جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

روزىنىڭ بەزى سۈننەتلىرى

سۇئال

روزىنىڭ سۈننەتلىرى قايسى؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

روزىنىڭ سۈننەتلىرى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە ئۇنىڭدىن بىرقانچىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى: رامزاندا ئەگەر بىرەر كىشى تىللىسا ياكى دەشنام قىلسا ياكى ئەسكىلىك قىلسا ئۇ كىشى بىلەن تەڭ تۇرماستىن، مەن روزىدار دەپ جاۋاپ بېرىش رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: روزا قالقاندۇر، روزىدار كىشى باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، تىللىشىپ، ناچار سۆزلەرنى قىلمىسۇن، بىرەرسى ئۇنى تىللاپ ياكى دەشنام قىلسا، مەن روزىدار دەپ تەكرار دېسۇن. مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، روزا تۇتقۇچىنىڭ ئېغىزىنىڭ تاتلىرى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا مىسكى-ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ۋە شەھۋىتىنى مەن ئۈچۈن تەرك قىلدى، روزا مەن ئۈچۈن، ئۇنى ئۆزەم مۇكاپاتلايمەن، ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە زىيادە بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1894-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1151-ھەدىس].

ئىككىنچى: روزا تۇتقۇچى كىشى سوھۇرلۇق يېيىشى كېرەك. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سوھۇرلۇق يەڭلار، سوھۇرلۇقتا بەرىكەت بولىدۇ.. [بۇخارى رىۋايىتى 1923-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1095-ھەدىس].

ئۈچىنچى: سوھۇرلۇقنى كېچىكتۈرۈپ يېيىش كېرەك. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سوھۇرلۇق يېدۇق، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازغا تۇردى. بىرسى، سوھۇرلۇق يەپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن ئازان ئوقۇلىدۇ؟ دەپ سورىغانتى، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئەللىك ئايەت ئوقۇغانچىلىك ۋاقىت ئۆتەتتى، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1921-ھەدىس].

تۆتىنچى: كۈن پېتىش بىلەنلا ئىپتار قىلىش. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كىشىلەر ئىپتارنى كىچىكتۇرىۋەتمەستىن قىلسا دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ، دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 1957-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1098-ھەدىس].

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 49716 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

بەشىنچى: ھۆل خورما بىلەن ئىپتار قىلىش، ھۆل خورما بولمىسا قۇرۇق خورما بىلەن ئىپتار قىلىش، ئۇمۇ بولمىسا سۇ بىلەن ئىپتار قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاندا ئىپتارنى شام نامىزىدىن بۇرۇن ھۆل خورما بىلەن قىلاتتى، ھۆل خورما بولمىغاندا، قۇرۇق خورما بىلەن ئىپتار قىلاتتى، قۇرۇق خورما بولمىسا، سۇ بىلەن ئىپتار قىلاتتى، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2356-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 696-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى "ئىرۋائۇل غەلىل" ناملىق ئەسىرى 4-توم 45 - بەتتە ھەسەن دېگەن].

ئالتىنچى: ئىپتار قىلغاندا بىسمىللاھ دەپ ئېغىز ئىچىش ۋاجىپتۇر ۋە سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغاندۇر.

ئەمما: ئى ئاللاھ! مەن سەن ئۈچۈن روزا تۇتتۇم، سەن بەرگەن رىزىقتا ئىپتار قىلدىم، مېنىڭ تۇتقان روزامنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچىدۇرسەن، دېگەن بۇ ھەدىسنى ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ زادىل مىئاد ناملىق ئەسىرى 2-توم 51 -بەتتە ئاجىز ھەدىس دەپ بايان قىلغان.

يەنە بىر ھەدىستە: ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ئاللاھ خالىسا ئەجىر-ساۋاپ بېكىتىلدى، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 2357-ھەدىس. بەيھەقى رىۋايىتى 239-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ئىرۋائۇل غەلىل ناملىق ئەسەرنىڭ 4-توم 39-بەتتە ھەسەن دېگەن].

روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، تۆۋەندە ئۇ ھەدىسلەردىن بىرنەچچىنى بايان قىلىمىز:

1 -ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ (يەنى رەت قىلىنمايدۇ)، ئاتا-ئانىنىڭ، روزا تۇتقۇچىنىڭ ۋە مۇساپىرنىڭ دۇئاسى. [بەيھەقى رىۋايىتى 3/345. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1797-نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

2 - ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىپتار ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازات قىلىدۇ. [ئەھمەد رىۋايىتى 21698-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى "ئەتتەرغىب" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-تومى 491-بېتىدە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

3 - ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا رامزاننىڭ ھەر كېچە-كۈندۈزلىرىدە نۇرغۇن كىشىلەرنى دوزاختىن ئازات قىلىدۇ، رامزاننىڭ ھەر كۈنىدە مۇسۇلماننىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ. [بەززار رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب" ناملىق ئەسەر1-توم 491-بەتتە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن 37745- 37720- 13999- 14103- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى