شەنبە 14 مۇھەررەم 1446 - 20 ئىيۇل 2024
Uygur

ۋىتىر نامىزى توغرىسىدا

سۇئال

ۋىتىر نامىزىنى قايسى شەكىلدە ئادا قىلسا ياخشى بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ۋىتىر نامىزى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئەڭ كاتتا ئىبادەتلەردىن بىرى، ئۇنىڭ ۋاقتى ئىنسان خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن باشلىنىپ، تاڭ يورۇغىچە داۋاملىشىدۇ، ۋېتىرنىڭ ئەڭ ئاز سانى بىر رەكەت، ۋېتىرنى ئۈچ رەكەت، بەش رەكەت، يەتتە رەكەت، توققۇز رەكەت ۋە ئون بىر رەكەتتىن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، ۋېتىرنى نامىزىنى ئىككى رەكەت ئوقۇپ سالام بېرىپ، ئاندىن يەنە بىر رەكەتنى ئايرىم ئوقۇپ سالام بەرسىمۇ بولىدۇ، ئۈچ رەكەتنى بىر ئوقۇپ ئىككىنچى رەكەتتە تەشەھھۇتتا ئولتۇرماي ئۈچىنچى رەكەتتە بىر قېتىم تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ تاماملىسىمۇ بولىدۇ، بىرىنچى رەكەتتە«سەببەھىسمە رەببىكەل ئەئلا»نى كامىل ئوقۇپ، ئىككىنچى رەكەتتە «كاپىرۇن»، ئۈچىنچى رەكەتتە «ئىخلاس»سۈرىسىنى ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ. 

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   -ۋىتىر نامىزىنىڭ پەزىلىتى:

   ۋىتىر نامىزى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئەڭ كاتتا ئىبادەتلەردىن بىرى بولۇپ، ھەنەپى مەزھەپ ئالىملىرى ۋىتىر نامىزىنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئالىملار ۋىتىر نامىزىنى مۇسۇلمان مۇھاپىزەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىغان، تەرك قىلىشى توغرا بولمايدىغان، ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەتلەردىن دەپ قارايدۇ.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ۋىتىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى، ناچار ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىشقا لايىق بولمايدۇ».    بۇ ۋىتىر نامىزىنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   ۋىتىر نامىزىنى قانداق ئوقۇش توغرىسىدىكى سۆزىمىزنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا ئىخچاملاشتۇرىمىز:

    ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى:

ئىنسان خۇپتەن نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن-گەرچە خۇپتەننى ئالدىغا سۈرۈپ شام بىلەن بىرگە ئوقۇغان بولسىمۇ- باشلىنىپ، تاڭ يورىغۇچە داۋاملىشىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن سىلەرگە بىر نامازنى نېمەت قىلىپ بەردى، ئۇ ۋىتىر نامىزىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەر ئۈچۈن ئۇ نامازنىڭ ۋاقتىنى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن تاڭ يورىغۇچە بولغان ئارىلىقتا قىلدى». [تىرمىزى رىۋايىتى425-ھەدىس. شەيىخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"كەلتۈردى].

   -ۋېتىرنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇغان ئەۋزەلمۇ ياكى ئاخىرقى ۋاقتىدا ئوقۇغانمۇ؟.

   ھەدىستە بايان قىلىنىشچە، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئويغىنىشقا ئىشەنچ قىلىدىغان كىشى ئۈچۈن ۋېتىرنى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش ياخشى بولىدۇ، چۈنكى كېچىنىڭ ئاخىرىدىكى ناماز ئەۋزەلدۇر، ئۇنىڭغا پەرىشتىلەر ھازىر بولىدۇ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئويغىنىشقا ئىشەنچ قىلالمايدىغان كىشى ئۈچۈن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋىتىر ئوقۇش ياخشى بولىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىنىڭ ئاخىرىدا تۇرالماسلىقتىن ئەنسىرىگەن كىشى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ۋىتىر ئوقۇسۇن، كېچىنىڭ ئاخىرىدا تۇرۇشقا ئىشەنچ قىلىدىغان كىشى ۋېتىرنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇسۇن، چۈنكى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغان نامازغا پەرىشتىلەر ھازىر بولىدۇ، بۇ ئەۋزەلدۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 755-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ توغرىدۇر، مۇتلەق كەلگەن باشقا ھەدىسلەرمۇ بۇنىڭغا قارىتىلىدۇ، بۇ ئوچۇق، سەھىھ بولغان پەزىلەتتۇر، ۋىتىر توغرىسىدا كەلگەن:«دوستۇم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا ۋىتىر نامىزى ئوقۇماستىن بۇرۇن ئۇخلىماسلىق توغرىسىدا تەۋسىيە قىلدى» دېگەن ھەدىس، كېچىنىڭ ئاخىرىدا تۇرۇشقا ئىشەنچ قىلالمايدىغان كىشىگە قارىتىلىدۇ". ["شەرھى مۇسلىم" 3-توم 277-بەت].

-ۋىتىر نامىزىنى قانداق ئوقۇش توغرىسىدا. 

     ۋىتىر نامىزىنىڭ ئەڭ ئاز مىقدارى بىر رەكەت بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ۋىتىر نامىزى كېچىنىڭ ئاخىرىدا بىر رەكەت بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى752-ھەدىس].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كېچىلىك ناماز ئىككى رەكەت، ئىككى رەكەتتىن ئوقۇلىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاڭ يورۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىسە، بىر رەكەت ناماز ئوقۇسۇن بۇ ئىلگىرى ئوقۇغان نامىزى ئۈچۈن ۋىتىر بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 911-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى749-ھەدىس].

