1,118

ئۇزۇن مۇددەت تۆلەيدىغان قەرزى بار كىشى ھەجگە بارسا بولامدۇ؟

سوئال: 41739

قەرزى بار كىشىگە ھەجنىڭ پەرز بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، بۇ ئۇزۇن مۇددەتتە تۆلەيدىغان قەرزى بار كىشىگىمۇ ئوخشاش بولامدۇ؟، بەزى كىشىلەر ئۆي-مۈلۈك بانكىسىغا قەرزدار بولۇپ بۇنى ھاياتى بويۇنچە ئۆتەيدۇ، بۇنداق كىشىگە ھەج پەرز بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئەگەر قەرز دەرھال ئۆتەيدىغان قەرز بولسا، بۇ قەرز ھەج پەرز بولۇشتىن بۇرۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ھەج قىلىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ. يەنى قەرزنى ئادا قىلىپ بولۇپ ئىقتىسادى ئېشىپ قالسا ئاندىن ھەج قىلىدۇ. ئەگەر قەرزنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەج قىلغۇدەك ئىقتىسادى بولمىسا، ئاللاھ ھەج قىلغۇدەك ئىقتىساد ئاتا قىلغۇچە كۈتىدۇ، ئەگەر قەرز قەرەللىك مۇددەت بويۇنچە ئادا قىلىنىدىغان قەرز بولسا، ئىنسان قەرەل توشقاندا قەرزنى ئادا قىلىشقا ئىشەنچ قىلالىسا، بۇ شەكىلدىكى قەرز ئىنساننى ھەج قىلىشتىن چەكلىمەيدۇ، بۇنىڭدا قەرز ئىگىسى رۇخسەت قىلسۇن ياكى رۇخسەت قىلمىسۇن ئوخشاش، ئەگەر قەرەل توشقاندا قەرزنى ئادا قىلىشقا ئىشەنچ قىلالمىسا، قەرزنى ئادا قىلىپ بولغىچە كۈتۈپ ئاندىن ھەج قىلىدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن مۇنداق دەيمىز: ئۆي-مۈلۈك بانكىسىغا قەرزى بار كىشى قەرەل توشقاندا قەرزنى ئادا قىلىشقا ئىشەنچ قىلالىسا، گەرچە ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىدە قەرز بولسىمۇ ئىمكانىيىتى بولسا ئۇ كىشىگە ھەج قىلىش پەرز بولىدۇ".  ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 21 -توم 96 -بەت].

   36852 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android