ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
110/محرم/1447 , 05/ئىيۇل/2025

خىرستىيان بىلەن ئەستايىدىل سۆھبەت

سوئال: 2690

مەن زىيادە بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىۋاتقان، دىنى مەدرىسىدە تەلىم ئېلىۋاتقان خىرىستىيان ئوقۇغۇچى بولۇپ، سىلەرنىڭ بۇ تور بەتكە كېرىپ كۆپ بىلىملەرگە ئېرىشتىم، تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان ئىشلار توغرىمۇ؟ بۇ توغرىدا سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى بىلىشنى ئىستەيمەن:

ئىسلامدا: جەننەت دېگەن ئېچىملىك، شاراپ، ئاياللار ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، دۇنيادا جەننەت يوللىرى بۇ ئىشلار بەك يىراق بولۇپ، ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىغا تولۇق ئەمەل قىلغان كىشى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئىسلامدا: نىجاتلىق ۋە قۇتۇلۇشقا كاپالەت قىلىنمايدىغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ، پەقەت ھاياتىڭىزدا بۇ يولغا ئەگەشسىڭىز قۇتۇلۇشقا يېتىسىز ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن نىجاتلىققا ئېرىشىسىز دېيىلىدۇ، بۇ يەردە تولۇق كاپالەت يوق، مەن بۇنداق كاپالەتسىز ياشاشنى ياقتۇرمايمەن، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسلىدە خاتالىق بار دەپ ئېتىقاد قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ئىنساننىڭ خاتالىق ياكى خاتالىقسىز تۇغۇلىشىغا قارىماستىن، مەن ئىنساننىڭ خاتالىقىنىڭ كۆپ بولىشىغا قېتىلمايمەن؟، ئىنسان خاتالىق ۋە گۇناھ-مەسىيەتكە قارىتا نېمە قىلىدۇ؟، مەن تەۋبىنى چۈشىنىمەن، لېكىن ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا نىجاتلىققا يېتىشى مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزنىڭ قۇتۇلىشىمىز ئۈچۈن ۋە ھازىرقى، ئۆتكەنكى، كەلگۈسىدىكى گۇناھلىرىمىزدىن خالاس بولىشىمىز ئۈچۈن ئوغلىنى كىرستقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتتى.

ئىسلامدا قۇتۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىنمايدۇ، نىجاتلىققا كاپالەتلىك يوق ياشاش ھەقىقەتتە قورقۇنچلۇق بىر ئىش، سەن دۇنيادا ياشايسەن ئەمما قىيامەتتە سىرنى خالاس قىلىشقا كۇپايە قىلغۇدەك ياخشى ئەمەللەرنى قىلدىڭمۇ بۇنى بىلمەيسەن،  كۇپايە قىلغۇدەك ناماز ئوقۇدىڭمۇ بۇنىمۇ بىلمەيسەن، بۇ بەك قورقۇنچلىق ئىش.

مەن نۇرغۇن مۇسۇلمان دوستلىرىمدىن: ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە ياكى دوزاخقا كېرىشكە تەكىت قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىدۇم، لېكىن ئۇلاردىنمۇ ئېنىق بىر جاۋاپ ئالالمىدىم، چۈنكى ئىسلامدا بۇنىڭغا كاپالەت يوق، چۈنكى بۇ يەردە، مەسىھقا ئىشىنىش بىلەن خالاس بولۇشنى ئېتىقاد قىلىش يوق، ھەقىقەتتە ئىسلام ئىنساننىڭ قىلغان ئىشى ۋە ئەمىلىگە تايىنىدۇ.

يەنە:مەن مۇسۇلمان بولۇشنى مەقسەت قىلدىم، ئۇنىڭغا قادىر بولالمايمەن، ئەگەر مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن تاللانغان دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولسا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن دىنىنى كەڭرى تارقاتمايدۇ؟، ئىش سىزنىڭ مۇسۇلمان ھالەتتە تۇغۇلغانلىق نېسىۋىڭىزگە بېرىپ توختىلامدۇ؟، بىر ئادەم خىرىستىيان بولماقچى بولسا، ئىنسان ئۇنىڭغا قادىر بولالايدۇ، ھەرقانداق كىشى بىر نەچچە مىنۇتتا خىرىستىيان بولالايدۇ، مەن تۇغۇلغان ۋاقىتتا خىرىستىيان ئەمەستىم، ھەقىقەتەن خىرىستىيانلار رەبكە يېتىدىغان بىردىن-بىر يولنىڭ ئىسا مەسىھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئىسا مەسىھنىڭ ئۆزى مۇنداق دەيدۇ: مەن يول، مەن ھاياتلىق، مېنىڭ يولۇمدىن باشقا رەبكە يېتىدىغان يول يوق. ئىسا يەنە: مەن يولنىڭ بىرى دېمىدى بەلكى مەن يول دېدى،  يەنە: مەن ۋە ئاتا بىر دېدى.

