پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن جامائەت شەكىلدە دۇئا قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

تەراۋىھ نامىزى ، تەراۋىھ نامىزى توغرىسىدا پەيدا بولغان بىدئەتلەر ۋە تەراۋىھ نامىزىدىن كىيىن جامائەت شەكىلدە دۇئا قىلىش توغرىسىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەر بولسا بايان قىلىپ بەرگەن بولساڭلار؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سوئالنىڭ بىرىنچى تارمىقى ئۈچۈن تور بىكىتىمىزنىڭ روزا توغرىسىدىكى كۆزنىكىدىن تەراۋىھ نامىزى ۋە قەدىر كېچى دېگەن تېمىسىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئەمما تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن جامائەت شەكىلدە دۇئا قىلىش بولسا كېيىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:كىمكى دىنى ئىشلاردا بىز بۇيرۇمىغان ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ قىلمىشى رەت قىلىنىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى3243-ھەدىس].

تەراۋىھ نامىزىدىن كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ:سۇبھانە مەلىكۇل قۇددۇس دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېگەنلىكى، ئۈچىنچى قېتىمدا يۇقىرى ئاۋازدا دېگەنلىكىرىۋايەت قىلىنىدۇ.

ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋىتىر نامىزىداسەببە ھىسمە رەببىكەل ئەئلا، قۇل يا ئەييۇھەل كاپىرۇن ۋە قۇل ھۇۋاللاھۇ ئەھەد قاتارلىق سۈرىلەرنى ئوقۇيتتى، سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن: سۇبھانە مەلىكۇل قۇددۇس، سۇبھانە مەلىكۇل قۇددۇس، سۇبھانە مەلىكۇل قۇددۇس دەپ ئاخىرىدا ئاۋازىنى يۇقىرى قىلاتتى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد14929-ھەدىستە، ئەبۇ داۋۇد1430-ھەدىستە، نەسائى1699-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ نەسائىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا(1653) كەلتۈرگەن].

ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىدە جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز قىلغىنىغا ئوخشاش، ۋىتىر نامىزىدا ئىمام قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇيدۇ، جامائەتلەر ئىمامغا ئەگىشىپ، ئىمامنىڭ كەينىدە ئامىن دەيدۇ، بۇ نامازدىن كېيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشتىن ئىبارەت بولغان بىدئەت ئىشتىن بىھاجەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى