پىقھى ئالىملىرى: ھېيت نامىزى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان سان توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى، ھەنبەلى مەزھىبىدىكىدەك قىرىق دېگەن ۋە شائىپى مەزھىدىكىدەك يالغۇز بولسىمۇ بولىدۇ دېگەن قاراشلار بولدى.
بۇنىڭدىكى كۈچلۈك قاراش: ئۈچ كىشى بولسا بولىدۇ.
ھېيت نامىزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا قانچىلىق كىشىنىڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ؟، بىزدە بۇنىڭ نۇرغۇن چەكلىمىلىرى بار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
پىقھى ئالىملىرى: ھېيت نامىزى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان سان توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى، ھەنبەلى مەزھىبىدىكىدەك قىرىق دېگەن ۋە شائىپى مەزھىدىكىدەك يالغۇز بولسىمۇ بولىدۇ دېگەن قاراشلار بولدى.
بۇنىڭدىكى كۈچلۈك قاراش: ئۈچ كىشى بولسا بولىدۇ.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
پىقھى ئالىملىرى: ھېيت نامىزى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان سان توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى، ھەنبەلى مەزھىبىدىكىدەك قىرىق دېگەن ۋە شائىپى مەزھىدىكىدەك يالغۇز بولسىمۇ بولىدۇ دېگەن قاراشلار بولدى.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەل مەجمۇ" 5 -توم 26 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ھۆكۈمدە بولسا: قۇل، ئايال، مۇساپىر ۋە ئۆيىدە ياكى باشقا جايدا يالغۇز بولغان كىشىگىمۇ ھېيت نامىزى ئوقۇش يولغا قويۇلغانمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، ئىككى خىل يول بار: ئۇنىڭ ئەڭ توغرا ۋە مەشھۇر بولغىنى كەسكىنلىك بىلەن ئۇلارغىمۇ ھېيت نامىزى ئوقۇش يولغا قويۇلغان.
بۇنىڭدىكى كۈچلۈك قاراش: ئۈچ كىشى بولسا بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتى" 5 -توم 131 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ھېيت نامىزىنىڭ سانى ياكى ئۇنىڭدا شەرت قىلىنغىنى جۈمە نامىزىنىڭ سانىدۇر، مەزھەپلەردە مەشھۇر بولغىنى جۈمە نامىزىدا يەرلىك كىشىلەردىن قىرىق كىشىنىڭ بولىشىدۇر، بىزدە ئىلگىرى بايان قىلىنغاندەك، كۈچلۈك قاراشتا جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان سان ئۈچتۇر. ھېيت نامىزىمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن بولىدۇ، ھېيت نامىزى ئۈچۈن چوقۇم ئۈچ كىشى بولىشى كېرەك، ئەگەر بىر يۇرتتا پەقەت بىرلا مۇسۇلمان بولسا ياكى ئىككى مۇسۇلمان بولسىمۇ ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدۇ، ئەمما ئۈچ كىشى بولسا ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ".
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ھېيت نامىزى ئۈچۈنمۇ جۈمە نامىزىغا شەرت قىلىنغاندەك مۇئەييەن سان شەرت قىلىنامدۇ؟، ئەگەر ھېيت جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، جۈمە نامىزىنى قانداق قىلىدۇ؟، مەن بۇنداق كۈندە ئىمامدىن باشقا كىشىلەرگە جۈمە نامىزى ۋاجىپ بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم، يالغۇز ئىمامغا قانداق ۋاجىپ بولىدۇ؟ ئىمام جۈمە نامىزىنى ئۆزى يالغۇز قانداق ئوقۇيدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ھېيت نامىزى ۋە جۈمە نامىزى مۇسۇنمانلارنىڭ بۈيۈك شۇئارلىرىدىن، ھەر ئىككى ناماز ۋاجىپتۇر، جۈمە نامىزى ھەر كىشىگە پەرزدۇر (پەرز ئەيىن). ھېيت نامىزى بولسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە بەزىلەر ئادا قىلسا قالغانلاردىن ساقىت بولىدۇ(پەرز كۇپايەدۇر).
يەنە بىر قىسىم ئالىملار ھېيت نامىزىنىمۇ پەرز ئەين دېگەن يەنى ھەر بىر كىشىنىڭ ئوقۇشى پەرز دېگەن.
ئالىملار ھېيت نامىزى جۈمە نامىزى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان سان توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى، بۇ توغرىدىكى قاراشلارنىڭ ئەڭ توغرا بولغىنى، جۈمە ۋە ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان جامائەت ئەڭ ئاز بولغان ئۈچ ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ بولىشى كېرەك قاراشتۇر، ئەمما قىرىق بولۇش دېگەننى شەرت قىلغانلارنىڭ تايىنىشقا يارايدىغان سەھىھ دەلىلى يوق.
يەرلىك-مۇقىم كىشىلەردىن بولۇشنى شەرت قىلىشتا، چۆل، سەھرادىكى كىشىلەرگە، مۇساپىرلارغا جۈمە نامىزى ۋە ھېيت نامىزى ئوقۇش پەرز ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج قىلغاندا، ھەججەتىل ۋەدادا ئەرەپات كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزى ئوقۇمىدى، ھېيت نامىزىمۇ ئوقۇمىدى، بۇ مۇساپىرغا ۋە چۆل، سەھرادا ياشايدىغان كىشىلەرگە ھېيت نامىزى ۋە جۈمە نامىزى پەرز بولمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
ھېيت كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كەلسە، ھېيت نامىزىغا ھازىر بولغانلارنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇشى دۇرۇس بولىدۇ، ياكى جۈمە ئوقۇمىسا پېشىن نامىزى ئوقۇيدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېيت كۈنى يىراق سەھرالاردىن كېلىپ ھېيت نامىزىغا قاتناشقان كىشىلەرگە جۈمە نامىزىغا كېلىپ بولالمىسا، ئۆيلىرىدە پېشىن نامىزى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «بۇ كۈندە ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى، ھېيت نامىزىغا ھازىر بولغانلار جۈمە نامىزىغا كەلمىسىمۇ رۇخسەت».
يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، جۈمە نامىزى ئوقۇمىغانلار پېشىن ئوقۇيدۇ، بولسا كىشىلەر بىلەن بىرگە جۈمە نامىزىنى ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ، ئىمام ئۆزى بىلەن بىرگە ئۈچ كىشى ھازىر بولسا ئۇلار بىرگە جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ، ئەگەر ئۆزى بىلەن بىرگە پەقەت بىر كىشىلا ھازىر بولغان بولسا، ئىككەيلەن پېشىن نامىزى ئوقۇيدۇ." [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى 12 -توم 13 -بەت].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ھېيت نامىزى ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر بىلەن ئادا قىلىنىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار