل يېڭىدىن ھېساب قىلىنىدۇ.

    ئەگەر مال تەدرىجى زىيادە بولىدىغان بولسا بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق بولىدۇ:

     بىرىنچى: يېڭىدىن ئېرىشكەن مال ئىسلام بانكىلىرىدا ساقلانغان مالنىڭ پايدىسىغا ئوخشاش ئاۋالقى مالدىن پەيدا بولغان بولسا، ئەسلىگە ئاساسەن يىل توشقاندا ھەممىسىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ، گەرچە يېڭىدىن ئېرىشكەن پايدىغا بىر قانچە كۈن بولغان بولسىمۇ ئوخشاش، شۇنىڭ ئۈچۈن پىقھى ئالىملىرى: پايدىنىڭ يىلى ئەسلىنىڭ يىلىدۇر دېدى.

    ئىككىنچى: ئەگەر يېڭىدىن ئېرىشكەن مال ئەسلى مالدىن پەيدا بولمىغان بولسا، بەلكى ئۇ ئىنسان ئۆزىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىدىن توپلىغاندەك ئايرىم مال بولسا، قائىدە بويۇنچە ھەر بىر مالنىڭ يىلى ئايرىم بولىدۇ، يېڭىدىن ئېرىشكەن مالنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشى شەرت قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۆلچەمنىڭ بولىشى بىرىنچى مال بىلەن ھاسىل بولغان.

     شۇنىڭغا ئاساسەن: سىز رامىزان ئېيىدا ساقلىغىلى قويغان مالنىڭ زاكىتىنى كېلەر يىلى رامىزان ئېيىدا بېرىسىز، شەۋۋال ئېيىدا ساقلىغىلى قويغان مالنىڭ زاكىتىنى كېلەر يىلى شەۋۋال ئېيىدا بېرىسىز، مۇشۇ بويۇنچە بولىدۇ. ئىنسانغا ھەر قېتىم ساقلىغان پۇلنىڭ زاكىتىنى يىل توشقاندا بېرىش قىيىن بولغاندەك، ھەر ئايدا ساقلىغان پۇللىرىنىڭ زاكىتىنى ئايرىم ھېسابلاش قىيىن بولىدۇ، ئىنسانغا ئاسان بولغىنى، ئۆزى ئىگە بولغان دەسلەپكى مالغا يىل توشقاندا يىل ئارىسىدا توپلىغان ماللىرى بىلەن قېتىپ ھەممىسىنىڭ زاكىتىنى بېرىشتۇر.

     ئۇ ۋاقىتتا يىل توشمىغان ماللارنىڭمۇ زاكىتىنى بەرگەن بولىدۇ، بۇ خاتا ئەمەس، بۇ يىل توشۇشتىن بۇرۇن زاكات بېرىش بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى 26113 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى. دائىمىي كومىتېتنىڭ بۇ توغرىدىكى پەتىۋاسىنىمۇ نەقىل قىلدۇق، پايدىلىنىپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنى تەكرار كەلتۈردۇق:

    بىر كىشى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك پۇلغا ئىگە بولۇپتۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن پەرقلىق ۋاقىتلاردا باشقا مالغىمۇ ئىگە بولۇپتۇ، ئۇ دەسلەپتە ئىگە بولغان مالدىن پەيدا بولغان مال ئەمەس، بەلكى ئۇ  ئايلىق ئىش ھەققىدىن ساقلىغان ياكى مىراس ئالغان ياكى سوۋغات قىلىنغان ياكى زېمىننىڭ ئىجارىسى دېگەنگە ئوخشاش ئايرىم بىر مال بولسا:

     ئەگەر ئىنسان ئۆز ھەققىنى تەكشۈرۈپ زاكات ھەقلىق بولغان كىشىگە ئۆز مېلىدىن پەقەت زاكات ۋاجىپ بولغان قىسمىنى بېرىدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ كىرىمى ئۈچۈن بىر جەدۋەل تۇرغۇزۇشى كېرەك، مالغا ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ يىل توشقىچە ئارىلىقتىكى مەبلەغلەرنى ئايرىم-ئايرىم جەدۋەلگە قويۇپ ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ يىل توشقاندا ھەر بىرىنىڭ زاكىتىنى ئايرىم-ئايرىم ئايرىشى كېرەك بولىدۇ.

     ئەگەر كۆڭلى راھەت، كەڭرىچىلىك يولىدا مېڭىپ، زاكات بېرىدىغان كىشىلەردىن كەمبەغەلنىڭ ۋە باشقا تۈردىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن بىلسە، ئەۋۋەلدە ئىگە بولغان مالغا يىل توشقاندا، بارلىق ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىشى ياخشى بولىدۇ، بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا، دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، كۆڭلى راھەتلىنىدۇ، پېقىر-مىسكىن ۋە باشقا تۈردىكىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا بەك رىئايە قىلغان بولىدۇ، يىل توشقان مەبلەغنىڭ زاكىتى ئادا بولىدۇ، يىل توشمىغان مەبلەغنىڭ زاكىتى ئالدىن ئادا قىلىنغان بولىدۇ". "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 9-توم 280-بەت.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى