شىركەتتىن ياكى خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن بېلەت زاكاز قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىشى بۇ ئىشتا ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئەسلىدە ۋەكىل ئېرىشكەن پايدا ياكى سوغاتلار ئۇنى ۋەكىل قىلغانلار ئۈچۈندۇر.
"كەشاپۇل قىنا" 3-توم 477-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ۋەكىل قىلغۇچى ۋەكىلىگە: مەن ئۈچۈن بىر دىنارغا بىر قوي سېتىۋالغىن دەپ بۇيرىسا، ۋەكىل بىر دىنارغا ئىككى قوينىڭ بىرى بىر دىنارغا يارايدىكەن ئىككى قوي سېتىۋالغان بولسا، ياكى بىر دىناردىن ئازراققا بىر قوي سېتىۋالغان بولسا، ئارتۇق پۇلنى ئۆزىنى ۋەكىل قىلغۇچىغا قايتۇرىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربان قىلىش ئۈچۈن ئۇرۋە ئىبنى جەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىر دىنار بېرىپ ئۇنىڭغا بىر قوي سېتىۋېلىشنى بۇيرىغان، ئۇ كىشى بىر دىنارغا ئىككى قوي سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ بىرىنى بىر دىنارغا سېتىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىر قوي بىلەن بىرگە بىر دىنارنى قايتۇرۇپ بەرگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغان، ئۇ كىشى يەردىكى توپىنى سېتىۋالسىمۇ پايدا ئالاتتى».
يەنە بىر رىۋايەتتە: « بۇ سىلە بەرگەن بىر دىنار، بۇ سىلىگە سېتىۋالغان قوي دەپ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نېمە ئىش قىلدىڭ؟ دېگەندە، ئۇ كىشى بولغان ئىشنى بايان قىلغان». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
چۈنكى ئۇ كىشى رۇخسەت قىلغان نەرسىنى زىيادىسى بىلەن ھاسىل قىلدى، شۇنىڭدەك ھەر بىرى بىر دىنارغا يارايدىغان ئىككى قوي سېتىۋالغان بولسىمۇ توغرا بولاتتى.
شۇنىڭغا ئاساسەن: مالغا ئايلانغان بۇ نۇقتىلار شېركەتنىڭ ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ھەققى بولىدۇ، بۇنى شىركەت خىزمەتچىلەرگە ئىئانە قىلىۋېتىشى ياكى خىزمەتچىلەر شىركەتكە ئىئانە قىلىۋېتىشى كېرەك بولىدۇ، ياكى ئۇلار بۇنى خالىغانچە تەقسىم قىلسا ياكى سىزگە بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ.
سىز بىلەت زاكاز قىلغاندا خىزمەتچىلەر بىلەن مەلۇم ھەققە كېلىشىڭ، ئۇ ۋاقىتتا ئەگەر ھەر بىر زاكازقا بېرىلىدىغان نۇقتىلارنىڭ مالدىن بولغان مىقدارى مەلۇملۇق بولسا، بۇ نۇقتىلار سىزنىڭ خىزمەتچىلەردىن ئالىدىغان ھەققىڭىزنىڭ ئورنىدا بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.