   ئەگەر ئىنسان بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇسا سۈننەتكە ئەمەل قىلغان بولىدۇ، ۋېتىرنى ئۈچ رەكەت، بەش رەكەت، يەتتە رەكەت ۋە توققۇز رەكەت ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

   ۋىتىر نامىزىنى ئۈچ رەكەت ئوقۇغان كىشى ئىككى خىل ھالەتتە ئوقۇسا بولىدۇ: بىرىنچى: ئەڭ ئاخىرىدا تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ بىر تەشەھھۇت بىلەن ئۈچ رەكەتنى بىرلا ئوقۇيدۇ، ئىككىنچى رەكەتتە تەشەھھۇتتا ئولتۇرمايدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋېتىرنىڭ ئىككىنچى رەكىتىدە سالام بەرمەيتتى، يەنە بىر لەپزىدە: ئۈچ رەكەت ۋىتىر ئوقۇيتتى ئىككىنچى رەكەتتە ئولتۇرماستىن ئاخىرقى رەكەتتە تەشەھھۇتتا ئولتۇراتتى». [نەسائى رىۋايىتى 3-توم 234-بەت، بەيھەقىي 3-توم 31-بەت، ئىمام نەۋەۋىي "ئەلمەجمۇ" 4-توم 7-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "نەسائى ھەسەن ئىسناد بىلەن، بەيھەقى سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان"]. 

    ئىككىنچى: ئىككى رەكەت ئوقۇپ سالام بېرىپ، ئاندىن ئۈچىنچى رەكەتنى ئايرىم ئوقۇيدۇ، بۇ توغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، «ئۇ كىشى ۋىتىر ئوقۇغاندا ئىككى رەكەت بىلەن بىر رەكەتنىڭ ئارىسىنى بىر سالام بىلەن ئايرىپ ئوقۇيتتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن». [ئىبنى ھىببان  رىۋايىتى 2435-ھەدىس. ئىبنى ھەجەر "پەتھۇلبارى" 2-توم 482-بەتتە بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى كۈچلۈك دېگەن].

    ئەمما بەش رەكەت ۋە يەتتە رەكەت ۋىتىر ئوقۇغاندا ئۇنى ئۇلاپ ئوقۇيدۇ، ئارىلىقتا ئولتۇرماستىن ئەڭ ئاخىرقى رەكەتتە تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ سالام بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئون ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، بەش رەكەت ۋىتىر قىلاتتى، ئەڭ ئاخىرقى رەكەتتە ئولتۇرۇپ تەشەھھۇت ئوقۇيتتى». [مۇسلىم رىۋايىتى 737-ھەدىس].

    ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەش رەكەت ۋە يەتتە رەكەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، ئۇنىڭ ئارىسىنى سۆز بىلەن ياكى سالام بىلەن ئايرىمايتتى». [ئىمام ئەھمەد 6-توم 290-بەتتە، نەسائى رىۋايىتى1714-ھەدىس. ئىمام نەۋەاۋىي: ئىسنادى ياخشى دېگەن. "پەتھۇر رەببانىي" 2-توم 297-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى"دە كەلتۈرگەن].

    توققۇز رەكەت ۋىتىر ئوقۇغاندا، ھەممىسى ئۇلاپ ئوقۇلىدۇ، سەككىزىنچى رەكەتتە تەشەھھۇتتا ئولتۇرىدۇ، ئاندىن سالام بەرمەستىن تۇرۇپ توققۇزىنچى رەكەتنى ئوقۇپ تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ ئاندىن سالام بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توققۇز رەكەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، پەقەت سەككىزىنچى رەكەتتە ئولتۇرۇپ تەشەھھۇت ئوقۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىپ، ھەمدە -سانا ئېيتىپ ، دۇئا قىلىپ ئاندىن سالام بەرمەستىن ئورنىدىن تۇرۇپ توققۇزىنچى رەكەتنى ئوقۇپ تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىپ، ھەمدە -سانا ئېيتىپ ، دۇئا قىلىپ ئاندىن بىزگە ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا سالام بېرەتتى». [مۇسلىم رىۋايىتى 746-ھەدىس].

    ئەگەر ئون بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇسا، ھەر ئىككى رەكەتتە بىر قېتىمدىن سالام بېرىپ ئاخىرقى بىر رەكەتنى تاق ئوقۇيتتى.

    ۋىتىر نامىزىنى ئىككى رەكەت ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىپ ئاندىن يەنە بىر رەكەت ئوقۇپ سالام بېرىپ  ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، بىر سالام بىلەن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، بۇ ھالەتتە پەقەت بىر قېتىم يەنى ئاخىردا تەشەھھۇتتا ئولتۇرىدۇ، ئىلگىرى بايان قىلغانغا ئوخشاش.

   -ۋىتىر نامىزىدا قايسى سۈرىلەرنى ئوقۇيدۇ؟:

   ۋىتىر نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكەتتە «سەببەھىسمە رەببىكەل ئەئلا»نى كامىل ئوقۇپ، ئىككىنچى رەكەتتە «كاپىرۇن»، ئۈچىنچى رەكەتتە «ئىخلاس»سۈرىسىنى ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ. ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋىتىر نامىزىدا: سەببەھىسمە رەببىكەل ئەئلا، كاپىرۇن ۋە ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇيتتى». [نەسائى رىۋايىتى 1729-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر" توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋىتىر نامازلىرىنىڭ شەكىللىرى ھەدىستە بايان قىلىنغان، مۇسۇلمان بىر خىل شەكىلنى لازىم تۇتىۋالماستىن ئارىلاپ-ئارىلاپ ھەممە شەكىللەر بىلەن ئوقۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلغان بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى