سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

بېشىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ چېچىنى قىسقارتىش چاچنىڭ بىر تەرىپىنى ئېلىپ يەنە بىر تەرىپىنى قويۇپ قويغاننىڭ قاتارىغا كېرەمدۇ؟

سۇئال

مەن قەزەئ (چاچنىڭ بىر تەرىپىنى ئېلىپ يەنە بىر تەرىپىنى قويۇپ قويۇش) توغرىسىدا كۆرگەن جاۋاپلىرىمنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى بېشىنىڭ بەزى يېرىنى چۈشۈرۈپ بەزى يېرىنى قويۇپ قويۇش دەپ ئىپادىلىگەن، باشنىڭ چېچىنىڭ بەزىسىنى قىسقارتىپ بەزىسىنى قويۇپ قويۇشمۇ مۇشۇنىڭ قاتارىغا كېرەمدۇ؟ ياكى كىرمەمدۇ؟ مەسىلەن: چېچىنىڭ بىر تەرىپىنى قىسقارتىپ بىر سانتا قويۇپ، ئالدى تەرىپىنى 7، 8 سانتا قويۇپ قويسا بۇمۇ قەزۇنىڭ قاتارىغا كېرەمدۇ، بۇ چاچنى پۈتۈن ئالدۇرۇش ئەمەس بەلكى قىسقارتىش بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شۇنداق، قۇزەئ دېگەن بېشىنىڭ چېچىنىڭ بەزىسىنى ئالدۈرۈپ بەزىسىنى قويۇپ قويۇشتۇر. ئەمما بېشىنىڭ چېچىنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى قىسقارتىپ ئوتتۇرنى قويۇپ قويۇش قۇزەنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ، لېكىن بىر تەرەپنى بەك قىسقارتىۋېتىشتىن چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ قۇزەگە ئوخشاپ قالىدۇ.

چۈنكى چاچنى ھازىر ئېيتقان بۇ شەكىلدە قىسقارتىش بولسا كاپىر، پاسىقلارنىڭ بەلگىسىدۇر، بۇ ئېسىل، چوڭ سۈپەت كىشىلەرنىڭ قېلىقى ئەمەس، مۇسۇلماننىڭ ئۇنداق چاكىنا كىشىلەرگە ئوخشاپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

بىز پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇراھمان بەرراكتىن (ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن) سوئالدا كەلگەن مەسىلىنى سورىساق، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "گەرچە بۇ قۇزەئنىڭ ئۆزى بولمىسىمۇ لېكىن قۇزەئگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بەزى شەكىللىرى كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىش بولۇپ، بۇنداق ناچار ئادەت مۇسۇلمانلار ئارىسىغا سېڭىپ كىرگەن". بۇنىڭ تەپسىلاتى ئۈچۈن 110209-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى