مۈندەرىجە
بىرىنچى:
رۇقىيەنى ئايەت ۋە زىكىرلەر بىلەن قىلىش سۈننەت.
رۇقىيە دېگەن؛ ئىبادەتنىڭ بىر تۈرى، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئايەتلىرى ۋە شەرئى زىكىرلەر بىلەن ئوقۇش يولغا قويۇلغان.
قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە تونۇشلۇق بولغان زىكىرلەر بىلەن رۇقىيە ئوقۇشتىن چەكلەنمەيدۇ، بەلكى بۇ سۈننەتتۇر.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئالىملار رۇقىيەنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ زىكىرلىرى بىلەن ئوقۇشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى. مازۇرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر رۇقىيە ئاللاھنىڭ كىتابى ياكى زىكىرلەر بىلەن بولسا توغرا بولىدۇ، ئەرەپ تېلىدىن باشقا تىللار بىلەن ياكى مەنىسى بىلىنمەيدىغان سۆزلەر بىلەن بولسا ئۇنىڭدا كۇپۇر سۆزلەرنىڭ بولىشى ئېھتىماللىقى بىلەن چەكلىنىدۇ". ["شەرھى سەھىھ مۇسلىم"14-توم 169-بەت].
دۇئا دېگەن ئاللاھ تائالا شىپالىقنىڭ سەۋەپلىرىدىن قىلغان بىر سەۋەبدۇر.
رۇقىيە ئوقۇش بىلەن شىپا تېپىشنىڭ ھاسىل بولىشى كېرەكمۇ؟.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئىنساننىڭ سەۋەبنى قىلىشى بىلەن نەتىجىگە ئېرىشىش لازىم كەلمەيدۇ، بەزى ۋاقىتتا مۇشۇ سەۋەبنىڭ شەرتلىرىدىن ھەممىسى تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەتىجە ھاسىل بولمايدۇ، رۇقىيەنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇماي، غاپىللىق بىلەن ئوقۇش، رۇقىيە ئوقۇلىنغۇچىنىڭ رۇقىيەنى ئۆچ كۆرۈشىگە ۋە ئۇنىڭ پايدىسى يوق دەپ ئېتىقاد قىلىشىقا ئوخشاش چەكلىمىلەرنىڭ تېپىلىشى بىلەن شۇنداق بولىدۇ.
ئىبنى قەييىم رەھىمە ھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان كەرىم بولسا مەنىۋىي ۋە جىسمانىي كېسەللىكلەرگە شىپادۇر، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ داۋاسىدۇر، ھەممە كىشى قۇرئان كەرىم بىلەن شىپا تېپىشقا مۇۋەپپەق بولمايدۇ ۋە لايىق بولمايدۇ، بىمار قۇرئان بىلەن داۋالانسا، قۇرئاننى ئىمان ۋە تەستىق بىلەن تولۇق قوبۇل قىلىش ۋە كەسكىن ئېتىقاد بىلەن ھەممە شەرتلىرىنى تولۇق قىلىپ كېسەلگە ئوقۇسا كېسەل شىپا تاپىدۇ، ھېچقانداق كېسەللىك ئۇنىڭغا قارشى كېلەلمەيدۇ". ["زادىل مىئاد" 4-توم 322-بەت].
بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ھېكمەت بىلەن كېسەلنىڭ شىپا تېپىشىنى كېچىكتۈرىدۇ ياكى چەكلەپ قويىدۇ.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ھەددىدىن ئېشىش بولمىغان دۇئا بىلەن تەلەپ قىلىنغان نەرسە ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشى ھاسىل بولىدۇ، بۇ دۇئا ئىجابەت بولۇشنىڭ چېكى، تەلەپ قىلىنغان نەرسە بەزىدە دۇئا قىلغۇچى ياكى باشقىلارغا زىيانلىق بولغانلىقى، دۇئا قىلغۇچى نادان بولۇپ بۇنىڭدىكى زىياننى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھاسىل بولىشى چەكلىنىدۇ، رەببىمىز بەندىسىگە بەك يېقىن ۋە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ئاتا-ئانىسىدىنمۇ بەك مېھرىباندۇر، ئېسىلدۇر، شەپقەتلىكتۇر. ئۇنىڭدىن بەندە بىر نەرسىنى سورىسا، ئۇنىڭ بەندىسىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بەندىسىگە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بېرىدۇ، قانداقكى بالا ئاتىسىدىن ئۆزىگە لايىق بولمىغان نەرسىنى سورىسا بالىسىغا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بەرگەندەك. ئەڭ يۈكسەك مىسال ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ["پەتىۋالارمەجمۇئەسى" 14-توم 368-بەت].
ئىبنى جەۋزى رەھىمە ھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەكلىپتىن بولغان مەقسەتنىڭ ئىنسانغا مەخپى قىلىشى نادانلىقتىندۇر، چۈنكى ئۇ مەقسەتنىڭ ئەكسىگە قويالغۇچىدۇر، ئەقىللىق كىشى غەرىزىنىڭ ئەكسى بىلەن كۆنۈشى كېرەك، ئەگەر دۇئا قىلسا، مەقسىتىگە يېتىشنى سورىسا، دۇئا بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش كېرەك، مەقسەت قىلغان نەرسىگە ئېرىشسە شۈكۈر ئېيتىش كېرەك، ئەگەر مەقسىدىگە يېتەلمىسە، تەلەپتە چىڭ تۇرۇۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى دۇنيا دېگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىگە: «سىلەر ياقتۇرمىغان نەرسە، ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېيىشى كېرەك.
نادانلىقنىڭ ئەڭ كاتتىسى: مەقسىتىنىڭ ئەكسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئىچىدە رەنجىيدۇ، بەزى ئىچىدە قارشى چىقىدۇ ياكى بەزى ۋاقىتتا: دۇئايىم ئىجابەت بولماي، مەقسىدىمنىڭ ھاسىل بولىشىنىڭ زېيىنى يوق دەيدۇ؟.بۇنىڭ ھەممىسى ئۇ كىشىنىڭ نادانلىقىنىڭ، ئىمانىنىڭ ۋە ھېكمەتكە بويسۇنۇشنىڭ ئازلىقىنىڭ ئىسپاتى". ["سەيىدىل خاتىر" 625-626-بەتلەر].
ئاللاھ تائالا بەزى ۋاقىتتا كاپىرغا ھۆججەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ رۇقىيسىنىمۇ ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن شىپالىقنى روياپقا چىقىرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بەك قاتتىقچىلىق بولغاندا كاپىرلارغا تۇرغۇزىدىغان ھۆججەتلەرنى زىيادە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىمۇ ئىجابەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھالىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: وَمَا بِكُمْ مِنْ نِعْمَةٍ فَمِنَ اللَّهِ ثُمَّ إِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فَإِلَيْهِ تَجْأَرُونَ * ثُمَّ إِذَا كَشَفَ الضُّرَّ عَنْكُمْ إِذَا فَرِيقٌ مِنْكُمْ بِرَبِّهِمْ يُشْرِكُونَ * لِيَكْفُرُوا بِمَا آتَيْنَاهُمْ فَتَمَتَّعُوا فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر، ئاللاھ سىلەردىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە ، ئاراڭلاردىن بىر بۆلۈك ئادەم دەرھال ئۆز پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە بەرگەن (بېشىدىكى ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت) نېمىتىمىزگە ناشۈكۈرلۈك قىلىدۇ، (سىلەر ئەجىلىڭلار يەتكۈچە دۇنيادىن) بەھرىمەن بولۇڭلار، (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر» [سۈرە نەھل 53-55-ئايەتلەر].
بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا مۆمىننىڭ كېسىلىنىڭ شىپا تېپىشىنى ئۇنىڭ ئەجىرىنى زىيادە قىلىش، سەبىرچانلىقىغا ساۋاپ بېرىشتەك ھېكمەتلەر بىلەنمۇ كېچىكتۈرىدۇ.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: رۇقىيەنىڭ نەتىجىسى ئاللاھنىڭ خالىشى ئاستىدىدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە شەپقەتلىك، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
ئىككىنچى: رۇقىيەنىڭ ئېسىل بولىشىدىكى بەلگىلىمە بولسا دۇئا ۋە زىكىرگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن رۇقىيە ئوقۇغۇچىنىڭ سەمىمى، ئىخلاسمەن مۇسۇلمان بولىشى ۋە شەرىئەت يولغا قويغان رۇقىيەنى ئىشلىتىشى شەرت قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارنىڭ جاۋاپلىرىغا قارالسۇن: رۇقىيە ئوقۇغۇچىنىڭ شەرتى نېمە؟. ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىجابەت بولىدىغان دۇئانىڭ شەرتلىرى؟. دۇئانىڭ ئەدەپلىرى.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.