شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزاننىڭ كۈندۈزدە مەقەت يولىدىن ئوكۇل سالدۇرۇش ياكى سۇيۇقلۇق ماڭدۇرۇش روزىنى بۇزامدۇ؟

سۇئال

  روزىدار بىمارنىڭ كۈندۈزدە مەقەت يولىدىن ئوكۇل سالدۇرىشى ياكى سۇيۇقلۇق ماڭدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   چوڭ تەرەت كەلمىگەن ياكى ئېچى قېتىپ قالغان بىمارلارنىڭ رامزاننىڭ كۈندۈزدە مەقەت يولىدىن ئوكۇل سالدۇرىشى ياكى سۇيۇقلۇق ماڭدۇرىشى بىلەن روزا بۇزۇلامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس: بەزى ئالىملار ئىنساننىڭ ئېچىگە كىرگەن ھەر قانداق نەرسە بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ دېگەن قائىدىگە ئاساسەن روزا بۇزۇلىدۇ دەيدۇ، يەنە بەزى ئالىملار بۇ يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسە ئەمەس ۋە ئۇنىڭ مەنىسىدىكى نەرسىمۇ ئەمەس بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ دەيدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ  روزا بۇزۇلمايدۇ دېگەن.

   مېنىڭ قارىشىمچە: بۇ مەسىلىدە دوختۇرلارنىڭ پىكرىگە قارايمىز، ئەگەر دوختۇرلار بۇ يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاش دېسە، بۇنى يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھۆكمىگە قاتىمىز شۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئەگەر دوختۇرلار بۇ نەرسە بەدەنگە يېمەك-ئىچمەك بەرگەن ئوزۇقلۇق-كۈچ بەرمەيدۇ دېسە، ئۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: "شەيخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئەل ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 1-توم 516-بەت