تالاقتا ئەر كىشىنىڭ تالاق دېگەن سۆزنى ئايالىنىڭ ئالدىدا دېيىشى ۋە ئايالىنىڭ بۇنى بىلىشى شەرت قىلىنمايدۇ، ئەر كىشى تالاق دېگەن سۆزنى قاچان سۆزلىسە ياكى يازسا، بۇ توغرا بولغان تالاق بولىدۇ، گەرچە بۇنى ئايالى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ.
ئەگەر يولدىشىڭىز تالاق ئىشلىرىنى ئادۋۇكات ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان بولسا، بۇ توغرا تالاق بولغان بولىدۇ. 9593-20660- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "بىر كىشى ئايالىدىن ئۇزۇن مۇددەت غايىپ بولدى، ئايالنى ئۆزى كۆڭلىدە تالاق قىلىۋەتتى، ئۇ ئايالغا بۇ توغرىدا خەۋەر قىلمىدى، بۇ شەكىلدىكى تالاق چۈشەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:" ئەگەر ئەر كىشى تالاق دېگەن سۆزنى ئاغزاكى دېگەن بولسا، بۇ خەۋەر ئايالغا يەتمىسىمۇ بۇ شەكىلدىكى تالاق چۈشىدۇ، ئەر: ئايالىمنى تالاق قىلدىم دېسە، ئايال بۇنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن تالاق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەن بۇ ئايال مۇشۇ تالاقنى ئۈچ قېتىم ئادەت كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بىلگەن بولسا، ئۇ ئايال تالاق قىلىنغانلىقىنى بىلمىسىمۇ ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى تۈگىگەن بولىدۇ، شۇنىڭدەك بىر كىشى ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ، ئايالى ئۇ كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى پەقەت ئىددىتى تۈگىگەندىن كېيىن بىلگەن بولسا، ئۇ ئايالغا قايتىدىن ئىددەت تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى مۇددەتنىڭ تۈگىشى بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتىمۇ تۈگىدى". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 2-توم 804-بەت].
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.