سىز ھەقىقەتەن كاتتا بىر ئىشتىن سورىدىڭىز، لېكىن بۇ ئاللاھ تائالا ئاسان قىلغان كىشى ئۈچۈن ئاساندۇر، سۆز بۇ يەردە سەلەپلەرنىڭ شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، ئىماندىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىك توغرىسىدا بولاۋاتىدۇ، بۇ نۇرغۇن كۆپ قىسىملىق كىتابلارنى تولدۇرۇۋەتكەن ئۇزۇن تېما بولسىمۇ، سەلەپلەرنىڭ ئىشىنىڭ ھەممىسىنى ئاساسلىق مۇنداق ئىككى تېمىغا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ، بۇ ئىككى تېمىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن كىشىنىڭ ئەھۋالى سەلەپلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ، ئۇلارمۇ سەلەپ جامائىتىنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ، ئاللاھ تائالادىن بۇ ئىككى ئىشنى سىزگە ۋە بىزگە ئاسان قىلىپ بېرىشنى، ئاللاھ تائالا بىزدىن رازى بولغان ھالەتتە، سىز ۋە بىزنى ئاللاھقا ئۇچراشقانغا قەدەر ئۇ ئىككى ئىش ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز.
ئۇ ئىككى ئىش: بىرىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە تولۇق ئەگىشىش ۋە بۇ يولدا يەتكەن ئىشلارغا سەبىر قىلىش كېرەك. ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئورۇن-مەرتىۋە ئالى-يۈكسەكتۇر، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ شەرتلىرىنى بېكىتتى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن توغرا يولغا تولۇق ئەگىشىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». [سۈرە ئالى ئىمران 31 -ئايەت].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا، ئۇنى دوست تۇتۇشقا، ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق نەرسىلەردىن بەك سۆيۈملۈك بولۇشقا بۇيرىدى. بىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈشىمىزنى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ئىززەت-ئىكرام قىلىشىغا باغلىق قىلدى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، ئۆتكەنكى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە ئالى ئىمران 31 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنْ تُطِيعُوهُ تَهْتَدُوا تەرجىمىسى: «ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر». [سۈرە نۇر 54 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَذَلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر». [سۈرە نىسا 13 -ئايەت.]
يۇقىرىدىكىگە ئوخشىغان مىساللار قۇرئان كەرىمدە ئىنتايىن كۆپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ بىر كىشىنىڭ قۇرئان-ھەدىس دەلىللىگەن، شەرىئەت ئېلىپ كەلگەن، سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن ۋە سەلەپ ئالىملىرى چېڭ ئېسىلغان بەلگىلىمىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 1 -توم 334 -بەت].
شەرىئەتكە ئەگىشىشتىكى تۇنجى قەدەم بولسا، شەرىئەت بىلىملىرىنى توغرا بولغان ئەسلى مەنبەلەردىن تەلىم ئېلىپ ئۆگىنىش ۋە بۇ يولدىكى قىيىنچىلىقلارغا سەبىر قىلىش بىلەن روياپقا چىقىدۇ.
ھۇمەيد ئىبنى ئابدۇراھماندىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى: خۇتبە سۆزلەۋېتىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى دىننى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 71 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1037 - ھەدىس.
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، قۇرئان كەرىمنى ئۆگەنگەن ۋە باشقىلارغا ئۈگەتكەنلىرىڭلاردۇر». بۇخارى رىۋايىتى5027 -ھەدىس].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، قۇرئان كەرىمنى ئۆگەنگەن ۋە باشقىلارغا ئۈگەتكەنلىرىڭلاردۇر» دېگەن ھەدىستىكى ياخشىلارنىڭ قاتارىغا: قۇرئان ھەرپلىرىنى يەنى قائىدە نۇرانىيە تەلىم بەرگەن، ئايەتنىڭ تەپسىرىنى-مەنىلىرىنى ئۆگەتكەن كىشىلەرمۇ كىرىدۇ، بەلكى قائىدە نۇرانىيە بىلەن ھەرپ ئۆگىتىش ۋە ئايەتنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىتىش بولسا، بىرىنچى مەقسەتتۇر، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئىمان زىيادە بولىدۇ ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 13 -توم 403 -بەت].
سەلەپلەرنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئېلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە بۇ يولدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارغا سەبىر قىلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشتا سەۋىرچان بولۇشتۇر.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ساھابىلار ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئون ئايەتنى ئۈگەنسە، ئۇنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىپ، ھۆكمىگە ئەمەل قىلىپ بولمىغىچە باشقا ئايەتكە ئۆتمەيتتى". ئىمام تەبەرى تەپسىر كىتابىنىڭ 1 -توم 74 -بەتتە بايان قىلغان.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: «بىز شۇنداق بىر زاماندا ياشىدۇقكى، بىزنىڭ بىرلىرىمىزگە قۇرئاندىن ئىلگىرى ئىمان بېرىلگەن، قۇرئان سۈرىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولاتتى، سىلەر قۇرئان كەرىمنى ئۈگەنگەندەك، ئۇلارمۇ قۇرئان كەرىمدىن ھالال ۋە ھارامنى ئۈگىنەتتى، ھەد-ھۇدۇدلىرىدا توختايتتى، ئاندىن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن كېيىنكى ۋاقىتتا شۇنداق كىشىلەرنى كۆردۈمكى، ئۇلارنىڭ بىرىگە قۇرئان كەرىم بېرىلگەن، ئۇ كىشى قۇرئان كەرىمنى پاتىھە سۈرىسىدىن باشلاپ ئوقۇپ ئاخىرغىچە تاماملايدۇ، ئەمما قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنى بىلمەيدۇ، قۇرئاننىڭ ھەد-ھۇدۇدلىرىدا توختاشنى بىلمەيدۇ، قۇرئاننى تېرىق چاچقاندەك ئوقۇپ تۈگىتىدۇ» .[ھاكىم مۇستەدرەك 1-توم 35-بەتتە كەلتۈرۈپ: بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس، بۇ ھەدىسنىڭ ھېچ بىر ئىللىتى بارلىقىنى بىلمەيمەن دېگەن. ئىمام زەھەبى بۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلگەن.
ئەبۇ ئابدۇرەھمان سۈلەمىيدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن قۇرئان كەرىم ئۆگەنگەن كىشىلەر ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەتنى ئۈگەنسە، شۇ ئون ئايەتنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرمىگۈچە ئىككىنچى بىر ئون ئايەتكە ئۆتمەيتتى، ئۇلار: بىز ئىلىم بىلەن ئەمەلنى بىرگە ئۈگەندۇق دەيتتى». [ئىمام ئەھمەد "ئەل مۇسنەد" 38 -توم 466 -بەتتە كەلتۈرگەن. مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن].
ئىككىنچى ئىش: ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا باشقا بۇزۇق غەرەز-مەقسەتلەرنى ئارىلاشتۇرماستىن، شەك-شۈبھە قىلماستىن سەمىمىيلىك-راستچىللىق بىلەن تولۇق ئىشەنچدە ئەگىشىشتۇر.
ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر نەرسىنى ئۈگەنسە، سەمىمىيلىك، توغرا مەقسەتتە ئۈگىنەتتى، بىر نەرسىنى ئالسا تەۋرەنمەس ئىشەنچ بىلەن ئالاتتى، بىر نەرسىنى بىلسە، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلاتتى، ئەمىلىدە سەمىمى بولاتتى، ئۆگەنگەن ئىلمى ۋە قىلغان ئىبادەتلىرى دۇنيانى مەقسەت قىلىش ياكى رىيا بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلاتتى، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئەگىشەتتى: ياأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار». [سۈرە تەۋبە 119 -ئايەت.]
شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار» دېگەنلىك، راستچىللارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ۋە ئەھۋاللىرىدا ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ سۆزى راست، بارلىق ئەمەللىرى ۋە ھالەتلىرى سەمىمى، ھورۇنلۇق، بوشاڭلىقتىن خالى، يامان نىيەت-مەقسەتلەردىن سالامەت، ئىخلاسىنى، سەمىمىيلىك ۋە ياخشى نىيەتنى ئۆز ئېچىگە ئالغاندۇر، ھەقىقەتەن راستچىللىق ئىنساننى ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ، ھەقىقەتەن ياخشىلىق جەننەتكە يېتەكلەيدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هَذَا يَوْمُ يَنْفَعُ الصَّادِقِينَ صِدْقُهُمْ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئېيتىدۇ : بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈنىدۇر». [سۈرە مائىدە 119 -ئايەت ].
تەپسىر سەئدى 355 -بەتكە قارالسۇن.
ئىبنى رەجەپ ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەزىلەت دېگەن بەدەنى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش بىلەن بولمايدۇ بەلكى ئۇ ئەمەللەرنى سۈننەتكە مۇۋاپىق ھالەتتە خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش بىلەن بولىدۇ.
قەلبنىڭ مەرىپىتىنىڭ ۋە ئەمەللىرىنىڭ كۆپ بولىشى بىلەن بولىدۇ.
كىم ئاللاھ تائالانى دىنى، ھۆكۈملىرى، شەرىئىتى بىلەن بەك بىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن قورقىدىكەن، ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭدىن ئارزۇ قىلىدىكەن، ئۇ كىشى گەرچە بەدەنى ئەمەللەرنى كۆپ قىلسىمۇ يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بولمىغان كىشىلەردىن ئەۋزەلدۇر...
شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى سەلەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆپ روزا تۇتۇش ۋە زىيادە ناماز ئوقۇش بىلەن ئەمەس بەلكى دىلىغا ئورناشقان سەمىمىيلىك ۋە ئىشەنچ بىلەن ئۈممەتنىڭ ھەممىسىدىن يۇقىرى بولدى".
ئەبۇ سۇلايمانغا: ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكى، ئەمەللەرگە بەك تىرىشچانلىق قىلغانلىقى، بەزى كىشىلەرنىڭمۇ شۇنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى زىكىر قىلىنغاندا، ئۇ كىشى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدىكى نەرسىلەرگە ئېرىشىشتە سەمىيمىلىكنى ئىرادە قىلىدۇ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يارەنلىرىگە: "سىلەر گەرچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىنمۇ كۆپرەك روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇغان بولساڭلارمۇ، ئۇلار سىلەردىن ياخشىدۇر دېگەندە، ئۇلار: نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟ دېۋىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "ئۇلار سىلەرگە قارىغاندا دۇنياغا بېرىلمەيتتى، ئاخىرەتكە رىغبەتلىنەتتى" دېگەن. [ئىبنى رەجەب رىسالىلىرى مەجمۇئەسى" 4 -توم 412-413 -بەتلەر].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن سەلەپ-سالىھلارغا ئوخشاش يۈكسەك ئىمانى مەرتىۋىگە يېتىشنىڭ يوللىرى، ھەقىقەتەن ئەڭ ئاۋال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننى چۈشۈنىشكە سەبىر قىلىش ئاندىن بۇيرىغاننى قىلىشقا سەبىر قىلىش ئاندىن چەكلىگەندىن يېنىشقا سەبىر قىلىشتۇر، بۇنىڭ ھەممىسى، سەمىمىيلىك، ئىخلاس، دۇنياغا بېرىلمەسلىك ۋە ئاخىرەتكە رىغبەتلىنىش بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇتقۇچى بولسا، ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇش، ئۇنىڭدىن ھىدايەت ۋە ھىدايەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشنى تىلەش بىلەن بولىدۇ، چۈنكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.
مۇسۇلمان كىشى كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىگە ئوخشاش دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارنى تاللىشى كېرەك، سەلەپلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ۋاقىتلارنى تاللايتتى.
ئىبنى شىھاب زۆھرى ئەغەررە ۋە ئەبۇ سەلەمە بىن ئابدۇراھماندىن ئۇ كىشى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تەبارەك ۋەتەئەلا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشىدۇ-دە، تاڭ يورۇغانغا قەدەر: كىم ماڭا دۇئا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن؟، كىم مەندىن بىر نەرسە سورايدۇ، سورىغىنىنى بېرىمەن؟، كىم مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىمەن؟ دەيدۇ».
شۇنىڭ ئۈچۈن سەلەپ ئالىملىرى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ناماز ئوقۇشتىن كېچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئوقۇشنى ئارتۇق بىلەتتى. ئىمام ئەھمەد "ئەل مۇسنەد" 35 -توم 13 -بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" 2 -توم 196 -بەتتە كەلتۈرگەن.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.