جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

رامىزاندا سەۋەپسىز روزىنى بۇزغانلىقنىڭ جازاسى توغرىسىدا

سۇئال

مەن روزا تۇتمايمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەتتە ئازابلىنىمەنمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    رامىزان روزىسى بولسا ئىسلام قۇرۇلمىلىرىدىن بىر ئاساس بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا رامىزان روزىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ مۆمىنلىرىگە پەرز قىلىنغانلىقىنى قۇرئان كەرىمدە خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى. [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنْزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدىً لِلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِنَ الْهُدَى وَالْفُرْقَانِ فَمَنْ شَهِدَ مِنْكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ وَمَنْ كَانَ مَرِيضاً أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ تەرجىمىسى: رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى8-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 16-ھەدىس].

    روزا تۇتۇشنى تەرك قىلغان كىشى ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرنى تەرك قىلغان بولدى، چوڭ گۇناھلاردىن بىرنى سادىر قىلغان بولدى، بەلكى بەزى سەلەپ ئالىملىرى ئۇ كىشىنى دىندىن يېنىۋالغان مۇرتەد، كاپىر  دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن ئاللاھ ساقلىسۇن.

     ئەبۇ يەئلا ئۆزىنىڭ مۇسنەد كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىسلامنىڭ ئاساسى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئىسلام ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن بىرىنى تەرك قىلغان كىشى ئۇ بىر ئاساسقا كاپىر بولغان بولدى، ئۇنىڭ جىنى ھالال بولىدۇ: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق دەپ شاھادەت ئېيتىش، بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش، رامىزان روزىسى تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. [بۇ ھەدىسنى ئىمام زەھەبىي سەھىھ دېگەن، ھەيسەمى ھەسەن دەپ "مەجمۇئۇز زەۋائىد" 1-توم 48-بەتتە كەلتۈرگەن. مۇنزىرى"ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىيب"دە 805- ۋە1486- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىدا 94-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئىمام زەھەبى رەھىمەھۇللاھ "چوڭ گۇناھلار" ناملىق ئەسەرنىڭ 64-بەتتە مۇنداق دېگەن: كىمكى ساق تۇرۇپ، شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان سەۋەپ بىلەن رامىزان روزىسىنى تەرك قىلىدىكەن، ئۇ كىشى زىناخوردىن، ھاراقكەشتىن ئەسكىدۇر، بەلكى ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدە شەك قىلىنىدۇ، ئۇ مۇناپىق ۋە دىندىن چىققۇچى دەپ قارىلىدۇ.

     روزىنى تەرك قىلغۇچىغا بېرىلىدىغان ئازاب توغرىسىدا، ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئىككى كىشى كېلىپ مېنى قولتۇقلاپ ئۆرلەش قېيىن بولغان بىر تاغنىڭ يېنىغا ئىلىپ كېلىپ، يۇقىرىغا ئۆرلىگىن دېدى، مەن: ئۆرلىيەلمەيمەن دېدىم، ئۇ ئىككەيلەن: بىز ساڭا ياردەملىشىمىز، ۋەزىپىمىز ساڭا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش دېدى، مەن يۇقىرىغا ئۆرلەپ تاغنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە دەھشەتلىك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم ۋە ئۇلاردىن: بۇ نېمە ئاۋاز؟دەپ سورىدىم، ئۇلار: بۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ ئاھۇ-زارى دېدى، ئاندىن ئۇلار مېنى ئىلىپ، تاپىنىدىن ئېسىپ قويۇلغان، جاۋغايلىرى ئىلمەكتە تارتىلىپ قان چېقىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلدى، مەن: بۇلار كىم؟دەپ سورىدىم، ئۇ: بۇلار رامىزاندا ئىپتار ۋاقتىدىن بۇرۇن روزىسىنى بۇزغانلار دېدى. [ئىبنى خۇزەيمە رىۋايىتى1986- ئىبنى ھىببان رىۋايىتى7491-نومۇرلۇق ھەدىسلەر. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "مەۋەرىدۇززەمەئان" دېگەن ئەسەردە 1509-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مانا بۇ رامىزاندا روزا تۇتۇپ ئىپتار ۋاقتى كېلىشتىن ئىلگىرى قەستەن ئىپتار قىلىۋەتكەن كىشىنىڭ جازاسى بولسا، پەقەت روزا تۇتمىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟ ئاللاھ تائالادىن دۇنيا-ئاخىرەتتە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز.

    سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: ئاللاھتىن قورقۇڭ، تەقۋادار بولۇڭ، ئاللاھ تائالانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدىن ھەزەر قىلىڭ، تۇيۇقسىز ئۆلۈم كېلىپ، مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىراڭ، بۇگۇن ئەمەل قىلىنىدۇ، ھېساب  بولمايدۇ، ئەتە ھېساب ئېلىنىدۇ، ئەمەل بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سەمىمى تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۆزىگە بىر غېرىچ يېقىنلاشقان كىشىگە بىر گەز يېقىنلىشىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر، كۆيۈنگىچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ هُوَ يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَأْخُذُ الصَّدَقَاتِ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُhttp://tanzil.net/ - 2:185﴾ تەرجىمىسى: ئۇلار (يەنى تەۋبە قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، (خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ) سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟. [سۈرە تەۋبە 104-ئايەت].

     روزا تۇتۇپ تەجىربە قىلىپ ئۇنىڭدىكى ئاسانلىق، راھەت، ئۇلپەتلىك ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا ھەرگىزمۇ روزا تۇتۇشنى تەرك قىلمىغان بولاتتىڭىز.

     سىز ئاللاھ تائالانىڭ روزا توغرىسىدا بايان قىلغان ئايەتنىڭ تۈگۈنچىسىنى ئويلىنىپ باقسىڭىز: يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

     ئەلۋەتتە روزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىشقا لايىق بىر نېمەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكى كىشىلەردىن بولغان جامائەتلەر يىلنىڭ ھەممىسىنىڭ رامىزان ئېيى بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

     ئاللاھ تائالادىن سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى ۋە باشلاشنى، قەلبىڭىزنى ئىككى دۇنيانىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن نۇرلۇق قىلىپ بېرىشنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى