بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
تەنتەربىيە تۈرلىرىگە دو تىكىشتىن بولغان مەقسەت: بىر توپ كىشىلەر بۇ مۇسابىقىدە ما گۇرۇپپا ئۇتىدۇ ياكى پالانى تەنتەربىيچى ئۇتىدۇ دەپ دو تىكىدۇ، مالغا ياكى مۇكاپاتقا ھەتتا بىكارغا بولسىمۇ بۇنداق دو تىكىش ھارام بولىدۇ:
1-بۇ يالغان گۇماننى ئوتتۇرىغا قويغانلىق، قىلغان پەرەزگە نىسبەتەن نەتىجىنىڭ قايسى تەرەپكە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
2-ئەگەر مالغا ياكى مۇكاپاتقا دو تىككەن بولسا، بۇ زىيان تارتقۇچىدىن ئېلىنىدۇ، بۇ شەكىلدىكى قىمار ھارام بولىدۇ، ئەگەر بۇنى ئۈچىنچى بىر تەرەپ ئالىدىغان بولسا، بەدەل ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان نەرسىدىن بەدەل ئېلىش ھېسابلىنىدۇ.
ئات چاپتۇرۇش، تۆگە چاپتۇرۇش، قارىغا ئېتىش قاتارلىق مۇسابىقىلەردە ۋە قۇرئان كەرىم قارىلىق مۇسابىقىسى، ھەدىس يادلاش مۇسابىقىسى ۋە پىقھى بىلىملەر مۇسابىقىسىدەك دىنى شۇئارلارنى تۇرغۇزۇشقا ياردىمى بولىدىغان مۇسابىقىلەردە مۇكاپات ۋە بەدەللەرنى ئالسا توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئوقيا ئېتىش، ئات چاپتۇرۇش، تۆگە چاپتۇرۇش مۇسابىقىلىرىدىن باشقا مۇكاپات ياكى بەدەل بېرىلىدىغان مۇسابىقە بولمايدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2574-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى1700-ھەدىستە ھەسەن دېگەن. ئىبنى ماجە رىۋايىتى2878-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" ۋە باشقا كىتابلاردا كەلتۈرگەن.]
ئىبنى ئەسىير"ئەننىھايە" 2 -توم 844 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مۇسابىقە دېگەندىن ئۇتۇق قازانغۇچىغا مۇسابىقىگە دو تىككەن مالدىن مەلۇم بىر نەرسىنى بېرىشتۇر.
سىندى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئات چاپتۇرۇش بىلەن تۆگە چاپتۇرۇش مۇسابىقىسىدىن باشقا مۇسابىقە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى مۇسابىقە دېگەن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنىڭ مەنىسىدە بولىدۇ، بۇنىڭغا مۇكاپات بېكىتىش ياكى بەدەل بېرىش دېگەن جىھادقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قىزىقتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر". سىندىنىڭ ئىبنى ماجىگە يازغان ھاشىيىسى 2 -توم 206 -بەت.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ : "چەۋەندازلىق"ناملىق كىتابىنىڭ 318 -بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: " ئون بىرىنچى مەسىلە: قۇرئان ياد قىلىش، ھەدىس ياد قىلىش ۋە پىقھى مەسىلىلەر، ئۇنىڭدىن باشقا پايدىلىق ئىلىملەر توغرىسىدا مۇسابىقە قىلىش ۋە توغرا جاۋاپ بەرگەنلەرگە مۇكاپات بېرىش توغرا بولامدۇ؟.
ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد ئىمام شاپىئى مەزھىبىدىكىلەر بۇنىڭدىن چەكلىدى، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە شاگىرتلىرى، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە قاتارلىقلار دۇرۇس دېدى. ئىبنى ئابدۇل بەر ئىمام شاپىدىن دۇرۇس دېگەن بىر قاراشنى بايان قىلدى، بۇ توپ تېپىش، سۇ ئۈزۈش ۋە چېلىشىش مۇسابىقىسىدىن ياخشىدۇر. بەدەل بېرىشكە ياكى ئۇتقانغا مۇكاپات بېرىشكە مۇسابىقە قىلىشنى دۇرۇس دېگەنلەر ئىلىم-مەرىپەت بىلەن سۆز قىلغانلاردۇر. بۇ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە كۆرە پارىسلار بىلەن رۇملۇقلار توغرىسىدا قۇرەيش كاپىرلىرى بىلەن دو تېكىشكىنىگە ئوخشايدۇ، شەرىئەت بۇ مۇسابىقىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى بۇنىڭ ھۆكمىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىغا دەلىل بايان قىلمىدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىمار ھارام قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلاردىن دو تىككەن نەرسىنى ئالدى. دىننى تۇرغۇزۇش دەلىل ئىسپات ۋە جىھاد بىلەن بولىدۇ، ئۇرۇش تەييارلىق ۋە قوراللىرىغا دو تىكىش دۇرۇس بولىدىكەن ئىلىم-مەرىپەت مۇسابىقىلىرىغا دو تىكىش ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ، بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر".
"پىقھى توپلاملىرى" 23 -توم 171 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: دو تىكىش دېگەن بىر قانچە مەنىدە كېلىدۇ: خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش، ئەرەب تېلىدە گۆرە ۋە دو تىكىش دېگەن خەتەرگە ئاتلىنىش دېمەكتۇر، بۇنىڭغا دو تىكتى ياكى ئۇلار دو تىكىشتى، ئۇلار ئۆز-ئارا خەتەرگە دو تىكتى دېيىلىدۇ.
دو تىكىش مەنىسىدە بولغان بۇ ئىشنىڭ كۆرۈنىشى: ئىككى شەخس ياكى ئىككى تەشكىلات بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دو تىكىشىدۇ، دو تېكمىسە بۇ ئىش ھاسىل بولمايدۇ، خۇددى ئىككى كىشىنىڭ بىر-بىرىگە: "ئەگەر ئەتىلىككە يامغۇر ياغمىسا مەن ساڭا مۇنچىلىك مال بېرىمەن، ئەگەر يامغۇر يېغىپ قالسا سەن ماڭا شۇنىڭدەك مال بېرىسەن دېگىنىگە ئوخشاشتۇر.
بۇ شەكىلدە ئىككى مۇسۇلمان ئارىسىدا ۋە ۋاقىتلىق نۇپۇس بىلەن تۇرىۋاتقان غەيرى دىندىكىلەرنىڭ ئارىسىدا دو تىكىش ئىسلام ھۆكۈملىرىنى لازىم تۇتىدىغان بارلىق پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدىكى بىرلىككە كەلگەن توغرا بولمايدىغان مەسىلىدۇر، چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى ياكى زىيان تارتىشى توغرىسىدا ئىككىلىنىش ئىچىدە بولىدۇ، بۇ ئىسلام دىنىدا ھارام قىلىنغان قىمارنىڭ ئۆزىدۇر".
"دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى پەتىۋاسى" 15 -توم 239 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: بۇ ئىش توغرا دەپ دو تىكىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ئەگەر بۇ بىر تەرەپتىنلا بولسا بولامدۇ؟ مەسىلەن: بىر كىشى ئەگەر مۇشۇ تېما پۈتسە، سىلەرنى مەن مۇكاپاتلايمەن، چاقچاق ئەمەس دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا؟ ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.
جاۋاپ: شەرىئەت يولغا قويغان ئىشلاردىن باشقىغا مال بىلەن دو تىكىش توغرا بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ: ئات چاپتۇرۇش ياكى تۆگە چاپتۇرۇش ياكى قارىغا ئېتىشتىن ئىبارەتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا تۈردىكى ئويۇنلارغا مال دو تىكىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ باشقىلارنىڭ مېلىنى ھەقسىز يەۋېلىش ۋە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن قىماردىن ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بىر كىشى: مېنىڭ بۇ ئىشىم پۈتسە، سىلەرگە مۇنداق، مۇنداق نەرسىلەرنى بېرىمەن دېگەنلىكى ۋەدە بولۇپ، ئەگەر ئىمكانىيىتى بولسا ۋەدىگە ۋاپا قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. "ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى. "پەتىۋادا بەكىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەبۇ زەيد، سالىھ ئىبنى پەۋزان ئەل پەۋز، ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئال شەيخ، ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىقلار".
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بەزى كىشىلەر دو تىكىشىپ: ئەگەر مۇنداق بولسا ساڭا مۇنچىلىك قىممەتتىكى نەرسە بېرىمەن، ئۇنداق بولمىسا سەن بېرىسەن دەيدىكەن، بۇنى دو تىكىش دەيدىكەن، بۇنداق قىلىش توغرا بولامدۇ ياكى خاتامۇ؟.
جاۋاپ:
بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس بەلكى ھارامدۇر، بۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتقان قىمارنىڭ تۈرىدىكى دو تىكىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنْصَابُ وَالْأَزْلاَمُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار)غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار». [سۈرە مائىدە 90 -ئايەت. ]
قىمار دېگەن: مۇنداق، مۇنداق بولسا ساڭا بولسۇن، مۇنداق، مۇنداق بولسا ماڭا بولسۇن، ئەگەر پالانى كەلسە ساڭا بولسۇن، كەلمىسە ماڭا بولسۇن ياكى ئىككى كىشى نېمە بار ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ قىلىشقاندا سەندە ئالتۇن بولسا مۇنداق بولسۇن ياكى تاش بولسا مۇنداق بولسۇن دەپ ۋاقىئەگە مۇناسىپ سۆزلەر ئارقىلىق قىلىدىغان بۇ دو تىكىش ئىشلىرى قىمار ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «ئوقيا ئېتىش، ئات چاپتۇرۇش، تۆگە چاپتۇرۇش مۇسابىقىلىرىدىن باشقا مۇكاپات ياكى بەدەل بېرىلىدىغان مۇسابىقە بولمايدۇ» دېگەن.
مۇكاپاتلىق مۇسابىقە دېگەن: ئوقيا ئېتىش، ئات چاپتۇرۇش، تۆگە چاپتۇرۇش مۇسابىقىلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
لېكىن ئىلىم-مەرىپەت مۇسابىقىلىرى دو تىكىش تۈردىن ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئۇ مۇكاپاتلاش بابىدىن بولۇپ، بۇنىڭدا: كىم قۇرئان كەرىمدىن مۇنداق، مۇنداق ئايەت ياكى سۈرە ياكى پارىلارنى ياد قىلسا ياكى مۇنچىلىك ھەدىس ياد قىلسا، ياكى پالانى كىتابنى ياكى بەزىسىنى ياد قىلسا ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق ھەدىيە بېرىلىدۇ دېگەنلىك مۇكاپاتلاشتۇر، قۇرئاندىن ياكى ھەدىستىن بەزى سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ جاۋاپ بەرگەنلەرگە مۇنداق مۇكاپات بېرىلىدۇ دېگەن تەلىم-تەربىيە، ياخشىلىققا يېتەكلەش، ئىلىمگە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش بابىدىن بولۇپ بۇ ئىلىم ئەھلىگە مەلۇم مۇكاپاتنى بېكىتىشتۇر. ئەمما دو تىكىش بولسا غەلبە قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 19 -توم 300-بەت].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇنداق دو تېكىشلەرگە بۇ ئىككى مۇسابىقە قىلغۇچى تەرىپىدىن بولسۇن ياكى ئىككى تەرەپنىڭ بىرىدىن بولسۇن بەدەل بېرىش ۋە مۇكاپات بېرىش توغرا بولمايدۇ.
پەرەزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە دو تىكىشكە بولمايدۇ، بىكارغا بولسىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ غەيىپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتۇر، بۇ شەكىلدە دو تىكىشكە ئالاقىدار بولغان يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ بېرىش توغرا بولمايدۇ.
شۇنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى: ئوقيا ئېتىش ياكى ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىلىرىنىڭ توغرا بولىشى: ئىككى كىشى ئېتىنىڭ بەك چاپىدىغانلىقى بىلەن ياكى قايسىسىنىڭ نىشانغا دەل تەككۈزۈشىگە كۆرە بولىدۇ، كىم ئۇتسا شۇنىڭغا دو تېكىمەن دېيىش بىلەن بولمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.