پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا تەھىييەتۇلمەسچىد نامىزى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەن ۋاقىتتا مەسچىتكە كىرگەن كىشى ئىككى رەكەت تەھىييەتۇلمەسچىد نامىزى ئادا قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا.ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، توغرىسى: مەسچىت ھۆرمىتى (تەھىييەتۇلمەسچىد) نامىزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىدۇ، ھەتتا بامدات نامىزىدىن كېيىن ۋە ئەسىر نامىزىدىن كېيىنمۇ ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە ئىككى رەكئەت ناماز ئادا قىلمىغۇچە ئولتۇرمىسۇن». [ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن].

    مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى دېگەن، تاۋاپ نامىزى، كۈن تۇتۇلغاندا ئوقۇيدىغان نامازلارغا ئوخشاش سەۋەپكە ئالاقىدار نامازلاردىن بولۇپ، توغرىسى؛ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نامازلار خۇددى پەرىز نامازلارنىڭ قازاسىنى ھەر ۋاقىت قىلغاندەك، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىدىغان نامازلاردىندۇر.

   تاۋاپ نامىزى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەي ئابدۇماناپ ئوغۇللىرى! مۇشۇ بەيتۇللانى تاۋاپ قىلغان ھەر قانداق بىر كىشى كېچە-كۈندۈزدىن ھەر قانداق ۋاقىتتا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىمەڭلار». [ئىمام ئەھمەد ۋە مۇھەددىسلەر سەھىھ ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن].

   كۈن تۇتۇش نامىزى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن قۇياش بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىر ئالامەتتۇر، بۇ ئىككىسى بىرەر ئىنساننىڭ ۋاپات بولىشى ياكى دۇنياغا كېلىشى بىلەن تۇتۇلمايدۇ». 1-توم 332-بەت.

     ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد