ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
2,11406/ربيع الأول/1444 , 02/ئۆكتەبىر/2022

مالدىكى زاكات بېرىشكە يېتىدىغان ئۆلچەم توغرىسىدا

سوئال: 2795

  ھازىر قوللىنىۋاتقان قەغەز پۇللاردىكى زاكاتنىڭ ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟ بۇنى ئالتۇننىڭ قىممىتىگە كۆرە بىكىتىمىزمۇ ياكى كۈمۈشنىڭ قىممىتىگە كۆرە بېكىتىمىزمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    زاكاتنىڭ مىقدارى دوللار ۋە باشقا قەغەز پۇللاردا شۇ پۇللارغا زاكات پەرىز بولغان ۋاقىتتىكى يىگىرمە مىسقال ئالتۇن ياكى بىر يۈز قىرىق مىسقال كۈمۈشنىڭ قىممىتى بويىچە بېكىتىلىنىدۇ، بۇ ئىككى ئۆلچەمدىن قايسىسى يوقسۇللارغا پايدىلىق بولسا، زاكات شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلىنىدۇ، شەھەر-رايونلاردا ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ باھاسىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن بۇ ئىككىسىنىڭ باھاسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىغا قارايمىز، بۇنداق قىلىش كەمبەغەلگە پايدىلىق بولىدۇ. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 9-توم 257-بەت].

    ھازىرقى دەۋرىدە بىر يۈز قىرىق مىسقال كۈمۈشنىڭ قىممىتى يىگىرمە مىسقال ئالتۇننىڭ قىممىتىدىن تۆۋەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتى بىر يۈز قىرىق مىسقال كۈمۈشنىڭ قىممىتىگە يەتسە زاكات بېرىشى كېرەك، بىر يۈز قىرىق مىسقال دېگەن 595 گىرامغا باراۋەر كېلىدۇ، ئىقتىساد ئىگىسى ھەر يىلى ئومۇمى ئىقتىسادىدىن يۈزدە 2.5% پىرسەندىن زاكات بېرىدۇ".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android