جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازغا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشىنىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدا

سۇئال

نامازغا ئىمامدىن كېيىن كەلگەن كىشىنىڭ ھۆكمىنى تەپسىلى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

"پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيىسى" 3-توم 353-بەتتە مۇنداق كەلگەن: نامازنىڭ ھەممە رەكەتلىرى ياكى بەزى رەكەتلىرىدە ئىمامغا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى "مەسبۇق" دېيىلىدۇ.

ئىككىنچى:

نامازغا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى توغرىسىدىكى ھۆكۈملەر:

1-نامازغا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى مەسچىتكە ئالدىرماي، تەمكىن ھالەتتە كېلىشى ياخشى. ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇغان نامىزى ئۇنىڭ نامىزىنىڭ بىشى بولىدۇ، مەسىلەن: ئەگەر ئۈلگىرەلمىگەن كىشى شام نامىزىدىن ئىككىنچى رەكەتنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇسا، بۇ ئىمامنىڭ ئىككىنچى رەكەت، ئۈلگىرەلمىگەن كىشىنىڭ بىرىنچى رەكەت نامىزى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئىككى ھۆكۈمنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تەكبىر ئېيتىلغاننى ئاڭلىساڭلار، نامازغا مېڭىڭلار، ئالدىرماي، تەمكىنلىك بىلەن كېلىڭلار، ئۈلگۈرگەن رەكەتنى ئوقۇڭلار، ئۈلگۈرەلمىگەننى تولۇقلاڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى600-ھەدىس].

بەزى ئۆلىمالار بۇنىڭدىن: جامائەت نامىزىنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىسە، جامائەتكە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن بىر ئاز ئالدىراپ ماڭسا بولىدۇ،- دېگەننى ئىستىسنا قىلدى.

1- ئۈلگىرەلمىگەن كىشى ئىمامنى رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە تاپسا، نامازغا كېرىش تەكبىرىنى ئۆرە تۇرۇپ ئېيتىدۇ، ئەگەر ناماز باشلاش تەكبىرىنى رۇكۇغا ئېگىلگەن ھالەتتە ئېيتسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ.

نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "قىيامدا تۇرۇش پەرىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئۆرە تۇرۇپ ئېيتىشمۇ پەرىز بولىدۇ، شۇنىڭدەك كېيىن كەلگۈچى ئىمامنى رۇكۇ قىلغان ھالەتتە تاپقان بولسا، ناماز باشلاش تەكبىرىنىڭ ھەممە ھەرىپلىرىنى قىيامدا تۇرغان ھالەتتە ئېيتىشى پەرز بولىدۇ، ئەگەر ناماز باشلاش تەكبىرىدىن بىرەر ھەرىپنى رۇكۇغا ئىگىلگەچ دېگەن بولسا ئۇ كىشىنىڭ نامازغا كىرىشى توغرا بولمىغان بولىدۇ، بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوق". "ئەل مەجمۇ"3-توم 296-بەت.

2- كىيىن كەلگۈچى ئىمام رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە كەلگەندە، ئۇ كىشى ئېھتىياتەن ئىككى تەكبىر ئېيتىدۇ، بىرى ناماز باشلاش تەكبىرى، يەنە بىرى رۇكۇ قىلىش تەكبىرى، ئەگەر ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئېيتىپلا رۇكۇ قىلغان بولسا، رۇكۇغا بېرىش تەكبىرىنى ئېيتمىغان بولسا، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا بۇ كۇپايە قىلىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن:" نامازغا كېيىن كەلگۈچى ئىمام رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە كەلگەن بولسا، ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئېيتىپلا رۇكۇغا بارامدۇ ياكى يەنە بىر تەكبىر ئېيتىپ ئاندىن رۇكۇغا بارامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:

بىرىنچى: ئېھتىياتەن ئىككى تەكبىرنى ئېيتىدۇ، بىرى ناماز باشلاش تەكبىرى، بۇ نامازنىڭ ئاساسى (پەرزى) بولۇپ، بۇنى ئۆرە-قىيامدا تۇرغان ھالەتتە دېيىش كېرەك.

ئىككىنچى: رۇكۇغا بېرىش تەكبىرىنى رۇكۇغا ئىگىلگەندە ئېيتىدۇ، ئەگەر بىر رەكەتنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا ناماز باشلاش تەكبىرى كۇپايە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككىسى بىر ۋاقىتقا جۇغلاشقان ئىككى ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن، چوڭى كىچىكىگە كۇپايە قىلىدۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا بۇ رەكەت توغرا بولىدۇ". "ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11-توم 245-بەت.

3- كېيىن كەلگۈچى ئىمامنى رۇكۇ قىلغان ھالەتتە تاپقان بولسا، گەرچە ئۇ ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى تەسبىھ ئېيتالماي، ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەسبىھ ئېيتقان بولسىمۇ بىر رەكەتكە ئۈلگۈرگەن بولىدۇ.

4- كېيىن كەلگۈچى رۇكۇغا ئىمام بىلەن بىرگە ئۈلگۈردىمۇ ياكى ئۈلگۈرەلمىدىمۇ؟ بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالسا، بۇ ۋاقىتتا قارىشىنىڭ كۈچلۈك تەرىپىنى تۇتىدۇ، قارىشىدا رۇكۇغا ئۈلگۈرگەنلىكى كۈچلۈك بولسا بىر رەكەتكە ئۈلگۈرگەن بولىدۇ، رۇكۇغا ئۈلگۈرمىگەنلىكى كۈچلۈك بولسا ئۇ رەكەتكە ئۈلگۈرگەن ھېسابلانمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "شەرھىل مۇمتىئ" 3-توم 383-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ئىمام رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە كەلگەن بولسا، ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن رۇكۇ قىلىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى: ئىمامغا رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە ئۈلگۈردۈممۇ ياكى رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈردىمۇ؟ دەپ ئىككىلىنىش بولۇپ قالغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا كىتابنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە، ئۇ كىشى رۇكۇغا ئۈلگۈردۈممۇ ياكى ئۈلگۈرمۈدۈممۇ؟ دەپ شەكلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىشەنچىگە ئاساسەن نامازنى داۋاملاشتۇرىدۇ، رۇكۇغا ئۈلگۈرەلمىگەنلىكى كۈچلۈك بولسا، بۇ رەكەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن بولىدۇ.

ئىككىنچى قاراشقا ئاساسلانغاندا: ئۇ كىشى كۈچلۈك قارىشى بويىچە ئىش قىلىدۇ، بىز: گۇمانىڭچە ئىمامغا رۇكۇدا ئۈلگۈردۈڭمۇ ياكى ئۈلگۈرمىدىڭمۇ؟ دەيمىز، ئۇ: ھەئە، گۇمانىمچە ئۈلگۈردۈم دىسە، ئۇ رەكەت ساڭا ئۈلگۈرگەن ھىساپلىنىدۇ،- دەيمىز، ئەگەر ئۇ: گۇمانىمچە، ئۈلگۈرەلمىدىم، دېسە، بۇ رەكەتنى ھىساپلىماي، نامىزىڭنى تولۇقلىغان،- دەيمىز. ئەگەر ئۇ: ئىككىلىنىپ قالدىم، ئۈلگۈرەلىگەنلىكىمگە جەزىم قىلالمىدىم،- دېسە، ئىشەنچلىكىنى ئاساس قىلىپ، بۇنى ھىساپلىماي، نامىزىڭنى تولۇقلىغىن دەيمىز، تۈگىدى.

5- كېيىن كەلگەن كىشى ئالدىنقى سەپتە ئورۇن تاپالماي، كېيىنكى سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇسا توغرا بولىدۇ. 

6- ئەگەر ئىمام بىر رەكەتنى ئارتۇق ئوقۇغان بولسا، بۇ ئارتۇق رەكەت كېيىن كەلگەن كىشى ئۈچۈن بىر رەكەتكە ھېساب بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "ئىمام نامازنى بەش رەكەت ئوقۇغان بولسا، كېيىن كەلگەن كىشى ئىمامغا ئىككىنچى رەكەتتە يېتىشكەن بولسا، ئۇ كىشى ئىمام بىلەن بىرگە سالام بېرىپ نامازدىن چىقامدۇ ياكى ئۈلگۈرەلمىگەن بىر رەكەتنى ئوقۇپ نامازنى تولۇقلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشقان، بەزى ئۆلىمالار: بەش رەكەت ناماز ئوقۇغان ئىمام سالام بەرگەندە، كىيىن كەلگەن كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ بىر رەكەت ئوقۇشى زۆرۈر، نامىزىنى ئىمامغا ئوخشاش بەش رەكەت ئوقۇيدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىمامغا ئۈلگۈرگەننى ئوقۇڭلار، ئۈلگۈرەلمىگەننى تولۇقلاڭلار دېگەن، بۇ كىشى بىر رەكەتكە ئۈلگۈرەلمىدى، شۇ رەكەتنى ئوقۇشى كېرەك،- دەپ قارىغان.

لېكىن كۈچلۈك قاراشتا، ئۇ كىشىنىڭ بەشىنچى رەكەتنى ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئىمام بىلەن بىرگە سالام بېرىدۇ، چۈنكى ئىمام بەشىنچى رەكەتتە ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، ئەمما بۇ كىشىگە تۆت رەكەت ئوقۇغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئۆزۈر يوق، ئۇنىڭغا نامازغا زىيادە قىلىشى ھالال ئەمەس.

ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئۈلگۈرەلمىگەننى تولۇقلار دېگەن ھەدىسىدىكى، "تولۇقلاڭلار" دېگەن سۆز: نامازنىڭ كەم قالغان رەكىتىنى تولۇقلاڭلار! دېگەن بولىدۇ. ئۇ كىشى ئىمام بىلەن تۆت رەكەتنى ئوقۇغان بولسا، ئۇنىڭ نامىزى كەم قالغان بولمايدۇ، مانا بۇ ھەدىسكە بېرىدىغان جاۋابىمىز. توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر". "ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"14-توم 20-بەت.

7- ئىمام سالامدىن ئىلگىرى سەھۋەنلىك ئۈچۈن سەجدە قىلسا، كېيىن كەلگۈچىمۇ مەيلى سەھۋەنلىكنى تاپسۇن ياكى ئىمامنىڭ سەھۋەنلىكىدىن كېيىن نامازغا كىرگەن بولسۇن ئىمام بىلەن بىرگە سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ، ئەمما سالامدىن كېيىن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلغان بولسا، كېيىن كەلگۈچى ئۆزۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ سەجدىدە ئىمامغا ئەگەشمەيدۇ. 

8- كېيىن كەلگۈچى نامازدىن بىر رەكەتكىمۇ ئۈلگۈرەلمىسە، جامائەتكە ئۈلگۈرگەن بولمايدۇ، بىر رەكەت رۇكۇغا ئۈلگۈرۈش بىلەن بولىدۇ.

"دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى-ئون ئىككىنچى بۆلۈم-"6-توم 225-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كېيىن كەلگۈچى بىر رەكەتكىمۇ ئۈلگۈرەلمىسە جامائەتنى تاپقان بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازدىن بىر رەكەتكە ئۈلگۈرگەن كىشى جامائەتنى تاپقان بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى]. يەنى بىر رەكەتكە ئۈلگۈرۈش رۇكۇغا ئۈلگۈرۈش بىلەن بولىدۇ".

9- كېيىن كەلگۈچى ئاخىرقى رەكەتنىڭ رۇكۇسىدىن كېيىن كەلگەن بولسا، ياخشىسى ئۇ كىشى ئىككىنچى جامائەتنى كۈتمەستىن دەرھال ئىمامغا ئەگىشىدۇ.

"دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى-ئون ئىككىنچى بۆلۈم-"6-توم 225-بەتتە مۇنداق كەلگەن: كېيىن كەلگۈچى ئاخىرىقى رەكەتنىڭ رۇكۇسىدىن كېيىن كەلگەن بولسا، ياخشىسى ئىمامغا ئەگىشىپ نامازغا كىرىشى كېرەك، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازغا كەلگەندە، ئېغىر-بېسىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن كېلىڭلار، ئىمامغا ئۈلگۈرگەننى ئوقۇڭلار، ئۈلگۈرەلمىگەننى تولۇقلار، بۇ ھەدىس رۇكۇدىن بۇرۇنقى بولسۇن ياكى رۇكۇدىن كېيىنكى بولسۇن، ئۈلگۈرەلمىگەن نامازنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ". 

10-كېيىن كەلگۈچى جۈمە نامىزىدا ئىككىنچى رەكەتنىڭ رۇكۇسىغا ئۈلگۈرەلمىسە، جۈمەگە ئۈلگۈرگەن بولمايدۇ، ئىمام جۈمە نامىزىنىڭ ئىككىنچى رەكەتنىڭ رۇكۇسىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن كەلگەن بولسا، جۈمەگە ئۈلگۈرەلمىگەن بولىدۇ، ئىمامغا ئەگىشىپ نامازغا كېرىپ، ئىمام سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى پېشىن نامىزى قىلىپ تولۇقلاپ ئوقۇيدۇ. 

11-كېيىن كەلگەن كىشى ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئىمام سول تەرەپكە سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۈلگۈرەلمىگەن نامىزىنى تولۇقلايدۇ. 

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى