جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

روزىدارنىڭ رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە چىشىنى چېڭ تۇتۇپ تۇرىدىغان چاپلاق ئىشلىتىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە چىشىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرىدىغان ھېچقانداق پۇرىقى ۋە باشقا تەمى بولمىغان چېش چاپلىقى ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟. (polident). بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان چېش چاپلىقى ئۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ماددىلار، ئادەتتە ئېغىزىغا ئورناتقان ھەممە چىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاجراپ كەتمەسلىك، ئېغىزىدا ھەرىكەتلىنىشنى چەكلەش ئۈچۈن ۋە چىشنىڭ ئارىسىغا يىمەكلىك قالدۇقى كىرىۋالماسلىق، سۆز قىلغاندا ھەرپلەرنى تولۇق چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدۇ.

   بۇ رامىزاندا روزىدارغا ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى تۆۋەندىكى مەسىلىگە ئاساسەن بولىدۇ: بۇ چاپلاق ئېغىزدا پارچىلىنىپ كېتەمدۇ ياكى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كېتەمدۇ ياكى تارقىلىپ كەتمەمدۇ؟. بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر تەجرىبە بىلەن ياكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سوراش بىلەن ھەل بولىدۇ.

    بەزى چېش دوختۇرلىرىدىن بۇ توغرىدا سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ئادەتتە بۇ شەكىلدىكى چاپلاق ئېغىزدا پارچىلانمايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىرەر نەرسە ئېغىزدا ئېرىپمۇ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئەسلىدە بۇ چاپلاق قۇراشتۇرۇلغان چىشنىڭ ئېچىدىكى بوشلۇققا قويۇلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئاجراتقان چېش چېڭىتىلىدۇ .

   بەلكى ئۇ چاپلاقنىڭ پارچىلىنىشى چىشنى قومۇرۇپ ئالغان ياكى چىشنى ئورنىدىن ھەرىكەتلەندۈرگەندە بولىشى مۇمكىن دېدى. ئۇنداق بولغان ئىكەن: مۇشۇ چاپلاق ماددىسىدىن چېچىلغان نەرسىلەر ئېغىزنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، ئۇنى ئېغىزىغا توپلاپ ئاندىن چىقىرىۋېتىش قىيىن ئەمەس.

    بۇ خۇددى يېمەكلىكتىن ئېغىزىدا قىلىپ قالغان ياكى مىسۋاكتىن ئېغىزنىڭ ئىچىدە ئۇۋۇلۇپ كەتكەن نەرسىلەرنى سىرتقا چېقىرۋەتكەنگە ئوخشاشتۇر. ئەمما ئۇنىڭدىن ئېرىپ كەتكەنلىرى، روزىدار تۇيمىغان ياكى كونتۇرۇل قىلالمىغان ھالەتتە كانايغا سېڭىپ كىرىپ كېتىدۇ دېگەن سۆزگە كەلسەك: بۇ چاپلاق ماددىسى ئېغىزدا قىلىپ قالسا ئېرىپ كانايدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان چېش تازىلايدىغان چېش مەجۈنىگە  ئوخشىمايدۇ، بۇ ئېرىپ كانايغا كىرىپ كەتمەيدۇ.

    "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ" داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى روزىنى بۇزمايدىغان نەرسىلەر توغرىسىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: "تۆۋەندىكى ئىشلار روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ھېسابلانمايدۇ: "6 - چىشنىڭ يىلتىزىنى چىقىرىش ياكى چىشنى تارتىۋېتىش ياكى چىشنى تازىلاش ياكى چېش تازىلايدىغان چوتكا، مىسۋاك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئېرىگەن ياكى ئېغىزدا قالغانلىرىنى يۇتىۋېتىشتىن ساقلانسا بۇنداق ئىشلارنى قىلىش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ".

   بۇ ھەقتە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 13619 - ۋە 79190 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى