چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

روزا تۇتماسلىق ۋە نامازنى قەسىر ئوقۇش دۇرۇس بولىدىغان سەپەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى توغرىسىدا

سۇئال

روزا تۇتماسلىق دۇرۇس بولىدىغان سەپەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى قانچىلىك بولىدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كۆپچىلىك ئالىملار نامازنى قەسىر ئوقۇش ۋە روزا تۇتماسلىق دۇرۇس بولىدىغان مۇساپىنى قىرىق سەككىز مىل ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ قارىدى. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ"ئەل مۇغنى" دا مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىپىدە، ئون ئالتە پەرسەختىن قىسقا مۇساپىدە نامازنى قەسىر ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، بىر پەرسەخ ئۈچ مىلغا باراۋەر كېلىدۇ، ئون ئالتە پەرسەخ قىرىق سەككىزمىل بولۇپ جىددەدىن مەككىگىچە كېلىدۇ.

مۇشۇ قاراشقا ئاساسەن قەسىر مۇساپىسىدىن ئىككى كۈنلۈك مۇساپە مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ ساھابىلاردىن ئىبنى ئابباس، ئىبنى ئۆمەر(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)نىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام مالىك، ئەللەيس ۋە ئىمام شافىئى قاتارلىق ئالىملارمۇ بۇ قاراشنى قوللىغان. ئىككى كۈنلۈك مۇساپە نورمالدا سەكسەن كىلۇمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"12-توم 267-بەتتە سەپەر مۇساپىسىنى بېكىتىپ مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ماشىنا، ئايروپىلان، كىيمە ۋە پاراخۇت قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىغا نورمالدا سەكسەن كىلۇ مېتىر ياكى شۇنىڭغا يېقىن مۇساپىدە يول يۈرسە بۇ مۇساپە سەپەر دەپ ئاتىلىدۇ، ئۆرپ-ئادەتتىمۇ سەپەردەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، بۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئېنىق بولغان ئىش، ئەگەر بىر كىشى تۆگە ياكى ماشىنا ياكى ئايروپىلان ياكى كىيمە-پاراخوتلار بىلەن مۇشۇ مۇساپىنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك مۇساپىنى ماڭسا بۇ سەپەر دەپ ئاتىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات كومىتېتى ئالىملىرىدىن(8-توم 90-بەت)قەسىر مۇساپىسى توغرىسىدا: كىرا ماشىنا شوپۇرى ئۈچ يۈز كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرسە نامازنى قەسىر ئوقۇمدۇ؟دەپ سورىغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بويىچە نامازنى قەسىر ئوقۇش دۇرۇس بولىدىغان مۇساپە سەكسەن كىلومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، كىرا ماشىنا شوپۇرى ياكى باشقا شوپۇرلار بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان مۇساپىنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك مۇساپىنى مېڭىشنى مەقسەت قىلغاندا ئۇلار نامازنى قەسىر ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ. بەزى ئۆلىمالار سەپەر ئۈچۈن مۇئەييەن بىر مۇساپە بەلگىلەنمەيدۇ، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قارايمىز، كىشىلەر ئۆرپدە سەپەر دەپ ئېتىبارغا ئالىدىغان مۇساپە بولسا ئۇنىڭغا سەپەر قىلغۇچىنىڭ روزا تۇتماسلىقى، نامازنى قەسىر ئوقۇشى ۋە ئىككى نامازنى بىرگە جۇغلاپ ئوقۇشى قاتارلىق شەرئى ھۆكۈملەر تەرتىپ بېرىلىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"24-توم 106-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "نامازنى قەسىر ئوقۇش بىلەن رامىزاندا روزا تۇتماسلىقىنى مەلۇم بىر سەپەرگە خاس قىلماستىن، ھەرقانداق سەپەردە يولغا قويۇلغان دېگەن قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ سۆزى توغرا سۆزدۇر".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن "ئىسلام ئاساسلىرى پەتىۋاسى" ناملىق ئەسەر 381-بەتتە: "سەپەر قىلغۇچى نامازنى قەسىر ئوقۇسا دۇرۇس بولىدىغان مۇساپىنىڭ مىقدارى ۋە قەسىر ئوقۇماستىن ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇسا دۇرۇس بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "نامازنى قەسىر ئوقۇسا دۇرۇس بولىدىغان مۇساپىنى بەزى ئۆلىمالار سەكسەن ئۈچ كىلومېتىر دەپ بېكىتكەن، يەنە بەزى ئۆلىمالار گەرچە سەكسەن ئۈچ كىلومېتىرغا يەتمىسىمۇ ئۆرپىدە كىشىلەر سەپەر دەپ ئاتىغان بولسا سەپەر بولىدۇ، كىشىلەر سەپەر دەپ ئاتىمىغان بولسا گەرچە يۈز كىلومېتىرغا يەتسىمۇ سەپەر بولمايدۇ، دېگەن".

ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھسىمەھۇللاھمۇ ئاخىرقى قاراشنى تاللىغان، ئۇنداق بولىشى ئاللاھ تائالا نامازنى قەسىر ئوقۇش ئۈچۈن مۇئەييەن بىر مۇساپىنى بېكىتمىگەن، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ مۇئەييەن بىر مۇساپىنى بېكىتمىگەن.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچ مىل ياكى ئۈچ پەرسەخ مۇساپىدىكى سەپەرگە چىقسا نامازنى قەسىر ئوقۇيتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى 691-ھەدىس].

ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى توغىرىراقتۇر. كىشىلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان ۋاقىتتا، نامازنى قەسىر قىلىش ئۈچۈن مەلۇم مۇساپە بېكىتكەن ئۆلىمالارنىڭ قارىشىنى تۇتسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ سۆزنىمۇ بەزى مەزھەپ ئىماملىرى ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئالىملار دېگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزىنى تۇتساقمۇ ئاللاھ خالىسا ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئەمما ئىش ئۆرپىدە بېكىتىلگەن بولسا، ئۆرپىگە قايتىش توغرىدۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى