جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تاھارەت ئىلىش جەريانىدا چېشىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۇتقىنى ئېلىۋېتىش كېرەك بولامدۇ؟

سۇئال

چېشلىرىمنى داۋالاتتىم، چېش دوختۇرى چېشىمغا چېشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئوراپ تۇتۇپ تۇرىدىغان بىر نەرسىنى قويدى، بۇ نەرسىنى خالىغاندا ئىلىۋەتكىلى بولىدۇ، ناماز ئۈچۈن ھەر قېتىم تاھارەت ئالغان ۋاقتىمدا يەنى ئېغىزغا سۇ ئالغاندا ئۇنى ئىلىۋېتىشىم كېرەكمۇ؟، تاھارەت ئالغاندا چېشلارنىڭ ھەممىسىگە سۇ تىگىشى كېرەكمۇ؟ياكى ئۇنى ئېغىزىمدىن ئىلىۋەتمەي تاھارەت ئالساممۇ بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تاھارەت ئالغاندا چېشنى تۇتۇپ تۇرىدىغان بۇ نەرسىنى ئېلىۋېتىش كېرەك ئەمەس، چۈنكى ئېغىزىغا سۇ ئېلىش دېگەن؛ سۇنى ئېغىزىدا ھەرىكەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئېغىزدا چېشنى تۇتۇپ تۇرىدىغان نەرسە بولسىمۇ ھاسىل بولىدۇ، جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندا مۇمكىن بولسا ئىلىۋەتكەن ياخشى.

     شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن:  مەن چېشلىرىمنى ياساتقان، بۇ چېشلارنى بىر قېتىم تاھارەت ئالغاندا ئېلىۋېتىپ تاھارەت ئالسام كۇپايە قىلامدۇ ياكى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا ئېلىۋېتىپ ئاندىن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "بۇنى ئېلىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بىرىنچى قېتىم سالغاندا ئېغىزىڭىزنى چايقاپ تاھارەت ئىلىپ سالدۇرغان بولسىڭىز، شۇ تاھارەت بىلەن نامازنى ئادا قىلىسىز، يەنە بىر قېتىم تاھارەت ئالماقچى بولغاندىمۇ ياساتقان چېش ئېغىزىڭىزدا تۇرىۋېرىدۇ، ئېغىزىڭىزنى چايقايسىز چىشنى ئېلىۋېتىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ". [ "نۇرۇن ئەلەددەرپ پەتىۋاسى"  5 -توم 101 -بەت. ]

      شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن:  بىر كىشى ئالغىلى بولىدىغان قىلىپ بەزى چېشلارنى سالدۇرۇپتۇ، مۇستەھكىم بېكىتىۋەتمەپتۇ، لېكىن تولا ئىلىپ-سېلىش قېيىن بولۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىزىنى چايقىغاندا چېشلىرىنى ئالماي تاھارەت ئالسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئېغىزىنى چايقىغاندا چېشىنى ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئېغىزىغا سۇ ئالغاندا سۇنى ئېغىزىدا ئايلاندۇرۇش كۇپايە قىلىدۇ، چۈنكى سۇ دېگەن ئىنچىكە بولغانلىقى ئۈچۈن ئېغىزدىكى ھەممە چېشنىڭ ئارىسىغا يېتىدۇ، ئەگەر مۇمكىن بولسا جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندا چېشىنى ئېلىۋەتسە ياخشى بولىدۇ".  ["ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت"  20 -قىسىم 158 نومۇر].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى