8

بىر ئىشنى قىلمايمەن دەپ ۋە قەسەمنى بۇزمايمەن ياكى كاپارەت بەرمەيمەن دەپ قەسەم قىلشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال: 350692

ھەمشىرەم مەندىن مۇنداق سوئال سورىدى: توغرا بىر ئىشنى قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلدىم، شۇ ۋاقىتتىلا يەنە: ئەگەر قەسەمنى بۇزۇپ قالسام كاپارىتىنى بەرمەيمەن دەپ قەسەم قىلدىم، يەنى ئاللاھ بىلەن قەسەم بۇ ئىشنى قىلمايمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئەگەر بۇ ئىشنى قىلسام ئۇنىڭ كاپارىتىنى بەرمەيمەن دېدى، ئاندىن ئۇ ئىشنى قىلدى، بۇنىڭغا نېمە كېرەك بولىدۇ؟ ئىككى قېتىم كاپارەت بېرىش كېرەك بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىر ئىشنى قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلىپ كېيىن ئۇ ئىشنى قىلسا ئۇ كىشىگە قەسەمنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ. بۇ كاپارەتنى ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

ئەگەر قەسەمنى بۇزمايمەن، ياكى قەسەمنى بۇزسام كاپارەت بەرمەيمەن دەپ قەسەم قىلىپ، كېيىن قەسەمنى بۇزسا، ئۇنىڭغا يەنە بىركاپارەت كېتىدۇ ، ئۇ كىشىگە ئىككى كاپارەت ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ.

دەردىر "شەرھى سەغىر" 2-توم 217-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئىشنى قىلمايمەن دەپ قەسەم قىپتۇ ۋە  قەسەمنى بۇزمايمەن دەپ قەسەم قىلغان بولسا، ئاندىن قەسەمنى بۇزغان بولسا، خۇددى ئۇكىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەم زەيدكە سۆز قىلمايمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەم، قەسەمنى بۇزمايمەن دېگەن بولسا، ئاندىن زەيدكە سۆزلىگەن بولسا، ئۇ كىشىگە ئىككى كاپارەت كېتىدۇ، بىرى ئەسلى قەسەمنىڭ كاپارىتى، يەنە بىرى: ئۇ قەسەمنى بۇزغاننىڭ كاپارىتى".

كاپارەت: ئون مىسكىنگە يېمەك بېرىش ياكى ئۇلارغا كىيىم بېرىش ئەگەر ئۇنى تاپالمىسا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android