جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇلنىڭ  ئىسلامدىكى ھۆكمى

5000

تارقاتقان ۋاقىت : 27-02-2013

كۆرگۈچىلەر : 16146

سۇئال

مەن دائىم ئىسلام شەرىئىتىدە ئۇسۇل، ناخشا-مۇزىكا ھارام دېگەن سۆزنى ئاڭلايمەن، نۇرغۇن تور بەتلىرىگە نەزەر سالدىم، كۆپلىگەن ئىلمى ئەسەرلەردە، ئىسلامدا ناخشا-مۇزىكا، ئۇسۇل ئەر-ئاياللار ئارىلاشمىغان ۋە مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەر بولمىغان ئەھۋالدا دۇرۇس بولىدۇ دېگەن سۆزلەرنى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى دەلىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ھازىر بەك ئىككىلىنىش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە قالدىم، مۇمكىن بولسا ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇلنىڭ ئىسلامدىكى توغرا ھۆكمىنى بايان قىلىپ بەرگەن بولساڭلار؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئەرەبچىدىكى "مەئازىف" دېگەن سۆز "مەئزەفە" نىڭ كۆپلۈك ھالىتى بولۇپ، تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلار" دېگەن بولىدۇ. [پەتھۇلبارىي 10- توم 55- بەت]. بۇ مۇزىكا چىقىرىدىغان چالغۇلاردىن ئىبارەت. [ئەلمەجمۇئ 11- توم 577- بەت].

ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ "جەۋھەرىيدىن" مەئازىپ دېگەن سۆزنىناخشا دەپ نەقىل قىلغان. ئۇنىڭ "سىھاھ" ناملىق لۇغەت كىتابىدا: "چالغۇ ئەسۋابلىرى دېيىلگەن". يەنە بۇنى: چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئاۋازى دېگەنلەرمۇ بولغان.

دىمياتىي رەھىمەھۇللاھ: "مەئازىف" داپ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تارىلىق چالغۇلاردىن ئىبارەت دېگەن. (پەتھۇلبارىي 10 -توم 55 -بەت].

بۇنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان دەلىللەر:

ئاللاھ تائالا لوقمان سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّـهِتەرجىمىسى: بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ.

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مەشھۇر ئالىمى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بىھۇدە سۆزنى ناخشا دەپ چۈشەندۈرگەن.

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ بۇنى: دۇمباقچېلىپ ئويۇن قىلىش دېگەن. (تەپسىر تەبەرىي 2140).

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: لوقمان سۈرىسىدىكى ئايەتنى: ناخشا، مۇزىكا يەنى كاناي-سۇناي توغرىسىدا نازىل بولغان دەيدۇ. (تەپسىر ئىبنى كەسىر 3- توم451- بەت).

ئىمام سەئدىي رەھىمەھۇللاھ: "بىكار، ئورۇنسىز، چەكلەنگەن سۆزلەر، كۇپۇرلۇق، گۇناھ-مەسىيەتككە رىغبەتلەندۈرىدىغان چاقچاق، ھەقىقەتكە قارشى تۇرىدىغان باتىل، ھەقسىز سۆزلەر، غەيۋەت، چېقىمچىلىق، يالغان سۆزلەش،باشقىلارنى ھاقارەت قىلىش، تىللاش قاتارلىقلار، شەيتانى چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ مۇزىكىسى، ناخشىلىرى، دىنى-دۇنيالىق تەرەپتىن ھېچ پايدىسى بولمايدىغان كۆڭۈل ئېچىش ۋە كېچىلىك ئولتۇرۇشلارمۇ يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ھۆكمىگە كىرىدۇ دەيدۇ". (تەپسىر سەئدىي 6150).

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ بىھۇدە سۆز دېگەننى ناخشا-مۇزىكا دەپ چۈشەندۈرگەنلىكى يىتەرلىكتۇر. ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ شۇنداق چۈشەندۈرگەن.

ئەبۇ سەھبا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن،وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّـهِتەرجىمىسى: بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ دېگەن ئايىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشنى سورىسام، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: يەككە-يىگانە بولغان بىرئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئايەتتىكىلَهْوَ الْحَدِيثِ"بىھۇدە سۆز" دېگەنلىك "ناخشىدۇر" دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بۇ سۆزنى "ناخشا" دەپ چۈشەندۈرگەن.

تەپسىرشۇناس ئالىملارنىڭلَهْوَ الْحَدِيثِيەنى "بىھۇدە سۆز" نى "ناخشا " دەپ چۈشەنچە بېرىشى بىلەن، نەزىر ئىبنى ھارىسنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مەككە خەلقىنى قۇرئاننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا رۇم ۋە ئەجەم پادىشاھلىرىنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرقى يوق. چۈنكى ھەر ئىككىلىسى بىھۇدە سۆزدىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "بىھۇدە سۆز" دېگەننى، ناخشا ۋە باتىل سۆز دەپ چۈشەندۈرگەن.

ساھابىلارنىڭ بەزىسىلَهْوَ الْحَدِيثِيەنى "بىھۇدە سۆز" دېگەننى، ناخشا دەپ چۈشەندۈرسە، بەزىسى، "كىشىلەرنى قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا ئۇيۇشۇشتىن توسىدىغان باتىل سۆز" دېگەن. يەنە بەزىلىرى، يۇقىرىقى ئىككى سۆزنىڭ بىرىكمىسى دەپ چۈشەندۈرگەن.

چۆچەك ۋە ئەپسانە ھىكايىلەر ئارقىلىق ھوزۇرلۇنۇشتىن، ناخشا-مۇزىكا بىلەن ھوزۇرلۇنۇشنىڭ زىيىنى چوڭ بولىدۇ. چۈنكى ناخشا-مۇزىكا زىنانىڭ بەزى تۈرلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە، قەلبتە نىفاقلىقنىڭ پەيدا بولىشىغا، شەيتاننىڭ يولىغا مېڭىشقا، ئەقىلنىڭ ھەقىقەتتىن چەكلىنىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرىدۇر. ئىنساننىڭ نەپسى ۋە تەبىئىتى باشقا باتىل سۆزلەردىن ناخشا-مۇزىكىغا بەكراق مايىل بولغانلىقتىن، ئۇ، ئىنساننى قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، ئۇنىڭ مەنالىرىنى تەپەككۇر قىلىشتىن توسۇپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە نازىل بولغان ئايەت، بەزى كىشىلەرنىڭ بىلىمسىزلىكتىن، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن، قۇرئان كەرىمنىڭ ئورنىغا بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلارغا قۇرئان كىرىم ئوقۇپ بېرىلسە، خۇددى قۇلىقى ئېغىر گاس ئادەم بىر نەرسىنى ئاڭلىمىغاندەك، كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدىن بىر نەرسە بىلدۈرۈلسە، ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ. يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا كۇپرى قىلىشى ۋايىغا يەتكەن ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرىدىلا يۈزبىرىدۇ. يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ بەزىسى، بەزى ناخشىچىلار ۋە كۈندۈلۈك ھاياتىنى ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاپ ئۇخلاپ ۋە ئويغىنىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ، بۇ سۆزلەردىن بىر كىشىلىك نېسىۋىسى بولىدۇ". [ئىغاسەتۇل لەھفان 258-259-بەتلەر].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَاسْتَفْزِزْ مَنِ اسْتَطَعْتَ مِنْهُم بِصَوْتِكَ وَأَجْلِبْ عَلَيْهِم بِخَيْلِكَ وَرَجِلِكَ وَشَارِكْهُمْ فِي الْأَمْوَالِ وَالْأَوْلَادِ وَعِدْهُمْ وَمَا يَعِدُهُمُ الشَّيْطَانُ إِلَّا غُرُورًاتەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتالايدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن (يەنى گۇناھقا چاقىرىشىڭ بىلەن) قوزغاتقىن، ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ۋە بالىلىرىغا شېرىك بولغىن، ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بەرگىن، شەيتاننىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسى پەقەت ئالدامچىلىقتۇر. [ئىسرا سۈرىسى 64-ئايەت].

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتنى: "ئازدۇرۇشقا قادىر بولالىغان كىشىنى ئازدۇرغىن، دېگەنلىك بولىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن ۋە شەيتاننىڭ ئاۋازى ناخشا ۋە باتىل سۆزلەردىن ئىبارەت" دېگەن.

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايەتتە ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنىڭ بىلەن دەپ كەلتۈرۈش خاسلىققا دالالەت قىلىدىغان بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائىتىنىڭ سىرتىدا سۆزلىگەنلەر يەنى ھەق سۆزنىڭ غەيرىنى سۆزلىگەنلەر، كاناي، سۇناي، داپ-دۇمباق بىلەن نەغمە- نەۋا قىلىش شەيتاننىڭ قىلمىشىدۇر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش يولىغاپىيادە ياكى قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن ئاتلانغانلار شەيتاننىڭ ئاتلىق-پىيادە قوشۇنلىرىدۇر. كۆپچىلىك سەلەپ ئالىملىرىمۇ بۇ ھەقتە يۇقىرىقىدەك چۈشەنچە بەرگەن. ئىبنى ئەبى ھاتەم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىدە: "ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ماڭغان ھەر قانداق كىشى شەيتاننىڭ پىيادە قوشۇنىدۇر"، دەيدۇ. [ئىغاسەتۇل ئەللەھفان].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَفَمِنْ هَـٰذَا الْحَدِيثِ تَعْجَبُونَ ، وَتَضْحَكُونَ وَلَا تتَبْكُونَ ، وَأَنتُمْ سَامِدُونَ﴾تەرجىمىسى:(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ [59]. (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۈلەمسىلەر؟ يىغلامسىلەر؟ [60]. سىلەر غاپىلدۇرسىلەر. [سۈرە نەجمە 59- 60- 61- ئايەتلەر].

ئەكرەمە رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان چۈشەندۈرۈشىدە: ئەرەبچىدىن: سەمۇد يەنى سامىدۇن دېگەن سۆز ھىميەر قەبىلىسىنىڭ لۇغىتىدە ناخشا دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. "ئىسمىدى لەنا" دېگەن سۆز "بىزگە ناخشا ئېيتىپ بەر" دېگەن بولىدۇ. ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىنى ئاڭلىغاندا ناخشا توۋلىشاتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولغان دەيدۇ.

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ: سامىدۇن دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ، سۇپيان ئەسسەۋرىي دادىسى ئارقىلىق ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان تەپسىردە: سەمۇد دېگەن يەمەن شىۋىسىدە ناخشا دېگەن بولىدۇ دەپ، يۇقىرىدا ئەكرەمە رەھىمەھۇللاھ دېگەن سۆزنى كەلتۈرگەن. [ئىبنى كەسىر].

ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ناخشىچى دېدەكلەرنى ساتماڭلار ۋە سىتىۋالماڭلار، ئۇلارغا ناخشا-مۇزىكا ئۈگەتمەڭلار، ئۇلارنىڭ تىجارىتىدە ياخشىلىق يوق، ئۇلار ئارقىلىق كەلگەن پۇل ھارام، بۇ ھەدىسكە مىسال قىلىپ بۇ ئايەت چۈشۈرۈلگەن: وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّـهِتەرجىمىسى: بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. [ھەدىس ھەسەن].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر بۆلەك كىشىلەر زىنانى، يىپەكنى، ھاراقنى ۋە ناخشا-مۇزىكىلارنى ھالال دەپ قارايدۇ......... [بۇخارى 5590- نومۇرلۇق ھەدىس، ئەلبانىي سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 91- ھەدىس].

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ: "ئىمام بۇخارى كەلتۈرگەن بۇ ھەدىس سەھىھ بولۇپ، بۇ ھەدىسنى سەھىھۇل بۇخارىدا، بەزى كىشىلەر ھاراقنى ئۆز ئىسمىنىڭ غەيرىدە ئاتاپ ھالال دەيدۇ دېگەن بۆلۈمدە كەلتۈرگەن دەيدۇ.

بۇ ھەدىس چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئىككى تەرەپتىن ئىسپاتلايدۇ:

بىرىنچى: يۇقىرىقى ھەدىستە ھاراق، زىنا، يىپەك (ئەركەكلەرگە) ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ شەرىئەتتە چەكلەنگەن نەرسىلەردىن ئىكەنلىكى، ئەمما ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدىن بىر بۆلەك كىشىلەر بۇ نەرسىلەرنى ھالال دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئىككىنچى: چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ كەسكىن ھارام قىلىنغان ھاراق-زىنا بىلەن بىرگە زىكىر قېلىنىشى، ئەگەر ناخشا-مۇزىكا ھارام بولمىغان بولسا ئىدى، شەرىئەتتە كەسكىن ھارام قىلىنغان نەرسىلەر بىلەن بىرلىكتە زىكىر قىلىنمىغان بولاتتى. [ئەلبانىي سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1- توم 140-141-بەتلەر].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىس چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلايدۇ. [ئەلمەجمۇئ 11- توم 535- بەت].

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ: بۇ توغرىدا سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدىي، ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبۇ ئۇمامەتۇل باھىلىي، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئەنەس ئىبنى مالىك، ئابدۇرەھمان ئىبنى سابىت ۋە غازىي ئىبنى رەبىيئە (ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق كىشىلەردىن، چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىسلەر بايان قىلىنغانلىقىنى زىكىر قىلىپ، ئىغاسەتۇل لەھفان ناملىق ئەسىرىدەيۇقىرىقى دەلىللەر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلايدۇ، دېگەن.

ناپىئ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنەينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بارماقلىرى بىلەن قۇلىقىنى ئېتىۋالدى ۋە يولدىن چەتكە چىقىپ، ماڭا قاراپ: ناپىئ بىرەر ئاۋاز ئاڭلاۋاتامسەن دېدى، مەن: ياق ئاڭلىمىدىم دېگەندىن كېيىن، بارمىقىنى قۇلىقىدىن ئىلىپ، مەن بىر قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىدىم، ئۇ يۇقىرىقىدەك ئاۋازنى ئاڭلىغاندا، مۇشۇنداق قىلغان ئىدى، دىدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

بەزى كىشىلەر، بۇ ھەدىس چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ، ئەگەر ھارام بولغان بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىبنى ئۆمەرنىمۇ قۇلىقىنى ئىتىۋىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتى، ئىبنى ئۆمەرمۇ ناپىئنى قۇلىقىنى ئىتىۋىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتى، دەيدۇ. بۇنىڭ جاۋابى: ئىبنى ئۆمەر نەينىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغان بەلكى ئاڭلاپ قالغان، بۇ يەردە بىر نەرسىنى قۇلاق سىلپ ئاڭلاش بىلەن، قۇلىقىغا كىرىپ قالغاننىڭ ئارىسىدا پەرق بار.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاققا كىلىشى بىلەن، ئىنسان بىر نەرسىنى ئاڭلاشنى مەقسەت قىلماستىن قۇلىقىغا كىرىپ قالسا، بۇ ئەيىبلەنمەيدۇ. ئەمما ناخشا-مۇزىكىنى ئۆزى خالاپ ئاڭلىغانلار ياكى مەقسەتلىك قۇلاق سالغانلار دىنىمىزدا ئەيىبلىنىدۇ. قۇرئان تىلاۋىتىگە قۇلاقسالغانلار ئۈچۈن ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئەمما تىڭشاشنى مەقسەت قىلماستىن قۇلىقىغا كىرىپ قالغان بولسا بۇنىڭغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئاڭلاش چەكلەنگەن نەرسىلەر مەقسەتسىز قۇلىقىغا كىرىپ قالغان بولسا، بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق". [ئەلمەجمۇئ 10-توم 78-بەت].

ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇلاق سالغۇچى دېگەن ئاڭلاشنى مەقسەت قىلغۇچىدۇر، بۇئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدا كۆرۈلمىگەن، ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىغان بەلكى ئاڭلىتىلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەي ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، يولنىڭ ياقىسىغا چىقىپ، تا ئاۋاز ئۇزۇلگەنگە قەدەر بارمىقىنى قۇلىقىغا تىقىپ ماڭماستىن توختاپ تۇرغان ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەي ئاۋازىنىڭ ئۇزۇلگەن ياكى داۋاملىشىۋاتقانلىقنى بىلىش ئۈچۈن سورىغان ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ھاجەت ئۈچۈن ئاڭلاپ بېقىش مۇباھتۇر. [ئەلمۇغنى 10-توم 173]. (يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ئالىمنىڭ سۆزىدىن: ئاڭلاش ياخشى كۆرۈلمەيدىغان نەرسە ھاجەت بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن يەكۈن چىقىدۇ. ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ توغرىدىكى كۆز قارىشىنى ئۆز نۆۋىتىدە بايان قىلىمىز. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر).

مەشھۇر ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرى:

قاسىم رەھىمەھۇللاھ: ناخشا باتىل سۆزنىڭ جۈملىسىدىن، دېگەن.

ھەسەن رەھىمەھۇللاھ: ناخشا-مۇزىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سورۇن بولسا، ئەھمىيەتسىز سورۇن بولۇپ، بۇنداق سورۇن ۋە توي- مەرىكىلەرگە بارماسلىق كېرەك، دەيدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تۆت مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا چالغۇ-ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى ھارام ھېسابلىنىدۇ، بۇخارى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى بايان قىلغان سەھىھ ھەدىسلەردە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئۆز ئۈممىتى ئىچىدىن بەزى كىشىلەرنىڭ يىپەك، زىنا، ھاراق ۋە ناخشا-مۇزىكىلارنى ھالال دەپ قارايدىغانلىقى ۋە ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى چوشقا ۋە مايمۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ. مەشھۇر مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلمىغان." [ئەلمەجمۇئ 11- توم 576].

شەيخ ئالبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تۆت مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ھەممىسى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن. [سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى1- توم 145-بەت].

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ مەسىلىدە تۇتقان يولى ھەممىدىن بەك كۈچلۈك، بۇ ھەقتە دېگەن سۆزلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى كاناي-سۇناي، داپ-دۇمباق، ناغرا قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھارام دەپ قارايدۇ. بۇ ئىشلارنى سادىر قىلغان ئىنسان پاسىق ۋە ئۇنداق كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار يەنە: ناخشا تىڭشاش پاسىقلىق، لەززەتلىنىش كۇپۇرلۇق دەيدۇ. بۇ ھەقتە گەرچە سەھىھ بولمىسىمۇ ھەدىسلەرنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلار يەنە: ئىنسان گەرچە ناخشا ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالغان تەقدىردىمۇ، كۈچىنىڭ يېتىشچە ناخشا-مۇزىكا ئاڭلىماسلىققا تېرىشىش لازىم، دەيدۇ.

ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ بىرەر ھويلىدىن ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانسا، خىزمەتچىلىرىنى: ئۆي ساھىبىدىن رۇخسەت ئالماستىن بۇ ھويلىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئىشلىرىدىن توسۇشقا بۇيرىغان، چۈنكى مۇنكەرنى چەكلەش پەرزدۇر. مۇنكەر ئىشلار بولاۋاتقان جايلارغا ئۇنى توسۇش ئۈچۈن رۇخسەتسىز كېرىش چەكلەنگەن بولسا ئىدى، ئىنسانلار پەرز ئەمەللەرنىمۇ قىلمىغان بولاتتى. [ئىغاسەتۇل لەھفان 1-توم 425-بەت].

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن: "ئىنسان يولدا كېتىۋاتقاندا ياكى بىرەر سورۇندا ئولتۇرغاندا، داقا- دۇمباق، كاناي-سۇناي ياكى چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ ئاۋازى قۇلاققا كىرىپ قالسا، بۇ سەۋەبلىك ھۇزۇر ھېس قىلسا قانداق بولىدۇ، دەپ سۇئال سورالغاندا، ئىمام مالىك جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: تۇرۇپ كېتىش مۇمكىن بولمايدىغان ياكى مەلۇم ھاجەت ئۈچۈن بولغان سورۇن بولمىسا، دەرھال بۇ سورۇندىن چىقىپ كېتىش كېرەك، شۇنىڭدەك يولدا بولسا، تىز ئۆتۈپ كېتىش ياكى كەينىگە قايتىپ كېتىش لازىم دېگەن". [ئەلجامىئ لىلقەيرىۋانىي 262].

ئىمام مالىك يەنە: "بۇ ئىشلارنى ئارىمىزدىكى پاسىق كىشىلەرلا قىلىدۇ، دېگەن". [تەپسىر قۇرتۇبىي 14-توم 55-بەت].

ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھاراملىقى بىرلىككە كەلگەن كەسىپلەردىن: جازانىخورلۇق، جالاپلىق قىلىپ پۇل تېپىش، ھارامدىن پۇل تېپىش، پارىخورلۇق، مېيت ئۈچۈن يىغلاپ بېرىپ پۇل تېپىش، ناخشا ئوقۇپ پۇل تېپىش، رەمباللىق، پېرىخونلۇق، پالچىلىق، كەلگۈسىدىن خەۋەر بېرىش، نەي چېلىپ، ئۇسۇل ئويناپ پۇل تېپىش قاتارلىقلارنى كەسپ قىلىش باتىل يەنى ھارامدۇر". [ئەلكافى].

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام شافىئىينىڭ مەزھىبىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمام شافىئىينىڭ چالغۇ ئەسۋاپلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام دېگەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىپ، بۇنى (ئىمام شافىئىي دۇرۇس دېگەن)قاراشتىكى كىشىلەرگە رەددىيە بەردى". [ئىغاسەتۇل لەھفان1-توم 425-بەت].

شافىئىي مەزھىپىدىكى"كىپايەتۇل ئەخبار" ناملىق ئەسەرنىڭ ساھىبى مۇنداق دەيدۇ: "نەي ۋە ئۇنىڭدىن باشقا چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن كۆڭۈل ئىچىش چەكلىنىدۇ، بۇنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇ ئىشلارنى چەكلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنداق سورۇنلارغا بەزى بىر پاسىق ئۆلىمالارنىڭ ھازىر بولىشى، بۇ ئىشنى چەكلەشتىن توسۇپ قويالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار شەرىئەت پرىنسىپىنى بۇزغۇچىلاردۇر، شۇنىڭدەك نىجىس پېقىرلەرنىڭ ھازىر بولىشىمۇ بۇنى چەكلەشتىن توسۇپ قالالمايدۇ. پەقىرلەر دېگەن سۆزدىن: (يەنى ئۆزلىرىنى پەقىرلەر دەپ ئاتىۋالغان بەزى سوپىلار مەقسەت قىلىنىدۇ)، ئۇلار ھەرقانداق ئاۋازغا ئەگىشىدۇ، ئىلىم-مەرىپەت نۇرىغا ئەگەشمەستىن، شامالنىڭ چىقىشىغا ماسلىشىدۇ". [كىپايەتۇل ئەخبار 2-توم 128- بەت].

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىپىدە، ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ: مەن دادامدىن، ناخشا توغرىسىدا سورىسام، دادام: ناخشا- مۇزىكا ئىنسان قەلبىدە نىپاق پەيدا قىلىدۇ، بۇ مېنى ئەجەبلەندۈرمەيدۇ دەپ، ئىمام مالىكنىڭ: بۇ ئىشلارنى ئارىمىزدىكى پاسىق كىشىلەرلا قىلىدۇ، دېگەن سۆزىنى زىكىر قىلدى، دەيدۇ". [ئىغاسەتۇل لەھفان].

ھەنبەلىي مەزھىبىنى تەتقىق قىلىپ چىققۇچى بۈيۈك ئالىم ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆڭۈل ئىچىش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ھارام بولغىنى، تارىلىق چالغۇ، كاناي-سۇناي ۋە نەي ، دۇتار، تەمبۇر، غەجەك، راۋاپ ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى بولۇپ، بۇ مۇزىكىلارنى داۋاملىق تىڭشىغان كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ". [ئەلمۇغنى 10-173].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ھاراق، ناخشا-مۇزىكا بىلەن بولىدىغان سورۇنلارغا چاقىرىلساڭ، ئەگەر ئۇ يەردە بولىۋاتقان مۇنكەر ئىشلارنى چەكلىيەلىسەڭ بارغىن، مانا بۇ ۋاقىتتا قوش ساۋاپ تاپىسەن، (يەنى مۇنكەرنى چەكلەش، دەۋەتنى ئادا قىلغانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر). ئەگەر مۇنكەرنى چەكلىيەلمىسەڭ بارمىغىنىڭ ياخشىدۇر". [ئەلكاپى 3- توم 118- بەت].

ئىمام تەبرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق ئالىملار ناخشىنىڭ ھاراملىقى ۋە ئۇنى چەكلەشنىڭ زۆرۈرلىكىگە ئىتتىپاق كەلگەن. ئىبراھىم ئىبنى سەئد ۋە ئۈبەيدۇللاھ ئەنبەرىي قاتارلىقلار يۇقىرىقى كۆزقاراشتا جامائەتتىن ئايرىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كۆپچىلىك جامائەتنى لازىم تۇتقىن، جامائەتتىن ئايرىلىپ دۇنيادىن كەتكەن كىشى، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ،دېگەن. [تەپسىر قۇرتۇبى 14-توم 56- بەت].

ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ ياخشى ئەمەس-مەكروھ دېگەن سۆزىدىن، ھارام دېگەن ئۇقۇم ئىپادىلىنەتتى. ئەمما كىيىنكى ئالىملار بۇنى ھارامدىن تۆۋەن دەرىجىگە قوللاندى. ئىمام قۇرتۇبىي ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھارامئىكەنلىكىگە ئىسپات بولىدىغان ئىككى ئەسەرنى بايان قىلدى. ھەنبەلىي مەزھەپ ئالىملىرىدىن: ئەبۇل پەرەج ئىبنى جەۋزىي ۋە قەپپال مۇنداق دەيدۇ: ناخشىچى ۋە ئۇسۇلچىنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ، بۇنىڭ ھاراملىقى ئىسپاتلانغانىدىكەن، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ پۇل تىپىش دۇرۇس ئەمەس.

شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "ئىبراھىم ئىبنى سەئد ۋە ئۈبەيدۇللاھ ئەنبەرىي قاتارلىقلارنىڭ دۇرۇس دېگەن ناخشا-مۇزىكىلىرى، بىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ناخشا-مۇزىكىلارغا ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ، بۇ ئىككى ئالىم ھازىرقىدەك رەزىل، پەسكەش، قىممىتى يوق، ئىنسانلارنى ئازغۇنلۇققا باشلايدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ھەرگىزمۇ دۇرۇس دەپ قارىمايدۇ". [ئەلئىئلام].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش دۇرۇس ئەمەس". [ئەلمەجمۇئ 22- توم 140- بەت]. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "تەمبۈرغا ئوخشىغان چالغۇ ئەسۋابلىرىنى بۇزىۋىتىشنى پىھقى ئالىملىرى دۇرۇس دەپ قارىغان، بۇ ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ مەشھۇر ئىككى قارىشىنىڭ بىرىدۇر". [ئەلمەجمۇئ 28-توم 113-بەت].

ئىبنى مۇنزىر بارلىق ئالىملارنىڭ ناخشىچى ۋە ئۆلۈككە يىغلايدىغان كىشىلەرنى ياللاپ ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەق بېرىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە ئىتتىپاق كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىز تەلىم ئالغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى، مېيىتقا يىغلاپ بەرگۈچى بىلەن ناخشىچىنىڭقىلمىشىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. ئىمام شەئبىي، مالىك ۋە نەخەئىي، ئەبۇ سەۋر، ئەبۇ ھەنىپە، ئەبۇ يۈسۈپ، مۇھەممەد ھەسەن شەيبانىي قاتارلىقلارمېيتكە يىغلىغۇچى بىلەن ناخشىچىنى ياللاش يەنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەق بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىغان. بىزمۇ شۇنداق قارايمىز. ناخشا-مۇزىكا دېگەن نەپسىنى مەست قىلىدۇ، قەدەھ بىلەن مەست قىلىنغاندىن، ناخشا-مۇزىكا بىلەن مەست قىلىنىش ئېغىرراق بولىدۇ". [پەتىۋالار توپلىمى 10- توم417 - بەت].

ئىبنى ئەبۇ شەيبە بايان قىلغان بىر ئەسەردە، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ تەمبۇرنى سۇندۇرىۋەتكەن، ئۇ كىشى قازى شۇرەيھكە دەۋا قىلىپ كەلگەندە، قازى ئۇنى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇمىغان. تەمبۇر ھارام بولغان چالغۇ- ئەسۋابلارنىڭ تۈرىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنڭغا تۆلەم تۆلەنمەيدۇ. [مۇسەننىپ 5- توم 395-بەت].

ئىمام بەغەۋىي رەھىمەھۇللاھ: تەمبۇر، سۇنايغا ئوخشىغان بارلىق چالغۇ-ئەسۋابلارنى ئىلىپ- سېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى يەنى توغرا ئەمەسلىكىگە پەتىۋا بەرگەن. يەنە ئۇ: چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ شەكلى باشقا نەرسىگە ئۆزگەرتىلسە، ئۇنى ئەسلى بىلەن يەنى كۈمۈشتىن ياكى تۆمۈردىن ياكى ياغاچتىنياسالغان بولسا، شۇ نەرسىنىڭ ھېسابىدا سېتىش دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن". [شەرھى سۈننە 8-توم 28- بەت].

توغرا بولغان ئىستىسنا:

چالغۇ ئەسۋابلىرى ئىچىدىن قوللانسا بولىدىغان نەرسە، توي ۋە نىكاھ، ھېيت-بايراملاردا قوللىنىشى جايىز بولغان (ھالقىسىز) داپتۇر. خوشاللىق ۋاقىتلاردا داپ قوللىنىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى توغرىسىدا ساغلام دەلىل-ئىسپاتلارمەۋجۇت.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توي ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا داپ چېلىش ئارقىلىق خوشاللىقنى ئىزھار قىلىشقا رۇخسەت قىلغان، شۇنداقلا توي-توركۇندە ئاياللارنىڭ داپ چېلىشلىرىغا رۇخسەت قىلغان. ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئەرلەردىن داپ چالىدىغان ياكى چاۋاك چالىدىغان ئىشلار سادىر بولمىغان. سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنىشچە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: چاۋاك چېلىش ئاياللار ئۈچۈن، تەسبىھئېيتىش ئەرلەر ئۈچۈندۇر، دېگەن [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بولىۋالغان ئاياللارغا ۋە ئاياللارغا ئوخشاش بولىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلغان. داپ چېلىپ نەغمە قىلىش ۋە ناخشا ئېيتىش ئاياللارنىڭ قىلمىشى بولغانلىقتىن، ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرى ئەرلەردىن بۇنداق قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغانلارنى مۇخەننەس (يەنى ھەزىلەك، زەيپانە دەپ ئاتىغان). ئەمما ھازىرقى زاماندا ناخشا ئېيتىش ۋە مۇزىكا چىلىشنى كەسپ قىلىۋالغان ئەرلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. بۇ ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ مەشھۇر قارىشى.

بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغانھەدىستە، ھېيت كۈنلىرىدە ئائىشە ئانىمىزنىڭ يېنىدا ئىككى كېچىك قىزچاق ئەنسارىيلارنىڭ بۇئاس كۈنلىرىدىكى ئۇرۇشلىرى خاتىرلەنگەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ نەغمە قىلىپ بېرىۋاتقانۋاقىتتا، ئۆيگە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ كىردى-دە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە شەيتاننىڭ نەغمىسىنى قىلىۋاتامسىلەر؟! دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇبارەك يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ ئارام ئېلىۋاتاتتى، شۇ سەۋەپتىن بەزى ئالىملار، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھازىر بولغان سورۇندا بىرەر كىشىنىڭ قىلمىشىغا ئىنكار قىلمايتتى ياكى ئاچچىقلانمايتتى، لېكىن ئۇ، كۆڭلىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئىشقا دىققەت قىلمىدىغۇ- دەپ ئويلاپ قالغان بولىشى ئېھتىمال دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئەبۇ بەكرى! ئۇلارنى قويۇڭ، ھەر بىر مىللەتنىڭ ھېيت-بايرىمى بولىدۇ، بۇ بىز ئىسلام ئەھلىنىڭ بايرىمى» دېدى. بۇ ھەدىس بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ باتىل ئىشقا بىرلىككە كەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ "شەيتاننىڭ نەغمىسى" دېگەن سۆزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئىنكار قىلمىدى. پەقەت ئۇلارنى چەكلىمىگەن، ھەر بىر مىللەتنىڭ ھېيت-بايرىمى بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىز دېدى. بۇنىڭدىن نەغمىنىڭ دۇرۇس بولىشىنىڭ سەۋەبى بايرام كۈنى بولغانلىقتىن دېگەن ئۇقۇم ئىپادىلىنىدۇ، بايرام كۈنىدىن باشقا يەنە بىر ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك توي-نىكاھ سورۇنلىرىدىن باشقا جايلاردا ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

بۇ مەسىلىنى ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ: چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھاراملىقى دېگەن كىتابىدا تەپسىلى بايان قىلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھېيت كۈنلەردە كېچىك قىزلارنىڭ نەغمە قىلىشىغا سۈكۈت قىلغانلىقى، مۇشرىكلارغا بىزنىڭ دىنىمىزدا كەڭرىچىلىك بار دېگەننى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككى دېدەكنىڭ نەغمە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ ھەدىستىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئۇلارنىڭ نەغمىسىنى تىڭشىدى دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ. بىر نەرسىنى كۆرۈش ۋە قاراش ئىختىيارسىزلىقتىن ئۆزى خالىمىغان ھالدا بولۇپ قىلىشى بىلەن، خالاپ قاراش ۋە كۆرۇشنىڭ ئارىسىدا پەرق بولغانغا ئوخشاش، بۇنىڭدىكى بۇيرۇش-چەكلەش دېگەن، ئىختىيارسىز قۇلىقىغا كىرىپ قىلىشقا ئالاقىدار بولماستىن بەلكى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش ۋە ئۇنىڭدىن لەززەتنىلىشكە ئالاقىدارلىقتۇر. بۇنىڭدىن داپ بىلەن نەغمە قىلىشنىڭ ئاياللارغا خاس ئىكەنلىكى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. ھەتتا ئىمام ئەبۇ ئۇبەيدە رەھىمەھۇللاھ داپنى كۆرۈپ، بۇ ئاياللار نەغمە قىلىدىغان نەرسە دېگەن. [غەرىيبۇل ھەدىس 3- توم 64-بەت]. بەزىلەر ئاياللارنىڭ بۇنداق سورۇنلارغا ئىشتىراك قىلغاندا شەرئى ھىجاب بىلەن بولۇشى زۆرۈر دەپ قارايدۇ.

توغرا بولمىغان ئىستىسنا:

بەزىلەر چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن جەڭ مەيدانلىرىدا چالىدىغاندۇمباقلارنى ئايرىغاندەك، يېڭى ئەسىردىكى بەزى ئالىملار ئەسكىرى مۇزىكىنى دۇرۇس دەپ قارىدى، ئەلۋەتتە بۇنداق ئايرىشنىڭبىرقانچە تەرەپتىن ھېچقانداق ئاساسى يوق:

بىرىنچى: ئومۇمى سۆزلەنگەن ھەدىسلەردىن بۇنى خاس قىلىۋېلىشنىڭ يولى يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز قارىشىبىلەن بۇنداق قىلىشى توغرا ئەمەس.

ئىككىنچى: ئۇرۇش ھالىتىدە مۇسۇلمانلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھ تائالا تەرەپكە يۈزلىنىشى زۆرۈر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَنفَالِقُلِ الْأَنفَالُ لِلَّـهِ وَالرَّسُولِفَاتَّقُوا اللَّـهَ وَأَصْلِحُوا ذَاتَ بَيْنِكُمْتەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ غەنىيمەتلەرنى قانداق تەقسىم قىلىشىڭ توغرۇلۇق سەندىن سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، غەنىيمەتلەر (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇپ) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار. سۈرە ئەنفال 1-ئايەت]. ئۇرۇش مەيدانىدا مۇزىكا چېلىش ئۇلارنى ئاللاھنى ياد ئېتىش ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىشتىن چەكلەپ قويىدۇ.

ئۈچىنچى: ئۇرۇشتا مۇزىكا چىلىش كاپىرلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇلارنى دوراش توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇمۇزىكىغا ئوخشاش ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردا، ئۇلارغا ئوخشىۋېلىش توغرا ئەمەس. [ئەسسەھىھە 1- توم145- بەت].

ئەبى ئەمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: بىرەر قەۋم توغرا يول تاپقاندىن كېيىن، ھەقىقەت توغرىسىدا جېدەل-مۇنازىرە قىلىشسا، ھەق يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ. [سەھىھ ھەدىس].

بەزىلەر ھەبەشىستانلىق قارا قۇلنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە نەيزىۋازلىق ماھارىتى كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ ناخشا-مۇزىكىنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ!. ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا "ھېيت كۈنلىرىدە نەيزە-قالقان ئوينىتىش" ناملىق بۆلۈمىدە بايان قىلىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەدىستىن: مەسچىتتە نەيزە-قالقانغا ئوخشاش ئۇرۇش قوراللىرىنى ئويناشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭ دائىرىسىگە، جىھادى تەييارلىقنىڭ سەۋەبلىرى دەپ قارىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى كېرىدۇ. [شەرھى مۇسلىم].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك: "كىمكى ئۆز كەسپىنىڭ غەيرىدە سۆز قىلىدىكەن، يۇقىرىقىدەك ئەجەبلىنەرلىك غەيرى سۆزلەرنى قىلىدۇ".

بەزىلەر ئىككى دېدەكنىڭ ناخشا ئېيتىپ نەغمە قىلغانلىق توغرىسىدىكى ھەدىسنى ناخشا-مۇزىكىنىڭ دۇرۇسلىقىغا دەلىل قىلىدۇ. بىز بۇ توغرىدا يۇقىرىدا تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتتۇق، تۆۋەندە ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى نەقىل قىلىمىز: "سىلەرنىڭھەممە نەرسە ئارىلىشىپ كەتكەن ناخشا-مۇزىكىنى ئاڭلاشنى دۇرۇس قىلىشقا بۇ شەكىلدە ئۇرۇنۇپ، ئىككى كېچىك قىزچاق يەنە بىر قىزنىڭ يېنىدا ھېيت-بايرام كۈنىدە، ئەرەبلەرنىڭ ئۆتكەن دەۋرىدىكى باتۇرلۇقى، يۈكسەك شىجائىتى، گۈزەل ئەخلاقى، ئېسىل سۈپەتلىرى تەسۋىرلەنگەن بىيىتلار بىلەن نەغمە قىلغان، بۇنى قانداقمۇ ھازىرقى ساراڭلارچە ئوقۇلغان ناخشا-مۇزىكىغا سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇرۇسلىقىغا دەلىل كەلتۈرىشىڭلاردىن ھەيرانمەن!. ئۇ ھەدىس ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قارشى ھۆججەتتۇر. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى شەيتاننىڭ نەغمىلىرىدىن دەپ ئاتىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەزكۇر ئاتالغۇنى ئىنكار قىلمىدى. ئەمما ئۇ ئىككىلىسىنىڭ بالاغەتكە يەتمىگەن كېچىك قىز بولغانلىقى، ئولارنىڭ ناخشىلىرىدا ئاڭلىغۈچىنى بۇزۇقچىلىق ۋە پىتنە-پاساتقا ئىلىپ بارىدىغان سۆزلۈكلەرنىڭ يوق بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى، سىلەر ھازىر بىلگەن ۋە قىلىۋاتقان، بۇزۇقچىلىقىنىڭ ھېچ كىشىگە سىرى قالمىغان ناخشا-مۇزىكىلارغا سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ؟!. ئاللاھ بارچە ئەيب نۇقسانلاردىن پاكتۇر! ئەقىل ۋە چۈشەنچىنىڭ زالالەتكە يۈزلىنىشى مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا كېرەك؟!". [مەدارىج ئەسسالىكىين 1 -توم 493- بەت].

ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ئائىشە ئانىمىز ئۇ ۋاقىتتا بەك كېچىك ئىدى، ئۇ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ ناخشا-مۇزىكىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بايان قىلغاندىن باشقا ئەسەرلەر بايان قىلىنمىغان. ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغلى قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالغان بولۇپ، ئۇمۇ، ناخشا-مۇزىكىلارنى ئەيىبلىگەن ۋە ئاڭلاشتىن توسىغان. [تەلبىيس ئىبلىيس 229-بەت].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەھلى تەسەۋۋۇپ يەنى سوپىلاردىن بولغان بىر جامائەت، ناخشىنى مۇزىكىلىق ۋە مۇزىكىسىز ئاڭلاشنىڭ دۇرۇسلىقىغا يۇقىرىدىكى ئىككى دېدەكنىڭ ھەدىسىنى دەلىل قىلدى، بۇنىڭغا رەددىيە بېرىشكە ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھەدىسى كۇپايە قىلىدۇ، ھەدىستە؛ «ئۇ ئىككىسى ناخشىچى ئەمەس» دەپ لەۋزى جەھەتتىن ئىسپاتلانغان ئىبارىنى مەنا جەھەتتە رەت قىلدى.بىز ئەسلى ھەدىسكە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشنى ئازايتىش بىلەن بىرگە، تىكستە كەلگەن بايان بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر". [پەتھۇل بارىي2-توم 442-443-بەتلەر].

بەزىلەر ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ دۇرۇسلىقىنى ساھابە كىرام ۋە تابىئىنلارغا نىسبەت بېرىپ، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشنى دۇرۇس دېگەن، دېگەندەك بۆھتانلارنى ئۇلار چاپلاشقا جۈرئەت قىلدى.

شەيخ ئەلپەۋزان: "بىز ئاشۇ ساھابىلار ۋە تابىئىنلەرگە نىسبەت بىرىلگەن مەزكۇر سۆزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل تەلەپ قىلىمىز، دەيدۇ". ئىمام مۇسلىم ئۆز كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكتىن بايان قىلىنغان سەھىھ ئەسەرنى نەقىل قىلىپ، "ئىسناد دىننىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئەگەر ھەدىسلەرنىڭ ئىسنادى بولمىغان بولسا، خالىغان كىشى ئۆزى بىلگەن سۆزلەرنى ھەدىس دەۋالغان بولاتتى" دەپبايان قىلغان.

بەزىلەر: ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا سۆزلەنگەنھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ساغلام ئەمەس، ئۇ ھەدىسلەر پىقھى-ھەدىس ئالىملىرى تەرىپىدىن تەنقىت قىلىنغان دەيدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار گۇمان قىلغاندەك، ناخشا-مۇزىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەنگەنھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىئاجىز ھەدىسلەردىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن بەزىلىرى قۇرئان كەرىمدىن قالسا ئەڭ سەھىھ دەپ قارالغان ئەسەر بۇخارىيدا بايان قىلىنغان، ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەسەن دەرىجىلىكلىرى ۋە ئاجىزلىرىمۇ بار. ئۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇ ھەدىسلەر ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىل-ئىسپات بولالايدۇ.

ئەبۇ ھامىد ئەل-غەزالىيدىن باشقا بارلىق ئالىملار ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. ئىمام غەزالىي ھەدىسشۇناسلىق ئىلمى بىلەن مەشھۇر ئەمەس ئىدى. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ غەزالىينىڭ خاتالىقىنى تولۇق بايان قىلىپ بەردى. شۇنىڭدەك ئىبنى ھەزىممۇ: بۇ ھەقتە سەھىھ دەلىل ئۈچراتقان بولسام ئۇنى بايان قىلغان بولاتتىم دەيدۇ. ئەمما ھازىرقى دەۋرىدە ھەدىس تەتقىقات ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغۈچى ئالىملارنىڭ كۆپلۈكى ۋە بۇ كەسىپ بويۇنچە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ زورلىقى سەۋەبلىك، مەزكۇر ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكى ئوچۇقلاشتۇرۇلدى. بۇ ھەدىسلەرنىڭ سەھىھلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتتى. ئۇلار بۇ مەسىلىگە ئىبنى ھەزىمگە ئوخشاش ئىلمى قارىماستىن بەلكى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قاتمال قاراشتا بولدى. چۈنكى ئۇلار ھەدىسشۇناسلىق ئىلمىنى چۈشەنمەيتتى.

بەزى ئالىملار ناخشا-مۇزىكىنىڭ كۆپىنچە كېچىلەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان ھاراق سورۇنلىرىدا بولىدىغانلىقىدىن، ھاراق بىلەن كىچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈش ھارام بولغاندەك ئۇنىمۇ ھارام دەپ قارىغان.

ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى ئۇنىڭ زىنا-ھاراق بىلەن بىرگە بايان قىلىنغانلىقىدىن دەپ قارالسا بۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر شۇنداق قارىغاندا زىنانىڭ پەقەت ھاراق، ناخشا -مۇزىكا بىلەن بولغاندا ھارام بولىدۇ، ئايرىم بولسا ھارام بولمايدۇ دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ، بۇنداق ئىسپاتلاش توغرا ئەمەس. مىسالغا ئالساق: ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە:إِنَّهُ كَانَ لَا يُؤْمِنُ بِاللَّـهِ الْعَظِيمِ ، وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ الْمِسْكِينتەرجىمىسى: (ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى. مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى. [سۈرە ھاققە 33-ئايەت].

ئەگەر يۇقىرىقى ئايەتنى ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە چۈشەنسەك، ئازابلىنىش ئاللاھقا ئىشەنمەسلىكتىن ئەمەس پەقەت مىسكىنگە تاماق بېرىشكە تەرغىب قىلمىغانلىقتىندىيىلىدۇ، بۇ توغرا چۈشەنچە ئەمەس. ئۇنڭغا ئوخشغان ئىشلارنىڭ ھاراملىقى باشقا دەلىللەردىن بىلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن جاۋاپ بېرىمىزكى، بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، چالغۇ-ئەسۋابلىرىنىڭ ھاراملىقىمۇ باشقا دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. [نەيل ئەلئەۋتار 8- توم 108- بەت].

بەزىلەر: ئايەتتىكىلَهْوَ الْحَدِيثِ "بىھۇدە سۆز" دېگەندىن، ناخشا -مۇزىكا دېگەنلىك چىقمايدۇ دەپ قارايدۇ، يۇقىرىدا بىز بۇ قاراشلارغا رەددىيە بېرىپ ئۆتتۇق.

ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئايەتتىكىلَهْوَ الْحَدِيثِ"بىھۇدە سۆز" دېگەننى، ناخشا-مۇزىكا دەپ، چۈشەندۈرۈش مۇشۇ ئايەت توغرىسىدا دېيىلگەن ئەڭ توغرا سۆزدۇر. چۈنكى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۇقىرىقى ئايەتتە توختالغاندا، ئاللاھ بىلەن ئۈچ قېتىم قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، بۇنى ناخشا-مۇزىكا دەپ ئىسپاتلىغان ۋە بۇخىل كۆز قاراشتىكى ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنى دەلىل كەلتۈرگەندىن سىرت، باشقا ئالىملارنىڭمۇ سۆزىنى بايان قىلىپ: مۇشۇ بۆلۈمدەئېيتىلغانئەڭ توغرا سۆزپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈلگەن ھەدىس، ساھابىلەرنىڭ ۋە تابىئىنلارنىڭ بۇ ھەدىس توغرىسىدىكى قارىشىدۇر، دەيدۇ. [تەپسىر قۇرتۇبىي].

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ بۇ تەپسىرنى بايان قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق دەيدۇ: "ھاكىم ئەبۇ ئابدۇللاھ ئۆزىنىڭ ئەلمۇستەدرەك ناملىق ئەسىرىنىڭ تەپسىر بۆلۈمىدە، بۇ بىلىمگە قىزىققۇچى ئوقۇغۇچىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇخارى-مۇسلىمنىڭ قارىشىدا قۇرئان كىرىم نازىل بولىۋاتقان دەۋرىدىكى ساھابىلەرنىڭ ئايەتكە قىلغان تەپسىرى، مۇسنەد ھەدىسنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ، دەپ قەيت قىلغان". يەنە بىر جايدا: "ئۇلارنىڭ تەپسىرىي بىزنىڭ قارىشىمىزدا مەرپۇ ھەدىسنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ،" دېگەن. يۇقىرىقى باھاغا قاراپ چىقىش ياخشىراق دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، كېيىنكىلەرنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلغاندىن ئۇلارنىڭ تەپسىرىنى قوبۇل قىلىش ئەۋزەلراقتۇر. چۈنكى ئۇلار ئۈممەت ئىچىدىن، ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان ئايەتلىرىدىن بولغان مەقسەت ۋە مۇرادلىرىنى ھەممىدىن بەكرەك بىلگۈچىدۇر، قۇرئان ئۇلارغا چۈشۈرۈلدى، تۇنجى بولۇپ ئۇلارغا خىتاب قىلىندى. ئىلمى ۋە ئەمەلى تەرەپتىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنىچۈشەندۈرۈشلىرىگە گۇۋاھ بولدى. ئۇلار تىلىنىڭ پاساھەتلىكى بىلەن، ئەرەب تىلىنى ئەڭ روشەن ئۇسۇلدا چۈشەنگۈچىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتنى ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن چەتنەپ باشقا تەرەپكە بۇراش توغرا بولمايدۇ. [ئىغاسەتۇل لەھپان].

بەزىلەر: ئەگەر ناخشا-مۇزىكا بىلەن ئاللاھ تائالاغا بولغان تائەت-ئىبادەت مەقسەت قىلىنىدىكەن ئۇ تائەت-ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر، دەپ قارايدۇ!!!.

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ۋاي ئېسىت!! قايسى ئىمان نۇرى، كۆز قاراش، چۈشەنچە، ھىدايەت، مەرىپەتتىن ئۇ!!، ئاللاھ جازالايدىغان، ئاللاھۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۆچ كۆرىدىغان توقۇلما سۆزلەر بىلەن ئوقۇلغان بېيىتلاردىن تائەت-ئىبادەت ھاسىل بولىدىغان!!. قەلبى ئويغاق، ئەقلى ھوشى جايىدا ئىنسان، قانداقمۇ ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان، ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىمۇ جازالانىدىغان بىمەنە قىلىقلار بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىمىز ۋە ئىمانىمىز زىيادە بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاللاھ رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بولىمىز دېيەلەيدۇ؟!!." [مەدارىجۇس سالىكىين 1- توم 485- بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ دائىم ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشقا ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشقا ئادەتلەنگەن كىشى، ئۇنىڭدىن دائىم بەھرى ئالغانلىقتىن، مەزكۇر كىشىنىڭ قەلبى قۇرئان تىڭشاشقا تەلپۈنمەيدۇ، ۋە ئۇنى تىڭشاش بىلەن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەگەر قۇرئان تىڭشىسا ناخشا تىڭشىغاندىكىدەك ھۇزۇر ئالالمايدۇ، بەلكى قۇرئان تىڭشىسا غەپلەتتە، پەرۋاسىزلىق بىلەن بېرىلمەستىن تىڭشايدۇ، ئەمما ناخشا- مۇزىكىدىكى ئالقىش ۋە ئىسقىرتىشلارنى ئاڭلىغاندا ئاجايىپ بېرىلىپ، ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ چىن قەلبى بىلەن قۇلاق سالىدۇ". [ئەلمەجمۇئ 11- توم 557 - بەت].

بەزىلەر: مۇزىكىلىق چالغۇ-ئەسۋابلىرى قەلبنى يۇمشىتىدۇ، تۇيغۇلارنى ئويغىتىدۇ، مېھرى-شەپقەتنى قوزغىتىدۇ دېگەندەك پەلسەپىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ، بۇ سۆزلەر توغرا ئەمەس، بەلكى ئۇ ھاۋايى-ھەۋەس، شەيتانى شەھۋەتنى قوزغايدۇ. ئەگەر ئىش ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىدەك بولىدىغان بولسا ئىدى، ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلارنىڭ قەلبى يۇمشاپ، ئەخلاقى ياخشىلىنىپ كەتكەن بولاتتى، بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەن، ئەخلاقى ناچار كىشىلەردۇر.

سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا شۇنى خۇلاسىلايمىزكى؛ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەردىن (ئىنساپلىق كىشىلەر بولسا)، ناخشا-مۇزىكىنى دۇرۇس دېگەن سۆزنىڭ ئېتىبارغا ئىلىنىدىغان سۆز ئەمەسلىكىتولۇق ئىسپاتلاندى. بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش يوق، قادىر بولالىغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ھەقتەكىشىلەرگە چىرايلىق نەسىھەت قىلىش، ئاندىن تەدرىجى ئىنكار قىلىش زۆرۈربولىدۇ.

دىن ۋە دىيانەتلىك كىشىلەر غېرىپسىنىپ قالغان بۇ دەۋىردە، بىرەر مەشھۇر كىشىنىڭ ناخشا-مۇزىكىنى تۈرگە ئايرىشى ياكى ئۇنى دۇرۇس دېگەن قاراشنى قوللىغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. ناخشا-مۇزىكا، چالغۇ ئەسۋابلىرىنى دۇرۇس دېگەن كىشى بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل خاھىشىگە ياردەم بەرگەن بولىدۇ، ئالىم ئېزىپ كەتكەندە كىشىلەر پىتنىگە چۈشىدۇ. مۇسۇلمانلار بىرەر مەسىلىگە دۈچ كەلگەندە، ئالىملارنىڭ مەزكۇر مەسىلە توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن ئەمەل قىلىش ئاسانراق بولغىنىنى تاللايدۇ، ئۆز گۇمانىدا ئۇلار دەلىللەر توغرىسىدا ئىزدەنگەن بولىدۇ، بەلكى شەك-شۈبھىلەر ئۆز ئارا تالىشىش، توقۇنۇش ئارىسىدا كۈچلىنىدۇ. شۇنىڭدەك بەزى كىشىلەرئىسلام شەرىئىتى نامى بىلەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىپ كىشىلەرگەيول ئىچىپ بەردى. ئىسلام شەرىئىتى ئۇنداق كىشىلەر ۋە ئۇ ئەمەللەردىن ئادا-جۇدادۇر.

قېرىندىشىم! دىنىڭىزنى پالانى مۇنداق دېگەن، پوكۇنى مۇنداق دېگەن، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ نۇرى ئاستىدا بىلىشكە ھېرىسمەن بولۇڭ. ھەقىقەت كىشىلەر بىلەن بىلىنمەيدۇ بەلكى ھەقىقەت ئارقىلىق كىشىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالاغا بويسۇنغان، ھاۋايى-ھەۋىسىنى تەرك قىلغان كىشى ئۈچۈن ناخشا-مۇزىكا ھەققىدە بىزنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىز يىتەرلىكتۇر. بەلكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر ھەقىقى مۆمىنلەرنىڭ قەلبىگە شىپا بولىدۇ. تەشۋىش-ۋەسۋەسە ئىچىدە قالغان كىشىلەرنىڭ تۇراقسىزلىقىنى ياخشىلىققا ئاغدۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يۈز ئۆرۈپ ئالىملارنىڭ رۇخسەتلىرىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ قەلبىنى غەش قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا ئىلگىرىكىلەر بىلەلمىگەن يېڭىلىقلارنى ئىلىپ كەلدۇق دەپ، ئاللاھ تائالاغا ئىلىمسىز ھالەتتە يالغاننى توقۇيدۇ، پىسقى-پۇجۇردىن چىقىشنى مەقسەت قىلىپ، بىدئەت-مۇنكىراتلارغا چۈشۈپ قالىدۇ، (ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى بەرىكەتلىك قىلمايدۇ)، ئەگەر ئۇلار ھەق يول تۇتىدىغانبولسا ئىدى، مۆمىنلەرنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بولاتتى.

توغرىسىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

مۆمىنلەر ئۈچۈن توغرا يولنى بايان قىلىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە كىراملىرىغا قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن كىشىلەرگەئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

بۇ ماقالە: شەيخ سەئدىددىن ئىبنى مۇھەممەد ئەل كۇببىنىڭ "ئەززەربۇ بىننەۋا لىمەن ئەباھە لىلھەۋا" ناملىق رىسالىسىدىن قىسقارتىپ ئىلىندى. بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇرراق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خالىغانلار: شەيخ ئەللامە سالىھ ئىبنى پەۋزان ئەلپەۋزاننىڭ "كىتابۇل ئىئلام بىنەقد كىتاب ئەلھەلال ۋەلھەرام" ناملىق ئەسىرىگە، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييۇمنىڭ "ئەسسىمائ" ناملىق ئەسىرىگە، شەيخ ناسىرىددىن ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھنىڭ "تەھرىم ئالات ئەلتەرب" ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد