شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە روزىدار خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ئەملىسە روزىغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

سۇئال

رامىزاننىڭ كۈندۈزدە روزىدارنىڭ  خىتاي ۋىرۇسى (كوۋىد 19) ۋاكسىنىسى ئەملىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

روزىدار كىشى رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ئەملىسە بولىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاكسىنا يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان داۋالىنىش ئوكۇللىرىنىڭ تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    روزىدار كىشى رامىزاننىڭ كۈندۈزدە خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى سالدۇرسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاكسىنا يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، شۇنداقلا بۇ ئادەتتە يېمەك-ئىچمەك كىرىدىغان ئېغىز-بۇرۇن يوللىرىدىن ئاشقازانغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، بەلكى ئۇ روزىنى بۇزىۋەتمەيدىغان داۋالىنىش ئوكۇللىرىنىڭ تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ.

     ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ ھىجىرىيە 1418-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ  23-28- كۈنلىرى ئارىسىدا، مىلادىيە 1997-يىلى 28-ئىيۇندىن 3-ئىيۇل ئارىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئونىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: پىقھى ئاكادېمىيىگە داۋالاش ساھەسىدە روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا،   ھىجىرىيە 1418-يىلى  سەپەر ئېيىنىڭ 9-12- كۈنىگىچە، مىلادىيە 1997-يىلى 14-17- ئىيۇلغىچە ماراكەشنىڭ دارۇل بەيدا شەھرىدە ئىسلام تەشكىلاتى تىببى ئىلىملەر كونپىرانسىسى بىلەن باشقا ئاكادېمىيلەرنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان توققۇزىنچى قېتىملىق  پىقھى تىببىي يىغىنىدىن يوللانغان تەۋسىيە، تەتقىقات ۋە دەرسلىكلەرگە ۋە پىقھى ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرىدىكى قۇرئان-ھەدىستىن ئېلىنغان دەلىللەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە تىببىي ئالىملار بىلەن پىقھى ئالىملار ئارىسىدا مەزكۇر تېما توغرىسىدا ئىلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەرنى ئاڭلاپ چىققاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى قارارنى چىقاردى:

    بىرىنچى: تۆۋەندىكى ئىشلار روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن ھېسابلانمايدۇ:

كاسىسىغا ياكى موسكۇلغا ياكى تېرە ئاستىغا ئۇرىدىغان ئوكۇللار روزىنى بۇزمايدۇ. ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى سۇيۇقلۇق ياكى ئوكۇللار بۇنىڭ سىرتىدا. "ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسى ژۇرنىلى ئونىنچى سان".

    سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتىنىڭ پەتىۋاسى 10-توم 252-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "روزىدارنىڭ رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە موسكۇلغا ۋە كاسىسىغا ئوكۇل سالدۇرۇپ داۋالىنىشى توغرا بولىدۇ. ئەمما روزىدار رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئوكۇللارنى ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئوكۇللار بولسا يېمەك-ئىچمەك يېگەننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، بۇ ئوكۇللارنى سالدۇرغان كىشى رامىزاندا كۈندۈزدە ئىپتار قىلىش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلەتكەن بولىدۇ، ئەگەر مۇمكىن بولسا، كاسىسىغا ۋە موسكۇللىرىغىمۇ كېچىدە ئوكۇل سالدۇرۇش ياخشىدۇر".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئوكۇللارنىمۇ يېمەك-ئىچمەكنىڭ مەنىسىدە قىلىپ ئۇنى روزىنى بۇزىدىغان ئامىللارغا قېتىۋەتتى، چۈنكى ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئۇكوللار بىلەن ئىنسان جىسمى جانلىنىدۇ ياكى ساقىيىدۇ، ھەقىقەتەن ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئوكۇللار دېگەن ئىنساننى يېمەك-ئىچمەكتىن بىھاجەت قىلىدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق خاراكتېرىنى ئالمىغان بارلىق ئوكۇللار بىلەن  مەيلى كاسىدىن ئۇدۇرسۇن ياكى يوتىسىدىن ياكى قايسى ئورۇندىن ئۇدۇرسۇن روزا بۇزۇلمايدۇ. "ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى ۋە رىسالىلىرى" 19-توم 199-بەت.

    شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن:  ۋاكسىنا ئەملىتىش روزىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "توغرا قاراشتا ۋاكسىنا ئەملىتىش ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن ئوكۇل سالدۇرۇش روزىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئەمما ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئوكۇللار بولسا روزىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى ئوكۇللار ئەملىمەك ئۈچۈن ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن بولسۇن توغرىسى روزىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ.

    ئاللاھ رازى بولسۇن! ئۇستاز! بۇ مەسىلىدە، ئوكۇلنى كاسسىسىدىن ياكى مۇسكۇلدىن ئۇدۇرۇش ئوخشاشمۇ؟ دېگەندە، شەيخ جاۋاپ بېرىپ:  ھەممىسى ئوخشاش، بۇ توغرا قاراش دېگەن. "شەيخ ئىبنى باز تور سەھىپىسىدىن ئىلىندى".

   شەيخ دوكتۇر سەئىد خەسلاندىن "رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ئەملەتتۇرگەن كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى بولسا، داۋالىنىش ئوكۇللىرىنىڭ تۈرىدىن بولۇپ، كۈچلۈك قاراشتا داۋالىنىش ئوكۇللىرى روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك-ئىچمەك ئەمەس ياكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس، ئەسلى: روزىنىڭ توغرا بولىشى بولۇپ، ئوچۇق دەلىل بولمىغان ئەھۋالدا بۇ ماھىيەتتىن چەتنەپ روزا بۇزۇلىدۇ دېگىلى بولمايدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن: روزىدار كىشى رامىزاننىڭ كۈندۈزدە كورۇنا ۋاكسىنىسى سالدۇرغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. 

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى