بىرىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بالىلاردىن يەتتە ياشقا كىرگەنلىرى ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئەتتىگەندە بامدات نامىزىنى ئوقۇش بىلەن باشلايتتى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئەۋلادلىرى يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارغا نامازنى ئۆگىتىشكە بۇيرۇتتى.
ئەمىر ئىبنى شۈئەيب ئاتىسىدىن ئۇ كىشى چوڭ ئاتىسىدىن بايان قىلىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇڭلار، ئەگەر ئون ياشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ ناماز ئوقۇمىسا، بۇنىڭغا كۆرە ئۇلارنى ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورنىنى ئايرىۋېتىڭلار». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى495 -494-نومۇرلۇق ھەدىسلەر. تىرمىزى رىۋايىتى 407 -ھەدىس سەبرە بىن مەبەدتىن بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەدىسنى ھەدىس ھەسەن دېگەن].
ساھابىلار -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-ئەۋلادلىرىنى كۈندۈزدە ئۈچ تۈرلۈك ئىش بىلەن مەشغۇل قىلاتتى:
بىرىنچى ئىش: ئەۋلادلارنىڭ چۈشەنچىسىگە كۆرە ئۇلارغا ئىمان ۋە ئىسلام ئۆگىتەتتى.
جۈندۇپ ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «بىز بالاغەتكە يېقىنلاشقان تەڭتۇش ياشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولاتتۇق، بىز قۇرئان ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى ئىمان ئۆگىنەتتۇق، ئاندىن قۇرئان ئۆگىنەتتۇق، ئۇنىڭ بىلەن ئىمانىمىزنى زىيادە قىلاتتۇق». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 61-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ" ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1 -توم 37-38 -بەتتە كەلتۈرگەن].
ئىبنى ئەسىر رەھىمەھۇللاھ "نىھايەتۇ غەرىبۇل ھەدىس" 1 -توم 380 -بەتتە (حَزَاوِرَةٌ) دېگەن سۆزنى بالاغەتكە يېقىن بولغان ياشلار دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپتۇرۇلغاندا مەن ئون ياشتا ئىدىم، ئۇ ۋاقىتتا مەن "مۇھكەم" سۈرىلىرىنى (يەنى قاپ سۈرىسىدىن ناس سۈرىسىگىچە) ئوقۇپ بولغان ئىدىم». [بۇخارى رىۋايىتى 5035 -ھەدىس].
"مۇھكەم" دېگەندىن: قاپ ياكى ھۇجۇرات سۈرىسىدىن ناس سۈرىسىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى سۈرىلەر مەقسەت قىلىنىدۇ.
بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىندۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: «مەدىنىگە تۈنجى بولۇپ دىن ئۆگەتكىلى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم كەلدى، بۇ ئىككەيلەن كىشىلەرگە قۇرئان كەرىم تەلىم بېرەتتى، يەنە بىلال، سەئەد، ئەممار ئىبنى ياسىر قاتارلىقلار كەلدى، ئاندىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن يىگىرمە كىشى بىلەن بىرگە كەلدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىپ كەلدى، مەن مەدىنە ئەھلىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگىنىگە خۇرسەن بولغاندەك، باشقا بىر ئىشقا ئۇنچىلىك خۇرسەن بولغىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم، ھەتتا قىز-چۆرىلەر خۇرسەنلىكتىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلدى دېيىشىپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەندىن كېيىنلا "سەببەھىسمە رەببىكەل ئەئلا" سۈرىسىنى ئۆگەندىم». [بۇخارى رىۋايىتى 3925 -ھەدىس].
بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۈ كۈنلەردە كىچىك ئىدى، چۈنكى بەدىر ئۇرۇشىغا چىقىدىغان كۈندىمۇ كىچىك كۆرۈلۈپ سەپتىن قالدۇرۇلغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، ئۇ ۋاقىتتا يەتتە ياشقا كىرگەن بالىلارنى ئائىلىسىدىكىلەر بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن مەسچىتكە ئېلىپ كېلەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە نەپلە نامازلارنىمۇ ئادا قىلاتتى.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر ئاخشىمى ھاممام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كىچىدە ئورنىدىن تۇردى، مەنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن سول يېنىدا تۇردۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ بېشىمنى تۇتۇپ مېنى ئوڭ تەرىپىگە ئۆتكۈزۈپ تۇرغۇزدى». [بۇخارى رىۋايىتى 699-ھەدىس]
كىچىك ساھابىلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنى كۆندۈرۈش-ئادەتلەندۈرۈش ھەتتا ياشىنىپ قالسىمۇ ئاسان بولىشى ئۈچۈن نەپلە روزىلارنى تۇتاتتى.
رۇبەيئ بىنت مۇئەۋۋىز رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنى ئەتتىگەندە ئەنسارىلارنىڭ مەھەللىلىرىگە: بۈگۈن روزا تۇتمىغانلار كەچكىچە بىر نەرسە يىمەي روزىداردەك كەچ قىلسۇن، روزا تۇتقانلار بولسا روزىسىنى داۋام قىلسۇن دەپ ئادەم ئەۋەتتى. بىنت مۇئەۋۋىز رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز شۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتاتتۇق، كىچىك بالىلىرىمىزنىمۇ روزا تۇتقۇزاتتۇق، ئۇلارغا خورمىنىڭ پۆپۈكلىرىدىن ئويۇنچۇق ياساپ، ئۇلارنىڭ بىرى قورسىقىم ئاچتى دەپ يىغلىسا، ئۇنىڭغا ئويۇنچۇقنى ئىپتار ۋاقتىغىچە گول قىلاتتۇق». [بۇخارى رىۋايىتى 1860 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1136 -ھەدىس].
كىچىك ساھابىلارنىڭ بەزىسى ھەجمۇ قىلغان.
سائىب ئىبنى يەزىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەتتە ياش ۋاقتىمدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھەج قىلدۇرۇلدۇم». [بۇخارى رىۋايىتى 1858-ھەدىس].
ئىككىنچى ئىش: ساھابىلار ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇلار قىلالايدىغان تۈردىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئورتاق قىلاتتى.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە ئۇنىڭ خىزمەتچىسى يوق ئىدى، ئەبۇ تەلھە قولۇمنى تۇتۇپ مېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەنەس ئەقىللىق بالا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلسۇن دېدى، مەن سەپەردە ۋە مۇقىم ۋاقىتلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم، ئەگەر مەن بىر ئىشنى قىلغان بولسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى بۇنداق قىلدىڭ؟ دېمەيتتى، ئەگەر بىر ئىشنى قىلمىغان بولسام، نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلمىدىڭ؟» دېمەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 2768 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2309 -ھەدىس].
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىغاندا ئون ياش ئىدى.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلنىدۇكى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە ئون ياشتا ئىدىم، ئانام مېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋەزىپەلەندۈردى، ئون يىل پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا مەن يىگىرمە ياشتا ئىدىم». [بۇخارى رىۋايىتى 5166 -ھەدىس].
ئۈچىنچى ئىش: ساھابىلار ئەۋلادلىرىغا ئويۇن-تاماششادىن ھەققىنى بېرەتتى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: «مەن قىزلار بىلەن بىرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئوينايتتىم، مېنىڭ بىرگە ئوينايدىغان ئاداشلىرىم بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرگەندە، ئاداشلىرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن تارتىنىپ قالاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى مەن بىلەن بىرگە ئويناشقا قويىۋىتەتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 6130 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2440 -ھەدىس].
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئەخلاقلىق زات ئىدى، بىر كۈنى مېنى بىر ئىشىغا ئەۋەتتى، مەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئۇ ئىشقا بارمايمەن دېدىم، ئەمما كۆڭلۈمدە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلىپ كېلىشكە بۇيرىغان ئىشنى قىلغىلى بارىمەن دەپ ئۆيدىن چېقىپ، ئويناۋاتقان كىچىك بالىلارنىڭ يېنىدىن ئۆتتۇم، ئۇلار بازاردا ئويناۋاتاتتى، مەن شۇ يەردە تۇرۇپ قالدىم، تۇيۇقسىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەينىمدىن گەردىنىمنى تۇتتى، مەن بۇرۇلۇپ قارىسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: ئەي ئەنەس! مەن بۇيرىغان ئىشنى قىلغىلى بارامسەن؟ دېدى، مەن: ھەئە مەن ھازىر بارىمەن ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دېدىم». [مۇسلىم رىۋايىتى 2310 -ھەدىس]
كىچىك ساھابىلارنىڭ ئۇ دەۋرىدە ئوينايدىغان ئويۇنلىرىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەردە توختالمايمىز، لېكىن ئۇلار جاھىلىيەتتە دەۋرىدە بىلىنگەن-مەشھۇر بولغان، شەرىئەتتە ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلمىگەن ئويۇنلارنى ئويناشنى داۋاملاشتۇراتتى، بەزى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغاندەك، ئۇ دەۋرىدە مەشھۇر بولغان كۈچ ئويۇنلىرىدىن: ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن چېلىشىشىدۇر.
دوكتۇر جەۋۋاد ئەلى ساقى نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئۆزىنىڭ "ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى تەپسىلى تارىخى" ناملىق ئەسىرى 9 -توم 124-126 -بەتتە: شۇ دەۋرىدىكى ئەرەبلەر ئارىسىدا تونۇلغان بالىلار ئويۇنىنى تەپسىلى بايان قىلغان.
ساھابى ئاياللاردىكى ئىككىنچى ئاساس، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ: وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَى تەرجىمىسى: «ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار» [سۈرە ئەھزاپ 33 -ئايەت.] دېگەن ئايىتىگە بويسۇنۇپ، ئاساسەن ئۆيىدە بولاتتى.
زۆرۈر ھاجەتلىرى بولمىسا سىرتقا چىقمايتتى، ئۇلاردىن بىرى مەسچىتكە نامازغا چىقماقچى بولسا كوچىلاردا ۋە بازارلاردا ئەرلەر بىلەن سۈركەلمەستىن، قىستالماستىن بېرىپ كېلەتتى.
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار» دېگىنى: ئۆيۇڭلارنى لازىم تۇتۇڭلار، ھاجەتسىز سىرتقا چىقماڭلار دېمەكتۇر.
شەرتلەرنى تولۇق قىلىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە چىقىش بولسا، شەرئى ھاجەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ دېدەك-چۆرىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىگە بېرىشتىن چەكلىمەڭلار، ئۇلار مەسچىتكە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەستىن، ياسانماستىن چىقسۇن».
يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلار ئۈچۈن ئۆيلىرى ياخشىدۇر»دەپ كەلگەن. [تەپسىر ئىبنى كەسىر 6 -توم 409 -بەت].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن: بالىلارنى كىچىكىدىنلا دىنى پرىنسىپلارنى ئادا قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى نامايەندە بولىدۇ. ساھابىلار-ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-قىزلىرىنى كىچىكىدىنلا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى لازىم تۇتۇشى ئۈچۈن تەييار قىلاتتى، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىدە ھايا ۋە ئىپپەتنى زىيادە قىلىدىغان ئەدەپلەرنى لازىم تۇتاتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ياأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنْفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ تەرجىمىسى: « ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ». [سۈرە تەھرىم 6 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.