سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزاننىڭ كىرىشى ۋە ئەرەپات كۈنىنى بېكىتىش توغرىسىدا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئوخشىماسلىق بولسا، مەن روزىنى كىمگە ئەگىشىپ تۇتىمەن؟

سۇئال

   بەزى سەۋەبلەردىن پاكىستاندا تۇرىۋاتقان رايۇنىمىزدىن يۆتكەلدۇق، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىشلار ھەتتا ناماز ۋاقىتلىرىمۇ ئۆزگەردى، مېنىڭ سورايدىغىنىم، مەن ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇشقا رىغبەتلىنىمەن، لېكىن پاكىستان بىلەن سەئۇدى ئارىسىدا ھىجىرىيە تارىخى پەرقلىق بولىدۇ، يەنى روزا تۇتۇش ئىشلىرىدا بىر كۈن پەرق قىلىدۇ، مەن پاكىستان كالىندارى بويۇنچە روزا تۇتىمەنمۇ ياكى ئەرەبىستان كالىندارى بويۇنچە روزا تۇتىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئاينىڭ كۆرۈنىشى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئەرەپات كۈنىنى بېكىتىش پەرقلىق بولسا، بىز ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسىنى ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان ئاي كۆرۈلگەن رايونغا ئەگىشىپ تۇتىمىزمۇ ياكى ئىككى ھەرەم دىيارىغا ئەگىشىپ تۇتىمىزمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " بۇ مەسىلە ئالىملارنىڭ:  پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممىسىدە ئاي بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈنەمدۇ ياكى ئاينىڭ كۆرۈنۈش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىق بولامدۇ؟ دېگەن قارىشىغا قۇرۇلىدۇ .توغرىسى:  ئاينىڭ كۆرۈنۈش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىق بولىدۇ، مەسىلەن:  مەككىدە ئاي كۆرۈلگەن بولۇپ، شۇ ھېساب بىلەن توققۇزىنچى كۈنى ئەرەپات بولىدۇ، باشقا شەھەردە مەككىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئاي كۆرۈلگەن بولسا، مەككىدىكى توققۇزىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ دىيارىدا ئونىنچى كۈن بولىدۇ، بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ھېيت كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كۈندە روزا تۇتۇش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەگەر مەككىدىن بىر كۈن كېيىن ئاي كۆرگەن بولسا، مەككىدىكى توققۇزىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ دىيارىدا سەككىزىنچى كۈنى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئۆز ھېسابى بويۇنچە توققۇزىنچى كۈنى روزا تۇتىدۇ، بۇ مەككىدە ئونىنچى كۈنى ھېيت كۈنى بولىدۇ، بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار ۋە ئاينى كۆرۈپ ئىپتار قىلىڭلار يەنى ھېيت قىلىڭلار» دېگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەرىپىدە كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاينى كۆرگەن ھېسابلانمايدۇ، ئىنسانلارمۇ تاڭنىڭ يورىغانلىقى ۋە كۈننىڭ پاتقانلىقىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايوننىڭ ھېسابى بويۇنچە قىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئايلىق كالىندارمۇ كۈنلۈك ۋاقىت جەدۋىلىگە ئوخشاش بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 20-توم].

    بەزى دۆلەتلەردە ئەرەبىستان كونسۇلخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئەرەبىستانلىق خىزمەتچىلەر شەيختىن:  بىز رامىزان ئېيى ۋە ئەرەپات كۈنى مەسىلىسىدە كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرايمىز، قېرىنداشلىرىمىز بۇ توغرىدا ئۈچ بۆلەككە ئايرىلدى:

   بىر قىسمى: بىز ئەرەبىستان ھېسابى بويۇنچە روزا تۇتىمىز ۋە ئىپتار قىلىمىز دەيدۇ.

    يەنە بىر قىسمى: ياشاۋاتقان دۆلەت ھېسابى بويۇنچە روزا تۇتىمىز ۋە ئىپتار قىلىمىز  دەيدۇ.

    ئۈچىنچى قىسمى: رامىزان روزىسىنى ياشاۋاتقان دۆلەت ھېسابى بويۇنچە تۇتىمىز، ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسىنى ئەرەبىستان ھېسابى بويۇنچە تۇتىمىز دەيدۇ.

    سىلىدىن رامىزان روزىسى ۋە ئەرەپات كۈنى روزىسى توغرىسىدا قانائەتلىنەرلىك، تەپسىلى جاۋاپ كۈتىمىز، مەن ئۆتكەن بەش يىلدا خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلەتتە بىر قېتىممۇ رامىزان روزىسى ۋە ئەرەپات كۈنىدە بىر قېتىممۇ ئەرەبىستان بىلەن ئوخشاش روزا تۇتۇپ باقمىدىم، بۇ يەردە ئەرەبىستاندا رامزاننىڭ كىرگەنلىكى ئىلان قىلىنىپ بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن ھەتتا ئۈچ كۈندىن كېيىن رامىزان كىرگەنلىكىنى ئىلان قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا ، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئالىملار مۇسۇلمانلار دىيارلىرىدىن بىرىدە ئاي كۆرۈلسە، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ ئاي بويۇنچە ئەمەل قىلىشى كېرەك بولامدۇ ياكى كېرەك بولمامدۇ؟ ياكى بىر رايۇندىكىلەر كۆرگەن بولۇپ، ئاينىڭ چىقىش ئورنى شۇنىڭغا توغرا كىلىدىغان باشقا رايۇندىكىلەر ياكى ئاي كۆرۈلگەن رايونغا تەۋە بولغان بارلىق شەھەردىكەر شۇنىڭغا ئەگىشەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشتى ۋە بىر قانچە تۈرلۈك قاراشتا بولدى.

بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش شۇنى بىلىدىغان كىشىلەرگە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بولىدۇ، ئىككى شەھەردە ئاينىڭ چىقىش ئورنى ئوخشاش بولسا، ئۇ بىر شەھەرنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، بىرسىدە ئاي كۆرۈلسە بۇ يەنە بىرىگىمۇ ئىسپاتلىنىدۇ، ئەمما ئاينىڭ چىقىش ئورنى ئوخشاش بولمىسا، ھەر بىر شەھەرنىڭ ھۆكمى ئايرىم بولىدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى ئىختىيار قىلغان، بۇ ھەم قۇرئان- ھەدىستىكى دەلىللەر ۋە قىياسنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇندۇر.

    قۇرئاندىن بولغان دەلىل، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ ۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۗ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ تەرجىمىسى: سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ». [سۈرە بەقەرە 185 ئايەت].

    ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا كۆرە، ئاينى كۆرمىگەن كىشىگە روزا تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ.

    ھەدىستىن بولغان دەلىل: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار ۋە ئاينى كۆرۈپ ئىپتار قىلىڭلار يەنى ھېيت قىلىڭلار» ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا كۆرە، ئاينى كۆرمىسەك روزا تۇتۇش ۋە ھېيت قىلىشىمىز كېرەك بولمايدۇ.

   قىياسقا كەلسەك: روزا تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىش دېگەن ھەر شەھەرنىڭ ۋە كۈن چېقىش ۋە كۈن ئولتۇرۇش ئوخشاش بولغان شەھەرلەرنىڭ ھۆكمى بىر بولىدۇ، ئالىملار بۇنىڭغا ئىتتىپاققا كەلگەن. مەسىلەن:  ئاسىيانىڭ شەرقى رايونلىرىدىكى كىشىلەر غەربى رايونلىرىدىكى كىشىلەردىن بۇرۇن ئىپتار قىلىدۇ، چۈنكى شەرقتە تاڭ بۇرۇن يورۇيدۇ، شۇنىڭدەك قۇياشمۇ بۇرۇن پاتىدۇ، مۇشۇ كۈنلۈك روزا تۇتۇش ۋە ئىپتار قىلىشتا ئىسپاتلانسا ئايلىق ئىپتار قىلىش ۋە روزا تۇتۇشمۇ ھېچ پەرقلىق بولمايدۇ.

    لېكىن ئىككى شەھەر بىر ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا بولسا، شەھەر ھاكىمى روزا تۇتۇشقا ياكى ئىپتار قىلىشقا بۇيرىسا ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئىختىلاپ بولغان مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن ھاكىمنىڭ ھۆكمى ئىختىلاپنى يوق قىلىدۇ.

     شۇنىڭغا ئاساسەن، سىلەر خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلەتتىكى كىشىلەر روزا تۇتسا روزا تۇتۇڭلار، ئىپتار قىلسا يەنى ھېيت قىلسا ئىپتار قىلىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەسلى يۇرتۇڭلارغا مۇۋاپىق كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن ئوخشاش، شۇنىڭدەك ئەرەپات كۆندىمۇ سىلەر تۇرىۋاتقان يۇرتنىڭ كالېندار ھېسابىغا ئەگەشسەڭلار بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"19-توم].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى