ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئىددەتنى ئېرى بىلەن بىرگە ياشىغان ئۆيدە تاماملىشى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا پۇرەيئە بىنتى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ ئايال ئېرى ۋاپات بولغاندا ئىددەتنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تاماملاش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا رۇخسەت سوراپ كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: «ئىددەت ۋاقتىڭىز توشقانغا قەدەر ئۆيىڭىزدە تۇرىسىز» دېدى، ئۇ ئايال: مەن ئۆيۈمدە تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتتۇم دېدى. ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولغاندا مەندىن ئۇ توغرىدا سوراپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ، مەن ئۇنىڭغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭا دېگەن سۆزىنى يەتكۈزدۈم، شۇنىڭ بىلەن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇ بويۇنچە ھۆكۈم قىلدى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2300-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1204-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ھەسەن سەھىھ دېگەن].
ئىبنى ئەبدۇلبەر بۇنى تۆت ئىمامنىڭ سۆزى دەپ زىكىر قىلىپ ئاندىن مۇنداق دېدى: "ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇنداق دەيدۇ: "ئېرى ۋاپات بولغان ئايال ئېرى بىلەن بىرگە تۇرغان ئۆيدە ئىددەت تۇتىدۇ، ئۇ ئۆي ئۆزىنىڭ ئۆيى بولسۇن ياكى ئېرىنىڭ ئۆيى بولغان ئوخشاش، ئىددىتى ئاخىرلاشقىچە كېچىسى پەقەت شۇ ئۆيدە قونىدۇ، بەزى ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن كۈندۈزى سىرتلارغا چىقسا بولىدۇ". ["ئەلئىستىزكار" 18-توم 181-بەت].
ئىككىنچى: بۇ يەردە ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ ئۆيدىن چېقىشىنى دۇرۇس قىلىدىغان بەزى ئۈزۈر، سەۋەبلەر بار. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يا أيها النَّبِيُّ إِذَا طَلَّقْتُمْ النِّسَاءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحْصُوا الْعِدَّةَ وَاتَّقُوا اللَّهَ رَبَّكُمْ لا تُخْرِجُوهُنَّ مِنْ بُيُوتِهِنَّ وَلا يَخْرُجْنَ إِلاَّ أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى) سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار. ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، (ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن (ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن) چىقىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر» [سۈرە تالاق 1-ئايەت].
ئايالنىڭ ئېغىزى يامانلىقى، ناچار سۆز قىلىدىغانلىقىمۇ ئوچۇق پاھىشەنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ.
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ تەپسىرىنىڭ 8-توم 144-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئوچۇق پاھىشە دېگەن: ئايالنىڭ ناچارلىقى، ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېغىزىنى بۇزۇپ ھاقارەت قىلىشى قاتارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇبەي ئىبنى كەئەب، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئىكرەمە ۋە باشقا ئالىملارمۇ شۇنداق قارايدۇ.
سەئدىي رەھىمەھۇللاھ تەپسىرىنىڭ 869-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا» يەنى: ئوپ-ئوچۇق ناچار ئىشنى قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايالنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىش لازىم بولىدۇ، ئەگەر ئۆيدىن چىقىرىۋەتمىسە، ئاغزاكى ياكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئائىلىدىكىلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ".
مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئىنساپ" 24-توم 153-بەتتە، ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئىددىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "مەزھەپتىكى توغرا قاراشتا ئايال ئەزىيەت يەتكۈزسە ئۇنى ئۇ ئۆيدىن يۆتكىۋېتىش دۇرۇس بولىدۇ.
ئايالنى ئەزىيەت يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن يۆتكىۋېتىش دۇرۇس بولىدىكەن، ئايال ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىكەن ئۇنى يۆتكىۋېتىش ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ.
دوكتۇر ۋەھبەتۇز زۇھەيلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىددەت ئىچىدە ئايالنىڭ سەۋەبسىز ئېرىنىڭ ئۆيىدىن باشقا ئۆيگە يۆتكىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما سەۋەپ بىلەن بولسا بولىدۇ، ئېرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆينىڭ بىخەتەر بولماسلىقى، ئۆينىڭ چەت-ئائىلىلىك يوق يەرلەردە بولىشى ياكى ئۆزى بىلەن ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىدا تىل-ھاقارەت، دەشنەملەر ۋە ئەزىيەتلەرنىڭ بولىشى قاتارلىقلار، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لا تُخْرِجُوهُنَّ مِنْ بُيُوتِهِنَّ وَلا يَخْرُجْنَّ إِلاّ أَنْ يَأْتِينَ بِفاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ تەرجىمىسى: «(ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن (ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن) چىقىدۇ» [سۈرە تالاق 1-ئايەت].
يۇقىرىدىكىگە ئوخشىغان سەۋەبلەر بىلەن بولىدۇ.
دوكتۇر خالىد مىسلەھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئۆيىدىن يۆتكىلىشىنى دۇرۇس قىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىدىن ياكى سۇغا غەرق بولۇپ كېتىشىدىن، ياكى دۈشمەندىن ياكى ئوت ئاپىتىدىن، ياكى يالغۇزلۇقتىن، ياكى ئۆينىڭ تام-توساقلىرى ياخشى بولماي ئوغرى-قاراقچىلارنىڭ كېرىپ قىلىشىدىن ياكى پاسىق-پاجىرلارنىڭ ئۆزىگە چېقىلىشىدىن ياكى ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياكى خولۇم-خوشنىلارنىڭ قاتتىق ئەزىيەتلىرىدىن ياكى ئەتراپتىكى خوشنىلىرىنىڭ كۆچۈپ كېتىشى بىلەن يالغۇز قالغانلىقىدىن ئەنسىرىسە، ئۇ ئايالنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەۋەبلەردىن ئۇ ئۆيدە تۇرۇشى ئۈزۈرلۈك بولغاندىن كېيىن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئۇ ئۆيدە تۇرۇش مۇمكىن بولمىسا خالىغان بىر ئۆيگە يۆتكەلسە بولىدۇ". ["ئىددەت ئەھكاملىرى" 87-بەت].
بۇنىڭغا ئاساسەن: سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىپ ئىددەتنى تاماملىشىڭىز توغرا بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.