پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

ماسكا كەيگەنلىك سەۋەپتىن روزىدار كىشى تۈكۈرۈكنى يۇتۇۋەتسە قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

   بىز مۇشۇ كۈنلەردە كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ماسكا تاقايمەن، بەزى ۋاقىتتا سۆز قىلسام شالىم چىقىپ كالپۇكۇمغا چاپلىشىپ قالىدۇ، ئاجرىمايدۇ، كىيىن ئېغىزىمغا كىرىپ كەتتىمۇ ياكى ماسكىغا چاپلىشىپ قالدىمۇ بىلمەيمەن، بۇ روزىنى بۇزامدۇ؟ ئەگەر كالپۇكۇمدا قۇرۇپ قالسا، كىيىن كالپۇكۇمنى يۇمسام قۇرۇپ قالغان شال يۇمشىسا بۇنىڭ تەسىرى بولامدۇ ياكى قۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ھېچ گەپ بولمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   ئىنساننىڭ شالى ۋە تۈكۈرۈكى ئىككى كالپۇكىغا يەتسە، ئاندىن ئۇنى مەقسەتسىز يۇتۇۋەتكەن بولسا، شۇنىڭغا ئوخشاش مەخسەتسىزلا ئىككى كالپۇكىنى تىلى بىلەن نەم قىلسا بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، شۇنىڭدەك تۈكۈرۈك قۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ئىككى كالپۇكىنى يۇمسا، تۇكۇرۇكنىڭ ئەسىرى قۇرۇپ قىلىش بىلەن يوق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەستەن بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن روزىنى بۇزۇشقا سەۋەپ بولىدىغان بىر نەرسە قالمايدۇ، ئەمما تۈكۈرۈك ئېغىزدىن چىقىپ كالپۇكىغا كېلىش بىلەنلا يۇتۇۋەتكەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ بار:

    شافىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەب ئالىملىرى بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى، چۈنكى تۈكۈرۈك دېگەن ئۆزىنىڭ ئورنى بولغان ئېغىزنىڭ ئىچىدىن ئايرىلغان، كىيىن ئۇنى يۇتىۋەتكەنلىك ئۆز ئورنىدىن ئايرىلغان باشقا نەرسىلەرنى يۇتىۋەتكەنگە ئوخشاشتۇر.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ تۈكرۈكىنى يۇتۇۋەتسە روزىسى بۇزۇلمايدۇ دەيدۇ، يەنى تۈكۈرۈك ئېغىزدا بولسا، ئۆز ئورنىدىن ئايرىلمىغان بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەمما تۈكۈرۈك ئېغىزىدىن كالپۇكىغا كەلگەندە ئۇنى تىلى بىلەن كالپۇكى بىلەن قايتىدىن ئېغىزىغا ئىلىپ يۇتۇۋەتكەن بولسا ئۇ ۋاقىتتا روزىسى بۇزۇلىدۇ.

     بىزنىڭ ئەسھابىلىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر تۈكۈرۈك كالپۇكىنىڭ سىرتىغا چىققان بولسا ئۇنى قايتۇرۇپ يۇتۇۋەتكەن بولسا، روزىسى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى تۈكۈرۈك ئەپۇ قىلىنىدىغان دائىرىدىن چىقىپ كەتتى. مۇتەۋەللى مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر كالپۇكىغا كەلسە ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇپ يۇتۇۋەتكەن بولسا روزىسى بۇزۇلىدۇ". ["ئەل مەجمۇئ"6-توم 342-بەت].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تۈكۈرۈكى كىيىمىگە ياكى ئىككى بارمىقى ئارىسىغا ياكى ئىككى كالپۇكى ئارىسىغا چىققان بولسا، ئاندىن ئۇنى قايتىدىن ئېغىزىغا ئىلىپ يۇتۇۋەتكەن بولسا، روزىسى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئېغىزىدا بولمىغان نەرسىنى يۇتۇۋەتتى، بۇ باشقا نەرسىنى يۇتىۋەتكەنگە ئوخشاش بولدى". ["ئەل مۇغنى" 3-توم 17-بەت].

    ھەنەپى مەزھەب ئالىملىرى: تۈكۈرۈكىنى ئېغىزىدىكى ۋاقتىدا يۇتۇۋەتكەن بولسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ، ئەمما ئېغىزىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن قايتىدىن ئېغىزىغا كىرگۈزۈپ يۇتۇۋەتسە روزىسى بۇزۇلىدۇ  دېگەن قاراشتا بولدى.

    "پەتھۇل قەدىير" 2-توم 332-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تۈكۈرۈك ئېغىزنىڭ ئۇچىغا كەلگەندە  ئۇنى قايتىدىن ئېغىزىغا كىرگۈزۈپ يۇتۇۋەتكەن بولسا، ئەگەر ئېغىزدىن ئايرىلمىغان بولسا  يىپتەك ياكى شالدەك ئېغىزىدىن ساڭگىلاپ تۇرغان ھالەتتە يۇتۇۋەتكەن بولسا ئۇ ۋاقىتتا روزىسى بۇزۇلمايدۇ، ئەگەر ئېغىزىدىن تولۇق ئۈزۈلگەندىن كىيىن ئېغىزىغا سىلىپ يۇتۇۋەتكەن بولسا روزىسى بۇزۇلىدۇ، كاپارەت كەلمەيدۇ، بۇ خۇددى باشقىلارنىڭ تۈكۈرۈكىنى يۇتىۋەتكەنگە ئوخشاشتۇر، ئەگەر تۈكۈرۈكنى ئېغىزىدا جۇغلاپ ئاندىن يۇتۇۋەتكەن بولسا  بۇ ياخشى كۆرەلمەيدۇ لىكىن روزىسى بۇزۇلمايدۇ".

ماسكىغا جۇغلىشىپ قالىدىغان نەرسىلەردىن ھەزەر قىلىش كېرەك، تۈكۈرۈك ئېغىزدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئۇنى قايتىدىن يەنە ئېغىزىغا ئىلىپ يۇتىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    ئەمما ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قىيىن بولسا ياكى مەقسەتسىز قايتىدىن ئېغىزىغا كىرىپ كەتسە، بۇ ساقلىنىش قىيىن بولغان، كۆپ ئۇچرايدىغان ئەپۇ قىلىنىشقا يېقىن ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شەرىئەتمۇ ئېغىزىنى چايقاپ بولغاندىن كىيىن قالغان سۇنىڭ تەسىرىدىن ئەپۇ قىلدى.

    ئەمما ئىككىنچى قېتىم قايتىدىن ئېغىزغا كىردىمۇ ياكى كىرمىدىمۇ بۇ بىلىنمىگەندە، بۇنى ئېتىبارغا ئالماسلىق كېرەك، چۈنكى ئەسلى روزىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقى ۋە تۈكۈرۈكنىڭ ئېغىزغا قايتمىغانلىقىدۇر. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى