ئېرىڭىزنىڭ قىلغىنى چوڭ گۇناھتۇر، سىزنىڭ تالاق تەلەپ قىلىشىڭىز يوللۇق بولىدۇ، ئۇنىڭ تەۋبە قىلغانلىقى ئېنىق بولمىسا، بەلكى سىزنىڭ تالاق تەلەپ قىلىش ھەققىڭىز باردۇر.
ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ ئاشكارا تەۋبە قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىسىڭىز، ئەگەر ئېرىڭىز سىزدىن جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالسا، سىز ئۇنى: تەۋبە قىلمىغان بولسام ئايالىم تالاق بولۇپ كەتسۇن دەپ قەسەم قىلدۇرۇش بىلەن تەكىتلەڭ. ئەر-ئايال بولغاندىن كېيىن سىز ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشىڭىز كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭدا كېسەللىك بولۇپ، ئۆزىڭىزگە يۇقتۇرۇۋېلىشتىن ئەنسىرسىڭىز، ئۇنى دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ ساق ياكى كېسەللىكىنى ئىسپاتلاڭ، ياكى تاپالىسىڭىز كېسەللىك يۇقۇشتىن ساقلىنىدىغان قاپچۇقلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بولسىمۇ ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭ.
شەرىئەتتە ۋاجىپ بولغان ئەسلى پرىنسىپ بۇنىڭدىن ئىبارەت. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەر كىشى ئايالىنى تۆشەككە چاقىرغان ۋاقتىدا ئايال ئۇنىمىسا، شۇنىڭ بىلەن ئەر ئايالىدىن رەنجىپ قالسا، تاڭ يورۇغانغا قەدەر پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا لەنەت ئېيتىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 3237-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1736-ھەدىس].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! ئەر كىشى ئايالىنى تۆشەككە چاقىرغان ۋاقتىدا ئايال ئۇنىمىسا، ئەر ئۇ ئايالدىن رازى بولغانغا قەدەر ئايالغا ئاسماندىن غەزەپ ياغىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 1736-ھەدىس].
بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايال پەرز ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان بولسا ياكى سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا ئەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى تەلەپ قىلىشى يوللۇق بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ۋاقىتتا ئەر ئايالى بىلەن كۆڭۈل ئاچسا بولىدۇ، چۈنكى بۇمۇ تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ھېسابلىنىدۇ. ئايال پەرز ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولمىغان ۋە كېسەل بولۇپ قالمىغان ھالەتتە ئەر ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئاچسا بولىدۇ". ["كەشاپۇل قىنا" 5-توم 189-بەت].
ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرگە جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىنى بېرىش ئۇنىڭ خاتا يولدىن قايتىپ تەۋبە قىلىشىغا ياردەم بولىدۇ، ئەر كىشىنى ھارام ئىشتىن يىراق قىلىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن كۆڭلىڭىز ئارام تاپمىسا ياكى كېسەل يۇقۇپ قىلىشتىن ئەنسىرسىڭىز، ئېرىڭىزدىن غەۋغا قىلماي ياكى ئۇنى رەسۋا قىلماي چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىڭ، ئەۋلادلىرىڭىزنىڭ ئىشنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇڭ، ئاللاھ ئۇلارغا سىزدىنمۇ بەك مېھرىباندۇر.
ئەگەر ئېرىڭىز ئۆزىنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىنى تەلەپ قىلمىسا، پەقەت بالىلارنىڭ ئانىسى-ئاتىسى بولۇپ ياشاشقا رازى بولسا، سىزگە گۇناھ بولمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئېرىڭىزنىڭ ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن باشقا بىر ئايال بىلەن توي قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالادىن ئېرىڭىزنى تەۋبىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى ۋە تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشنى، ئىككىڭلارنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن توغرا يولغا يېتەكلەشنى سورايمىز.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.