بىرىنچى: ساقلانغان مالنى تىجارەت مېلىغا قاتقاندا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تىجارەتكە قاتقان ئەسلى سەرمايە بىلەن بىرگە تولۇق بىر يىلنى ھېسابلاپ ئاندىن ساقلانغان ۋە تىجارەتكە قاتقان ھەممە مالغا زاكات بېرىش كېرەك، يىلنى ھېسابلاش زاكات بېرىش ئۆلچىمە يەتكۈدەك مالغا ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
يىل توشقاندا ساقلانغان مالنىڭ زاكىتى بېرىلىدۇ، تىجارەتكە قاتقان مالنىڭ ئۆزى قانچىلىك ۋە ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن پايدا قانچىلىق بۇنى ھېسابلاپ، پايدىنى ئەسلى سەرمايىگە قېتىپ ھەممىسىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ.
ئەمما ساقلانغان مالنىڭ ئۆزى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، ئۇنىڭغا يىلنىڭ توشقانلىقى ئايرىم ھېسابلىنىدۇ، يىل توشقاندا زاكىتى بېرىلىدۇ. تىجارەتكە قاتقان مالنىڭ يىلى مالغا ئىگە بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، يىل توشقاندا ئەسلى مالغا شۇ يىلدا ئېرىشكەن پايدىنى قېتىپ ھېسابلاپ زاكىتىنى بېرىدۇ.
بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ "ئەررەۋزۇل مۇربى" 3 -توم 172-173 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "پايدا ئالغان مال ئۇنىڭ قولىدىكى شۇ مالنىڭ تۈرىگە ياكى شۇ مالنىڭ ھۆكمىدىكى مالغا قېتىلىدۇ، ھەر بىرىنىڭ يىلى توشقاندا زاكىتى بېرىلىدۇ".
ئىبنى قاسىم رەھىمەھۇللاھ"بۇنىڭ ھاشىيىسىدە" مۇنداق دەيدۇ: " ئۆلچەمگە يەتكەن مالغا يىل توشقاندا ۋە پايدا ئالغان مالغا يىل توشقاندا ھەر بىرىنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدۇ.
ئەگەر قولىدا ئىككى يۈز تەڭگە بولۇپ، ئالتە ئايدىن كېيىن يەنە مىراس ئالسۇن ياكى بىرسى ھەدىيە قىلسۇن يۈز تەڭگىگە ئىگە بولغان بولسا، يەنە ئالتاي ئۆتكەندىن كېيىن قولىدىكى ئەسلى مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدۇ، مىراس ياكى ھەدىيەدىن ئېرىشكەن مالنىڭ زاكىتىنى ئۇنىڭغا يىل توشقاندىن كېيىن ئايرىيدۇ.
ئىبنى قۇندۇس مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشىنىڭ قىرىق قويى بولۇپ، يىل ئارىسىدا سېتىۋېلىش ياكى ھەدىيە قىلىنىش بىلەن يۈز قويغا ئېرىشكەن بولسا، بۇنىڭغا تولۇق بىر يىل ئۆتمىگىچە زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ".
ۋەزىير مۇنداق دەيدۇ: "پايدا ئالغانغا مالغا باشقا ماللارغا ئوخشاش تولۇق بىر يىل توشمىغۇچە زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ".
ئىككىنچى: سىزنىڭ ساقلاپ قويغان مالدىن ئېلىپ تىجارەت مېلىغا قاتقانلىقىڭىز ۋە كېيىن ئۇنى قايتۇرىۋالغانلىقىڭىزدىن، سىزنىڭ بۇنىڭ بىلەن شىركەتكە قەرز بەرگەنلىكىڭىز نامايەندە بولىدۇ.
بۇنىڭغا كۆرە، ئۇ مال سىز يېرىمىغا ۋە قىرىندىشىڭىز يېرىمىغا ئىگە بولىدىغان شىركەتكە قەرز بەرگەن مال بولىدۇ.
بۇ توغرىدا ئالىملار: ئىككى شېرىك شىركەت ئۈچۈن مال قەرز ئالغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە قەرز ئالغان مالنىڭ يېرىمىنى تۆلەش كېرەك بولىدۇ، قالغان يېرىمىگە ئۇ ئىككەيلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ دەپ بايان قىلغان.
يەنى قەرز ئالغان بۇ مالنىڭ يېرىمى زاتەن سىزنىڭ ئىگىلىكىڭىزدىن چىقىپ كەتمىدى، بەلكى ئىشنىڭ ئاخىرى سىز مالنى بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكىدىڭىز، ساقلىغان مېلىڭىزنى شىركەتكە يۆتكىدىڭىز.
ئىنسان ئۆزىنىڭ مېلىنى ئۆزىگە قەرز بەرمەيدۇ، سىز ھەقىقەتتە ھېچ كىشىگە قەرزدار ئەمەس. قالغان يېرىمى بولسا سىزدىن قىرىندىشىڭىزغا بېرىلگەن قەرز بولۇپ، سىز يەنە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىسىز.
"كەشاپۇل قىنا" 3-توم 526-بەتتە مۇنداق كەلگەن: " يۈز-ئابرۇيىغا تايىنىپ شىركەت قۇرۇشتا بولسا، شېرىكلەر باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ تىجارەت قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ ۋەكىلى، ئۇنىدىن پۇلغا كېپىل بولغۇچى، چۈنكى بۇنىڭ قۇرۇلمىسى ۋەكىللىك ۋە كاپالەتكە قۇرۇلغان".
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز ھەمراھىدىن ۋەكىل بولىدۇ گەرچە ئۇنى ۋەكل دەپ ئوچۇق ئېلان قىلمىسىمۇ، بۇ شىرىكچىلىكنىڭ تەقەززاسى بولسا ئۇ ئىككەيلەننىڭ ھەر بىرى ئۆز ھەمراھىنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن قەرز پۇلغا كاپالەتلىك قىلىدۇ دېگەنلىك: ئەگەر ساتقۇچى بىر نەرسىنى بۇ ئىككەيلەنگە نېسى ساتقان بولسا ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز ھەمراھىدىن ئۆزىگە قەرزدار دەپ قارىغان بولسا، مۇبادا ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى شېرىكچىلىك كېلىشىمىدىن كېيىن قېچىپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر قالغان بولسا، ئىككىسىگە نېسى مال ساتقۇچى قېچىپ كەتمىگەن بىرىدىن قەرزىنى تۆلىتىدۇ يەنى ئۇ كىشى تۆلەيدۇ دېگەنلىكتۇر.
ئەگەر ئۇ كىشى: بىز شېرىكتۇق، قېچىپ كەتكەن شېرىكىم يېرىمىنى تۆلىمەمدۇ؟ دېسە، ساتقۇچى: ھەر بىرىڭلار ئۆز ھەمراھىڭلاردىن كېپىل بولىسىلەر دەيدۇ. [شەرھىل مۇمتى 9 -توم 431 -بەت].
قېرىندىشىڭىز مالنىڭ يېرىمىگە سىزگە قەرزداردۇر، بۇ شىركەتتىكى ئۆزىنىڭ مىلىنىڭ زاكىتىنى ئايرىشقا ھېچ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە، قەرز زاكاتنى چۈشۈرۋەتمەيدۇ، يەنى: قەرز بەرگۈچى باشقىلاردىكى قەرزنى ئۆزنىڭ مېلىغا قېتىپ بارلىق مىلىنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدۇ، باشقىلارغا بەرگەن قەرزى تولۇق ئىلىنمىغان مۇددەتتە ھەر يىلى شۇنداق بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى 125854 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.
لېكىن بۇ مال قىرىندىشىڭىزغا نىسبەتەن يىل ئارىسىدا پايدا ئالغان مال بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ مۇستەقىل بىر يىلنى ھېسابلايدۇ، شىركەت ماللىرىغا يىل توشقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە زاكات ئايرىمايدۇ.
شۇنىڭغا ئاساسەن: سىزنىڭ شىركەتكە قەرز بەرگەن مالنىڭ زاكىتىنى بېرىشىڭىزنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ:
يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، بۇ قەرزنىڭ يېرىمى سىزنىڭ ئىگىدارچىلىقىڭىزدىن چىقىپ كەتمىدى دەپ ئېتىبارغا ئېلىپ، سىز بۇ يېرىم قەرزنىڭ زاكىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ باشقا ماللىرىڭىزغا قېتىپ بىرگە ئايرىسىز.
ئەمما قالغان يېرىمىنىڭ زاكىتىنى بولسا سىزنىڭ باشقىلارغا قەرز بەرگەنلىكىڭىز ۋە ئۇ قەرزگە سىزنىڭ كىپىللىكىڭىز بولغانلىق ئىتابىرى بىلەن بېرىسىز، لېكىن شىركەتتە ئىقتىسادى كىرزىس بولغان بولسا ياكى سىز بۇ قەرزنى قايتۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان بولسىڭىز، بۇ يېرىمىنىڭ زاكىتىنى شۇ مالنى قاچان تاپشۇرۇپ ئالسا، شۇ ۋاقىتتا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇ مالنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلاپ يىل توشقاندا ئۇنىڭ زاكىتىنى بېرىسىز.
125854 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارىسىڭىز، ئۇنىڭدا قەرز مالنىڭ زاكىتىنى قانداق چېقىرىش توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان.
ئەمما شىركەتكە قويغان بۇ مال قەرز بولماستىن بەلكى شىركەتكە قاتقان يېڭى سەرمايە بولسا، سىزگە مەلۇم نىسبەتتە بۇ مالنىڭ پايدىسىدىن بېرىلىدۇ.
ئىش شۇنداق بولىدىكەن: بۇ سىز بۇ مالغا يېڭىدىن ئېرىشكەن پايدىنى قېتىپ بىرلىكتە زاكىتىنى ئايرىيسىز، ئەمما يىل توشۇشتىن ئىلگىرى بۇ مالنى ئىشلىتىپ بولغان بولسىڭىز ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ.
شۇنى ئاگاھلاندۇرۇمىزكى: شىركەتكە شېرىك بولغان مۇشۇ ساقلىغان ئىقتىسادىڭىز، ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدىنىڭ يىلىنىڭ توشىشى ساقلىغان مالنىڭ يىلىنىڭ توشىشى بىلەن بولىدۇ، ساقلانغان مالنىڭ يىلى توشقاندا، شىركەتكە قەرز بەرگەن مال، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدا ھەممىسىنىڭ زاكىتى بېرىلىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.