مەن ھەر بىر شەخسنىڭ مۇشۇنداق ھەقىقەتلەردىن قانداق قىلىپ كۆر بولۇپ قالغانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدىم، ئىلگىرى ئاڭلىمىغان بولسا بۇ ئايرىم ئىش، سىلەرنىڭ بۇ قاراشلىرىمغا رەت قايتۇرىشىڭلارنى ۋە ئىلاۋە بېرىشىڭلارنى خالايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئىسلامدىكى ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن:

1-جەننەت نېمەتلىرى بولسا پەقەت ھېسسى ۋە جەسەدى نېمەت ئەمەس، بەلكى ئۇ روھى، مەنىۋى، كۆڭۈل ئاراملىقى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئاللاھقا يېقىن بولۇشتۇر، بەلكى ئومۇمى خەھەتتىن جەننەتتىكى ئەڭ كاتتا نېمەت بولسا ئاللاھ تائالانىڭ جامالىنى كۆرۈشتۇر.

2-ئىسلام دىنى پەقەتلا  ئىشلاردىن چەكلەش ۋە تەرك قىلىشقا بۇيرىمايدۇ، بەلكى ئەمەل قىلىشقا بۇيرىدۇ، ھەقىقى نىجاتلىققا ئېرىشىش بولسا پەقەتلا چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن ئەمەس بەلكى بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئادا قىلىش بىلەن بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇپ، مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتۇر.

3-ئىسلام دىنى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان ئىخلاسمەن، ھەر بىر مۆمىن ئۈچۈن ئۇنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقىغا كەسكىنلىك بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.

4-ئىسلام ئېتىقادىنىڭ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە خاتالىقلىرىغا كۆرە تۇتقان ئورنى بولسا: ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇ باشقىلارغا يۈكلەنمەيدۇ شۇنىڭدەك، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ ئۇ كىشىگە يۈكلەنمەيدۇ.

5-ئىسلامنىڭ ئاچقۇچى پەقەتلا بۇ ئىككى سۆزدىن ئىبارەتتۇر: ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دېمەكتۇر. بۇنىڭ بىلەن ئىنسان مىنۇت ئېچىدە ئىسلام دىنىغا كېرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ دىنى مۇراسىم ياكى دىنى ئالىمنى چاقىرىش ياكى مەسچىت دېگەندەك مۇئەييەن بىر ئورۇنغا بېرىش كېرەك بولمايدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ھۆرمەتلىك سوئال سورىغۇچى! سىزنىڭ ئىسلام دىنىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا تەسەۋۋۇراتلىرىڭىزدىن سوراشقا يۈزلەنگەنلىكىڭىزنى تەقدىرلەيمىز، بىزمۇ بۇ سۆھبەتنىڭ سىزنىڭ يازغان سوئاللىرىڭىزنىڭ بەزىسىنى ۋە ئوتتۇرغا قويغان تەسەۋۋۇراتلىرىڭىزنىڭ بەزىسىنى توغرىلاش ئارقىلىق ھەقىقەتكە يېتىدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن قانائەت قىلىدىغان بىر يول بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

   -جەننەت نېمەتلىرى پەقەت بەدەنگە بولىغان ھېسسى نېمەتمۇ؟.

ئىسلام ئېتىقادىدىن جەننەت تېمىسى ھەققىدە كەلتۈرگەن سوئالىڭزغا: ھەقىقەتەن جەننەت ھەققىدىكى بۇ توغرا ئېتىقادتا ئېچىملىك، شاراپ، ئاياللار، كۆڭۈل ئېچىش، گۈزەل ساز-مۇزىكا ۋە ئالى قەسىرلەردىن ئىبارەت، جەننەت نېمەتلىرى پەقەت بەدەنگە بولىغان ھېسسى نېمەت ئەمەس، بەلكى ئۇ روھى، مەنىۋى، كۆڭۈل ئاراملىقى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئاللاھقا يېقىن بولۇشتۇر، بەلكى ئومۇمى خەھەتتىن جەننەتتىكى ئەڭ كاتتا نېمەت بولسا ئاللاھ تائالانىڭ جامالىنى كۆرۈشتۇر. جەننەت ئەھلى ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل جامالىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى كۆرگەن، كۆڭۈللەر ئېشتىھا قىلىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان ھەممە نېمەتلەرنى ئۇنىتىدۇ، جەننەتتە ناچار  ۋە بىكار نەرسە ئاڭلىمايدۇ، پەقەت تىنچلىق، سالامەتلىك دېگەننى ئاڭلايدۇ، ئۇلار قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىدىن كۆڭۈللەر خۇرسەن بولىدىغان مەخپى بولغان نېمەتلەرنى بىلمەيدۇ،  جەننەتنىڭ نېمەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىشتىكى مەقسەت سىزنىڭ سوئالىڭىزدا كەلگەنلىرىنىلا بايان قىلىپ بېرىش ئەمەس بەلكى ئۇ نېمەتلەر سوئالدا بايان قىلىنغاندىنمۇ بەك كۆپتۇر.

   -ئىسلامدا نىجات تېپىش پەقەت چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن ئەمەلىيلىشەمدۇ؟.

سىزنىڭ ئىنساننىڭ جەننەتكە كېرىشى ۋە ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىشى  چەكلەنگەن مۇئەييەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ دەپ بايان قىلغىنىڭىز بۇ سۆزنى بۇنداق ئىشلىتىش زور خاتالىقتىن ئىبارەتتۇر، چۈنكى ئىسلام دىنى پەقەتلا  ئىشلاردىن چەكلەش ۋە تەرك قىلىشقا بۇيرىمايدۇ، بەلكى ئەمەل قىلىشقا بۇيرىدۇ، ھەقىقى نىجاتلىققا ئېرىشىش بولسا پەقەتلا چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن ئەمەس بەلكى بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئادا قىلىش بىلەن بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇپ، مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتۇر، جەننەتنىڭ نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇكاپات يولىغا ئاساسەن دۇنيادا ھارام قىلىنغان نەرسىلەر  بىلەن چەكلەنمەيدۇ، بەلكى جەننەتتە دۇنيادا مۇباھ-دۇرۇس بولغان نەرسىلەرمۇ بار، توي قىلىش دۇنيادا دۇرۇس ئىش، ئۇ جەننەتتە نېمەتتۇر، ئانار، ئەنجۈر، ئالما قاتارلىق مېۋىلەر دۇنيادا يېيىلىدىغان نەرسىلەر جەننەتتە نېمەتتۇر، شۇنىڭدەك سۈت، ئەسەل قاتارلىق شېرىن ئېچىملىككەر دۇنيادا مۇباھ جەننەتتە نېمەتتۇر، بەلكى دۇنيادا بۇزۇقچىلىقنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ھاراققا ئوخشاش بۇزۇق نەرسىلەر ئەگەر ئاخىرەتتە جەننەتنىڭ نېمەتلىرى بولۇپ قالسا ئۇنىڭ تەركىۋېدىكى بۇزۇق ماددىلار چېقىۋېتىلىدۇ، ئاللاھ تائالا جەننەتتىكى شاراپ-ھاراق توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: لَا فِيهَا غَوْلٌ وَلَا هُمْ عَنْهَا يُنزَفُونَ تەرجىمىسى «ئۇنىڭدا مەست قىلىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ» [سۈرە ساپپات 47-ئايەت].

ئۇ ئەقىلنى كەتكۈزىۋەتمەيدۇ، باشنى ئاغرىتمايدۇ، كۆڭلىنى ئاينىتمايدۇ، ئۇنىڭ تەبىئىتى دۇنيادىكى ھاراق-شاراپقا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، جەننەت نېمەتلىرىدىن بولغان مەقسەت دۇنيادا ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ دۇرۇست بولىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بەك دىققەت قىلىش كېرەك بولغان بىر ئىش: بۇ يەردە بەزى ھارام ئىشلار بولۇپ، دۇنيادا ئۇنى تەرك ئەتكەنلىكى جازالانمايدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئوخشىشىمۇ بېرىلمەيدۇ، بۇ مەيلى يېمەكلىك، ئېچىملىك ياكى ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزلەردىن بولسۇن ئوخشاشتۇر. مەسىلەن: زەھەر دۇنيادا ھارام بولماقلىق بىلەن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئوخشىشى نېمەت قىلىپ بېرىلمەيدۇ، شۇنىڭدەك، لەۋاتەت، مەھرەم تۇغقانلار بىلەن توي قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ھارام ئىشلار بولۇپ، بۇ ئىشلار دۇنيادا چەكلەنگەنلىك بىلەن ئاخىرەتتە دۇرۇس قىلىنمايدۇ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن بۇ ئېنىق مەسىلە.

   -ئىسلامدا جەننەتكە كېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش بارمۇ؟.

ئەمما كاپالەتنىڭ تىپىلىشى ياكى تىپىلماسلىق مەسىلىسى، ئەگەر سىزنىڭ ئىپادىلىشىڭىز بويۇنچە: ئىنساننىڭ جەننەتكە كېرىشىگە كاپالىتى بولمىسا ئۇنىڭ ھاياتى ناھايتى ئېچىنىشلىق، خارلىقتا ئۆتمەمدۇ دېگەن سۆزگە بېرىلىدىغان جاۋاپ: ناچار تەسەۋۋۇر مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېلىپ بارىدۇ، ئەگەر سىز: ھەر بىر ئىنساننىڭ يېنىدا جەننەتكە كېرىشنىڭ كاپالىتى بولسا، بۇ كاتتا مۇسىبەت بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنسان قولىدىكى بۇ كاپالەت بىلەن ھارام ئىشلارنىڭ ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلاردىن بولغان جىنايەتچىلەرمۇ راھىپلىرىدىن تەلەپ قىلىپ ئالغان مەغپىرەت قىلىنىش چېكى ۋە باتىل كاپالىتىگە تايىنىپ  نۇرغۇن ئەسكى ئىشلارنى قىلىدۇ دېسڭىز توغرا بولاتتى. ئاللاھ تائالا بىزگە يەھۇدى ۋە ناسارالار توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: ‎وَقَالُوا لَنْ يَدْخُلَ الْجَنَّةَ إِلا مَنْ كَانَ هُودًا أَوْ نَصَارَى تِلْكَ أَمَانِيُّهُمْ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ  تەرجىمىسى: «يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئادەم، ناسارالار ناسارا بولمىغان ئادەم  ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ دېيىشتى. بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر.ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار دېگىن» [سۈرە بەقەرە 111-ئايەت].

جەننەت مەسىلىسى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە بىزلەرنىڭ نەپسى-خاھىشىىمز ۋە ياكى باشقىلارنىڭ نەپسى-خاھىشىغا كۆرە بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎لَيْسَ بِأَمَانِيِّكُمْ وَلا أَمَانِيِّ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ يَعْمَلْ سُوءاً يُجْزَ بِهِ وَلا يَجِدْ لَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلا نَصِيرًا  تەرجىمىسى: «ئاللاھ  ۋەدە قىلغان ساۋاب سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ» [سۈرە نىسا 123-ئايەت].

سىز ئىسلام ئېتىقادىنىڭ ئاخرەتتىكى كاپالەت توغرىسىدىكى قىسقىچە تەلىماتىنى كۆرۈڭ:

ئىسلام دىنى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان ئىخلاسمەن، ھەر بىر مۆمىن ئۈچۈن ئۇنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقىغا كەسكىنلىك بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَالَّذِينَ ءامَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَنُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا وَعْدَ اللَّهِ حَقًّا وَمَنْ أَصْدَقُ مِنَ اللَّهِ قِيلا تەرجىمىسى: «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟ (يەنى ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك ھېچ ئەھەدى بولمايدۇ» [سۈرە نىسا 122-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ ءامَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلدى» [سۈرە مائىدە 9-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎جَنَّاتِ عَدْنٍ الَّتِي وَعَدَ الرَّحْمَنُ عِبَادَهُ بِالْغَيْبِ إِنهُ كَانَ وَعْدُهُ مَأْتِيًّا تەرجىمىسى: «ئۇ دائىمىي تۇرالغۇ بولغان، مەرھەمەتلىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ (ئىشەنگەن) جەننەتلەردۇر، ئاللاھنىڭ (جەننەت بىلەن قىلغان) ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ» [سۈرە مەريەم 61-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎قُلْ أَذَلِكَ خَيْرٌ أَمْ جَنَّةُ الْخُلْدِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ كَانَتْ لَهُمْ جَزَاءً وَمَصِيرًا تەرجىمىسى: «ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «شۇ (دوزاخ) ياخشىمۇ يا تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان، (كىرگەن كىشى) مەڭگۈ قالىدىغان جەننەت ياخشىمۇ؟» جەننەت تەقۋادارلارغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرى بارىدىغان جايىدۇر» [سۈرە پۇرقان 15-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎لَكِنِ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ لَهُمْ غُرَفٌ مِنْ فَوْقِهَا غُرَفٌ مَبْنيَّةٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الأَنْهَارُ وَعْدَ اللَّهِ لا يُخْلِفُ اللَّهُ الْمِيعَادَ تەرجىمىسى: «لېكىن (دۇنيادا) پەرۋەردىگارىدىن قورققانلار (جەننەتتە) قەۋەت ـ قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، (بۇ) ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ» [سۈرە زۇمەر 20-ئايەت].

شۇنىڭدەك، ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىدىن يۈز ئۆرىگەن كاپىرنىڭ ئاخىرەتتە دوزاخقا كېرىدىغانلىقىغا كەسكىنلىك بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَعَدَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْكُفَّارَ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا هِيَ حَسْبُهُمْ وَلَعَنَهُمُ اللَّهُ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُقِيمٌ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللار ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارنى (ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ» [سۈرە تەۋبە 68-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ لا يُقْضَى عَلَيْهِمْ فَيَمُوتُوا وَلا يُخَفَّفُ عَنْهُمْ مِنْ عَذَابِهَا كَذَلِكَ نَجْزِي كُلَّ كَفُورٍ تەرجىمىسى: «كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز» [سۈرە پاتىر 36-ئايەت].

ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‎هَذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ، اصْلَوْهَا الْيَوْمَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ تەرجىمىسى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ، سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن جەھەننەمگە كىرىڭلار» [سۈرە ياسىن 63-64-ئايەتلەر].

قىيامەت كۈنىدىكى ھۆكۈم ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئىككى پىرقىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلغانغا ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئىككى پىرقىگە قىلغان ۋەدىسى ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَنَادَى أَصْحَابُ الْجَنَّةِ أَصْحَابَ النَّارِ أَنْ قَدْ وَجَدْنَا مَا وَعَدَنَا رَبُّنَا حَقًّا فَهَلْ وَجَدْتُمْ مَا وَعَدَ رَبُّكُمْ حَقًّا قَالُوا نَعَمْ فَأَذَّنَ مُؤَذِّنٌ بَيْنَهُمْ أَنْ لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ  تەرجىمىسى: «ئەھلى دوزاخقا: «بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: ‹‹ھەئە›› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: ‹‹زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» [سۈرە ئەئراپ 44-ئايەت].

ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھەر قانداق مۆمىن ئۆزىنىڭ شۇ ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى چوقۇم جەننەتكە كېرىدۇ، ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغان، ناچار-قەبىھ ئىشلارنى قىلغان ھەر قانداق كاپىر ئۆزىنىڭ شۇ ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتسە ئۇ چوقۇم دوزاخقا كېرىدۇ.

ئاندىن ئىسلامنىڭ كاتتا قائىدىلىرىدىن: مۆمىن دۇنيادا ئۈمىد ۋە قورقۇنچ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۆزىگە جەننەتكە كېرىمەن دەپ ھۆكۈم قىلمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى مەغرۇرلىنىپ قالىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قايسى ھالەتتە ۋاپات بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ دوزاخقا كېرىدىغانلىقىغىمۇ ھۆكۈم قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىشتۇر، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش ھارام بولىدۇ، ئۇ ياراملىق-ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدۇ، قىلغان ئەمىلىگە ئاللاھ تائالانىڭ ساۋاپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ يامان ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ، ئەگەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ-خاتالىق سادىر قىلىپ قالسا، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تەۋبە قىلىدۇ، قىلغان تەۋبىسى ئارقىلىق دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا بارلىق گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، تەۋبە قىلغان ھەرقانداق بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، مۆمىن ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىدىن ئەنسىرەپ قالغاندا، سىزنىڭ ئىپادىڭىزگە كۆرە ئەمەلدە قورقۇنچ بىلەن ئۈمىتنى زىيادە قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ.

مۇسۇلمان ھەرقانداق ياراملىق، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇ ئەمىلىگە تايىنىۋالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇرلانمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلسا ھالاك بولىدۇ، بەلكى ئەمەل قىلىپ ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۈمىت قىلىدۇ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە قىلغان ئەمىلىدە رىيا بولۇپ قىلىشتىن، ئەجەپلىنىپ قىلىشتىن ۋە شۇنىڭ بىلەن ئەمىلى بىكار بولۇپ كېتىشتىن قورقىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ‎وَالَّذِينَ يُؤْتُونَ مَا ءاتَوْا وَقُلُوبُهُمْ وَجِلَةٌ أَنَّهُمْ إِلَى رَبِّهِمْ رَاجِعُونَ تەرجىمىسى: «سەدىقە بېرىدىغان ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر» [سۈرە مۆمىنۇن 60-ئايەت].

مۆمىن تەۋھىد ئۈستىدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقانغا قەدەر مۇشۇنداق ئۈمىت ۋە قورقۇنچ ئارىسىدا ئەمەل قىلغان ھالەتتە قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە جەننىتىگە كېرىش بىلەن ئۇتۇق قازىنىدۇ، ئەگەر سىز بۇ ئىش توغرىسىدا چوڭقۇرراق ئويلانغان بولسىڭىز ئەلۋەتتە مۇشۇ ئىشنىڭ ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتىڭىز. ھاياتتا ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇش پەقەت مۇشۇنىڭ بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

   -ئىسلام ئىددىلوگىيسىنىڭ ئەسلى خاتالىق مەسىلىسىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيسى.

ئەمما ئەسلى خاتالىق مەسىلىسى ھەققىدە كەلتۈرگەن قاراشلارغا كۆرە سۆز قىلىش بىرقانچە يولدىن بولىدۇ:

بىرىنچى: ئىسلام ئېتىقادىنىڭ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە خاتالىقلىرىغا كۆرە تۇتقان ئورنى بولسا: ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇ باشقىلارغا يۈكلەنمەيدۇ شۇنىڭدەك، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ ئۇ كىشىگە يۈكلەنمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ تەرجىمىسى: «ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ» [سۈرە پاتىر 18-ئايەت].

بۇ ئايەت بىلەن ئەسلى خاتالىق دېگەن پىكىر رەت قىلىنىدۇ، چۈنكى ئەگەر ئاتا خاتالاشسا، ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقىنى باشقىلارغا يۈكلەپ قويۇشتا ئەۋلادلىرى ۋە نەۋېرلىرىنىڭ نېمە گۇناھى بار؟، خىرىستىيانلارنىڭ ئاتىسىنىڭ گۇناھى ئەۋلادلىرىغا يۈكلەپ قويۇش ئىددىلوگىيسى ئوپ-ئوچۇق زۇلۇمدۇر، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈلىنىپ ماڭىدۇ دېگەن سۆز ئەقىللىق ئادەمنىڭ سۆزىمۇ؟، چوڭ ئاتىنىڭ گۇناھى ئەۋلادلىرى، نەۋېر، چەۋېرلىرىگىچە سۇۋىلامدۇ؟.

ئىككىنچى: ئىنسان تەبىئىتىدە خاتالىق بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى خاتالىق سادىر قىلغۇچى» [تىرمىزى رىۋايىتى2423-ھەدىس].

لېكىن ئاللاھ تائالا ئىنساننى گۇناھ ھاسىل بولىدىغان ۋاقىتتا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىش ھەققىدە ئۆزىگە ئىگە بولالمايدىغان دەرىجىدە ئاجىز قىلمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا پۇرسەت بەردى، تەۋبىنىڭ ۋە خاتالىقتىن قايتىشنىڭ ئېشىكىنى ئېچىپ بەردى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر دېدى».

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى: قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن ئېيتقىنكى،«گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە زۈمەر 53-ئايەت].

مۇشۇنداق خىتاپ قىلىپ چاقىرغان ۋاقتىدا، ئىسلام شەرىئىتىدە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ناھايتى ئوچۇق نامايەندە بولىدۇ، ئىنساننىڭ تەبىئىتى مۇشۇنداق، ئىنسان خاتالىق سادىر قىلىپ قالسا، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولى بۇنىڭدىن ئىبارەت، ئەمما سىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ بۇ تەبىئىتىنى، بۇ بەندە بىلەن رەببىگە يېتىشنىڭ ئارىسىنى توساپ قويىدىغان خاتا تەبىئەت، بەندە مۇتلەق ھالەتتە رەببىنىڭ رازىلىقىغا يېتىشكە قادىر بولالمايدۇ، پەقەت رەب ئۇلارنىڭ (ئۇلارنىڭ گۇمانىغا كۆرە) ئۆزىنىڭ ئوغلىنى  خارلىنىپ، كۆزگە ئېلىنمايدىغان ئاتىنىڭ كۆرۈپ تۇرىشى ۋە ئاڭلاپ تۇرىشى ئاستىدا كىرستقا مىخلىنىشقا چۈشۈرىشى، شۇ ۋاقىتتا بارلىق ئىنسانلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى بولسا ناھايتى بەك چېكىدىن ئاشقان دۆتلۈك ۋە كالۋالىقتىن ئىبارەتتۇر، بۇ رەت قايتۇرۇشقا يارىمايدىغان توقۇلما ھىكايىدىن ئىبارەت خالاس. مەن بىر قېتىم بىر خىرىستىيان كىشى بىلەن مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت قىلغاندا، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: سىلەر: رەب ئوغلىنى كىرىستقا مىخلىنىپ شۇ دەۋرىدىكى ياكى ئۇ مىخلانغاندىن كېيىنكى دەۋرىدە كېلىدىغان ئىنسانلارغا پىدا بولۇش ئۈچۈن چۈشۈرگەن بولسا، نېمە ئۈچۈن: ئىسا ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كېلىشتىن ئىلگىرى گۇناھ قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرگىمۇ مەسىھنى تونۇش، ئۇلارنىڭمۇ مەغپىرەت قىلىنىشى، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان كېرستقا مىخلىنىش ئېتىقادىغا ئىشىنىشنىڭ يولىنى بىلدۈرمىدى؟ ، ئۇ كىشى ماڭا پەقەت: بۇنداق مەسىلىگە بىزنىڭ راھىپلىرىمىز جاۋاپ بېرىدۇ دېدى، ئەگەر جاۋاپ تىپىلغاندىمۇ ئۇ توقۇلمىدىن ئىبارەت بولىدۇ، بۇنىڭغا نېمە دەيدىغاندۇ؟!!

ئىنساپ بىلەن ئىنسانلارنىڭ خاتالىقى تېمىسى ھەققىدىكى خىرىستىيان ئېتىقادىنى ئوتتۇرغا قويدىڭىز، ئۇلارنىڭ: رەب ئىنسانلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ يالغۇز بىر بالىسىنى قۇربان قىلدى، بۇ ئوغۇل ئىلاھ ئېدى دېگەن سۆزىنى تاپتىڭىز، ئەگەر ئوغۇل ئىلاھ بولسا: ئۇ ئۇرۇلدى ۋە دەشنام قىلىندى، كىرستقا مىخلاندى، شۇنىڭ بىلەن ئۆلدى، مۇشۇ ئېتىقادنىڭ ئۆزى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمەسلىكنى، ئۇنى خارلىق ۋە ئاجىزلىق بىلەن تۆھمەت قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. رەب بارلىق ئىنسانلارنىڭ خاتالىقىنى بىر كەلىمە سۆز بىلەن مەغپىرەت قىلىۋېتىشتىن ئاجىز كېلەمدۇ؟، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇ قايسى ئىشقا ۋە قايسى نەرسىگە قادىر بولالايدۇ؟، خىرىستىيانلار بۇنىڭغا قارشى تۇرمايدۇ، ئۇنىڭغا ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا تۈرتكە بولغان ئىش قايسى؟ ‎‏سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يَقُولُونَ عُلُوًّا كَبِيرًا تەرجىمىسى: «ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ بوھتان سۆزلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئالىيدۇر» [سۈرە ئىسرا 43-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏بَدِيعُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ أَنَّى يَكُونُ لَهُ وَلَدٌ وَلَمْ تَكُنْ لَهُ صَاحِبَةٌ وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ‎‏  تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ خوتۇنى يوق تۇرسا، قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر» [سۈرە ئەنئام 101-ئايەت].

    ئادەتتىكى بىر ئىنسانمۇ ھەرگىز بالىسىنى باشقىلارنىڭ ئۇرىشى، تىللىشى ۋە ھاقارەت قىلىشىغا رازى بولمايدىغان بەلكى ئۇنى مۇداپىئە قىلىدىغان، قوغدايدىغان، دۈشمەننىڭ ئۇنى ئۇرۇشى، دەشنام قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنى ئەڭ ئېچىنىشلىق ھالەتتە ئۆلتۈرۈپ كىرستقا مىخلىنىشىغا يۈزلەندۇپ ياردەمسىز تاشلاپ قويىدۇ؟! ئادەتتىكى بىر ئىنساننىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق تۇرسا، ئۇلۇغ رەبنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟!.

ئۈچىنچى: خىرىستىيانلار ئېتىقاد قىلىدىغان ئەسلى خاتالىقتىن كاپارەت بېرىش ئەقىدىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ رىياللىقتىكى ھاياتىغا سەلبى تەسىرى بولىدۇ، چۈنكى خىرىستىيان ئەقىدىسى سىز بايان قىلغاندەك، ئىنسانغا ھېچ قانداق بىر مەجبۇرىيەتنى يۈكلىمەيدۇ، پەقەت ئاللاھ تائالا ئوغلىنى ئىنسانلارنىڭ خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولۇپ كىرستقا مىخلىنىپ ئۆلىشى ئۈچۈن مۇشۇ زېمىنغا ئەۋەتتى دەپ ئېتىقاد قىلىشقا بۇيرىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسان خىرىستىيان بولىدۇ، بۇ رەبنىڭ رازىلىقىنى قازىنىپ جەننەتكە كېرىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، پەقەت بۇلام ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ ئوغلىغا يۈزبەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇ، ئىلگىرىكى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى خاتالىقلارغا كاپارەت بولۇش ئۈچۈن دېگەننى ئېتىقاد قىلىشتۇر، ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىرىستىيان جەمىيتىدە بولىۋاتقان ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق، ئوغۇرلۇق، ھاراقكەشلىك قاتارلىق نۇرغۇن جىنايەتلەرنىڭ سەۋەبىنى سورىمايسىز، مەسىھ شۇنىڭغا كاپارەت بولسۇن ئۈچۈن ئۆلدى، كاپارەت بولدى، ئۆچۈرۈلدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار نېمە ئۈچۈن جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن توختىمايدۇ؟. سىز ماڭا رەببىڭىز بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئېيتىپ بىقىڭ: سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا مەسىھنىڭ قېنى بىلەن جىنايەتچىنىڭ خاتالىقىغا كاپارەت بولغان، باشقا جىنايەتلەر مەغپىرەت قىلىنغان تۇرسا، سىلەر نېمە ئۈچۈن بەزى ۋاقىتلاردا قاتىلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىسىلەر، جىنايەتچىنى تۈرمىگە ئالىسىلەر، تۈرلۈك جازالار بىلەن قىينايسىلەر؟. بۇ ئاجايىپ زىتلىق ۋە قارمۇ-قارشىلىق ئەمەسمۇ؟.

-ئەگەر مۇسۇلمانلار بارلىق ئىنسانلار ئارىدىن تاللانغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنلىرىنى كىشىلەر ئارىسىدا نەشىر قىلمايدۇ؟.

سىز سۆزىڭىزدە ئەگەر مۇسۇلمانلار بارلىق ئىنسانلار ئارىدىن تاللانغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدە-ئېتىقادلىرىنى كىشىلەر ئارىسىدا نەشىر قىلمايدۇ؟ دەپسىز، بۇنىڭ جاۋابى: ئىخلاسمەن مۆمىنلەر قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭ بىلەن تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، ئىسلام دىنىنى مەككىدىن ھىندۇنۇزىيە، سىبىريە، ماراكەش، بوسنا، جەنۇبى ئاپرىقا ۋە باشقا شەرق ۋە غەرپ تەرەپلەرگە نېمە يەتكۈزدى، بۈگۈنكى كۈندە بەزى مۇسۇلمانلاردىن سادىر بولغان خاتالىقلارنى ئىسلامغا يۈكلەپ قويۇش توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئىسلام ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشلار كىشىلەرنىڭ ئىسلام پىرىنسىپىغا زىت ئىش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ھاسىل بولغان، بەزى ئەگەشكۈچىلەردىن سادىر بولغان خاتالىق، توغرا يولدىن چەتنەپ كېتىشنى پىرىنسىپقا يۈكلەپ قويۇش ئادىللىق بولمايدۇ، مۇسۇلمانلار خىرىستىيانلاردىن ئادىل ئەمەسمۇ!، ئۇلار گۇناھكار تەۋبە قىلمىسا ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى، بەزى گۇناھلارغا دۇنيادا جازا ئىجرا قىلىنىش بىلەن ئاخىرەتتىكى جازاغا كاپارەت بولىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلىدۇ، خۇددى قاتىلنى ئۆلتۈرگەندەك، ئوغرىغا ۋە زىناخورغا جازا ئىجرا قىلغاندەك.

   -ئىسلامغا كېرىش قېيىنمۇ؟.

سىزنىڭ ئىسلامغا نىسبەتەن خىرىستىيان بولۇشنىڭ ئاسان ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىلغان سۆزىڭىز ئېنىق خاتا سۆزدۇر، ئىسلامنىڭ ئاچقۇچى پەقەتلا بۇ ئىككى سۆزدىن ئىبارەتتۇر: ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، دېمەكتۇر. بۇنىڭ بىلەن ئىنسان مىنۇت ئېچىدە ئىسلام دىنىغا كېرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ دىنى مۇراسىم ياكى دىنى ئالىمنى چاقىرىش ياكى مەسچىت دېگەندەك مۇئەييەن بىر ئورۇنغا بېرىش كېرەك بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىرىستىيانلار بىر ئادەم خىرىستىيان بولماقچى بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان كۈلكىلىك پائالىيەتلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، قايسىسىنىڭ ئاسان ئېكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ،  بىر ئادەم خىرىستىيان بولماقچى بولسا: ئالدى بىلەن (ئۇلارنىڭ قارىشىدا)ئىسا ئەلەيھىسسالام مىخلىنىپ ئەزىيەتكە ئۇچىرغان، ئازاپلانغان، دەرتلەنگەن كىرستنى ئەيىپلەش، سۆكۈش، ئۆچ كۆرۈش ۋە زۇلۇمنىڭ بەلگىسى، ئىلاھنىڭ ئوغلىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلىمىنىڭ شەكلى دەپ ئېتىبارغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا، مەسىھنىڭ ئۇيقۇسىنى چەكلەپ، دۈمبىسىنى ئاغرىتقان كىرستنى  مۇقەددەس بىلىدۇ، بەرىكەتلىك ۋە شىپالىق دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ،

    -مۇسۇلمانلار ھەقكە باشقىلاردىن بەك لايىقتۇر.

مەن بىلەن بىرگە قاراپ باقمامسىز! مۇسۇلمانلار ھەقكە باشقىلاردىن بەك لايىقتۇر، ئۇلار بارلىق پەيغەمبەر، ئەلچىلەرگە ئېشىنىدۇ، ئۇلارنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەقنىڭ ۋە تەۋھىدنىڭ ئۈستىدە دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر قىلىپ ۋە ئۆز قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە ئۇلارغا نازىل قىلغان ھەر بىر شەرىئەت شۇ زامان ۋە ماكانغا مۇناسىپ كېلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەگەر ئىنساپلىق خىرىستىيان ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، تەۋراتقا، ئەسلى ئىنجىلغا ۋە قۇرئان كەرىمگە ئېشىنىدىغانلىقىنى كۆرسە، ئاندىن ئۆزىنىڭ خىرىستىيان قەۋمى ئەۋلادلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كاپىر بولغان، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە تانغان، ئۇنىڭ كىتابىنى يالغانغا چىقارغانلىقىنى كۆرسە، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ دەلىلىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتەلەيدۇ؟!

   -مەسىھ: ھېچ بىر ئادەم  ئاتىغا يېتىشكە قادىر بولالمايدۇ پەقەت مېنىڭ ئارىغا كېرىشىم بىلەن يىتەلەيدۇ دېگەنمۇ؟.

سىزنىڭ زىكىر قىلغان مەسىھنىڭ: ھېچ بىر ئادەم ئاتىغا يېتىشكە قادىر بولالمايدۇ پەقەت مېنىڭ ئارىغا كېرىشىم بىلەن يىتەلەيدۇ دېگەن سۆزىنى ۋە ئۇنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلىشىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئىسپاتلاش كېرەك، بۇ بىرىنچى مەسىلە. ئىككىنچى مەسىلە: بۇ سۆزنىڭ باتىل ئىكەنلىكى ئېنىق،  ئىنسانلار نۇھ ئەلەيھىسسالام، ھۇد ئەلەيھىسسالام، سالىھ ئەلەيھىسسالام، يۈنۈس ئەلەيھىسسالام، شۈئەييىپ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋرىدە ئاللاھ تائالانى قانداق تونىغان؟، ئەگەر سۆز: ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، ئۇنىڭ زامانى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىگىچە ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى پەقەت ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى ئارقىلىق بىلىشكە قادىر بولغان دېيىلگەن بولسا، بۇ سۆز توغرا ۋە ئىپادە ۋە يوللۇق سۆز بولاتتى.

   -"مەن ۋە ئاتا بىر" دېگەن سۆز مەسىھنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟.

ئەمما سىزنىڭ سۆزنى  مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ "مەن ۋە ئاتا بىر" دېگەن سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇردىڭىز، بۇ رەت قىلىنىدىغان ئېتىقادتۇر، ئەگەر سىز ئىنساپ بىلەن يول تۇتۇپ، ھاۋايى-ھەۋەستىن بولغاندا، سىزگە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: "مەن ۋە ئاتا " دېگەن سۆزىنىڭ ئۇلىغۇچى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلانغۇچى شەكىلدە ۋە ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ھەرى بىلەن كەلگەنلىكى ئېنىق بولاتتى، ئەرەپ تىلىسا ئۇلانغۇچىنىڭ ئۇلانغان نەرسىدىن باشقا ئىكەنلىكى  تەقەززا قىلىنىدۇ، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن ئوغۇل ئايرىم ۋە ئاتا ئايرىم نەرسە بولىدۇ، ئەگەر بىر ئادەم: مەن ۋە پالانى دېسە، ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىككى ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بىرنى بىرگە قوشساق ئۇنى يەنە بىرگە قوشساق بىر بولىدۇ دېگەن بۇ تەڭلىمە ماتىماتىكا ۋە باشقا پەن ساھەسىدىكى بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە رەت قىلىنىدۇ.

سۆزنىڭ ئاخىرىدا سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن، سىز مېنىڭ بۇ تەۋسىيىرىمنى رەت قىلمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن: سىز ئاللاھ ئۈچۈن تۇرۇپ، يالغۇز بىر ئاللاھدىن ھىدايەت تەلەپ قىلىپ، ئىلگىرى ئوقۇغان ۋە چۈشەنگەن سۆز، ماقالە ۋە كىتاپلارنى قويۇپ، ھاۋايى-ھەۋەس ۋە تەرەپبازلىقتىن خالى بولۇپ، ئىلگىرى ئوقۇغان كىتاپلارغا كۆرە، ئۆزىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ، بۇ ئىشتا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەندىسىنىڭ ئارزۇسىنى بەربات قىلىشتىن كەرەملىكتۇر، ئاللاھ تائالا توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر، ئۇ بىزگە كۇپايىدۇر، بىزنىڭ ئىگىمىزدۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android