ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
5,11415/شعبان/1436 , 02/ئىيۇن/2015

روزىدارنىڭ چىش پاستىسى ئىشلىتىشى توغرىسىدا

سوئال: 13619

رامزاندا روزا تۇتۇپ كۈندۈزى چىش پاستىسى بىلەن چىشىنى تازىلىسا توغرا بولامدۇ؟ مەن چىش پاستىسى كانايدىن ئۆتۈپ كەتمىسە ئىشلەتسە دۇرۇس بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن رامزاننىڭ كۈندۈزىدە چىش پاستىسى ئىشلىتىش توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: "روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن مىسۋاك ئىشلىتىش دۇرۇس بولغاندەك، چىش پاستىسىنى يۇتۇپ سالماسلىق شەرتى ئاستىدا ئىشلەتسە دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن". [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى4-توم 247-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدىن: روزا تۇتقۇچى رامزاننىڭ كۈندۈزىدە چىش چوتكىسى بىلەن چىش پاستىسى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ دېگەن سوئال پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ جاۋابى: ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن چىش پاستىسىنىڭ كانايغا كېتىپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن كۈندۈزدە ئىشلەتكەندىن كۆرە كېچىدە ئىشلەتكەن ياخشى بولىدۇ".[ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "شەرھى مۇمتىئ" ناملىق ئەسىرى 6-توم407-408-بەتلەر] .

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android