ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
16114/ذو القعدة/1446 , 12/ماي/2025

خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن سودا ئورۇنلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇكاپاتلارنى يولغا قويۇشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال: 22862

بەزى دۇكانلار، تىجارەت ئورۇنلىرى ۋە گېزىتلەر خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن، مۇكاپاتلىق مۇسابىقىلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇنىڭغا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن زامانىمىزدىكى تونۇشلۇق ئالىملارنىڭ پەتىۋاسىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇ، بازارلاردىكى تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ خېرىدار جەلىپ قىلىش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ تاۋارلارنى بازارغا سېلىش نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن مەسىلىدۇر،  زامانىمىزدىكى ئالىم-ئۆلىمالار بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك پەرقلىق قاراشتا بولدى، ئۇ قاراشنىڭ بىرى: بۇنداق قىلىشتىن مۇتلەق چەكلەش. ئىككىنچىسى: مەلۇم شەرتلەر بىلەن بۇ ئىشنى دۇرۇس قىلىش.

بۇ ئىشنى ھارام دەپ چەكلىگەنلەردىن سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ۋە شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ ، بۇ ئۇلارنىڭ بەزى پەتىۋالىرى:

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: بۇ سۇئال: ئامېرىكىدا يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان بەزى تىجارەت ئورۇنلىرى بار، ئۇلاردىن بىر نەرسە سېتىۋالسىڭىز، ئۇلار سىزگە ئېنىقسىز نومۇرلارنى بېرىدۇ، سىزنىڭ يېنىڭىزدا تىجارەت ئورۇنلىرى بېكىتكەن مەلۇم مىقداردا بەزى نومۇرلار توپلانغاندا، مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، مۇكاپات مەلۇم مالدىن ئىبارەت بولىدۇ، مۇسۇلماننىڭ مۇشۇ مۇكاپاتنى ئېلىشى توغرا بولامدۇ؟ بىلىشىمچە بۇنىڭ بەدىلىگە بىر نەرسە بەرمەيدۇ، پەقەت ئۇ دۇكاندىن بىر نەرسە سېتىۋالغانلىقى ياكى ئۇ ئورۇنلارنى زىيارەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بېرىلگەن پۇئانلارنى توپلاش ئارقىلىق بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئىش سىز سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، سىزنىڭ تىجارەت ئورۇنلىرىدىن بىر نەرسە سېتىۋالغانلىقىڭىز ياكى زىيارەت قىلغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن ئىختىيارى ھالەتتە بېرىلگەن ئېنىقسىز پۇئانلار  ئىختىيارى ھالەتتىن  كېيىن ئېنىق بولسا، بۇ قىمار بولىدۇ، بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكى قۇرئان، ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمى ۋە ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن مەلۇمدۇر". [5847-نومۇرلۇق پەتىۋا "دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى"  15 -توم 191 -بەت.]

دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىدىن يەنە: " ئەتراپىمىزدىكى بەزى دۇكاندارلار بەرەڭگە ياپرىقىنىڭ بىر ساندۇقىنى يۈز رىيالدىن ساتىدۇ، باشقا دۇكانلاردا بولسا بىر يۈز يىگىرمە رىيال ساتىدۇ، ئۇلار ماشىنا ۋە باشقا مۇكاپاتلىق بۇيۇملارنى قويىدۇ، خېرىدارلار مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ دۇكانغا كۆپ كېلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولامدۇ؟ بۇ توغرىدا پەتىۋا بەرگەن بولساڭلار، ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "سىز سورىغان بۇ ئىش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا چەكلەنگەن ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ ئاللاھ ھارام قىلغان ئالدامچىلىق ئىشلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان قىماردىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‎يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالأَنصَابُ وَالأَزْلامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ ، إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُوقِعَ بَيْنَكُمْ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَعَنْ الصَّلاةِ فَهَلْ أَنْتُمْ مُنتَهُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر!  ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار، شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟». [سۈرە مائىدە 90 -91-ئايەت.]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى(ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار». [سۈرە نىسا 29 -ئايەت.]

دىنىمىزدا ساختىپەزلىك بولغان سودىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالادىن سىزنى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىشنى، ياردەم بىرىشنى ۋە ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلىشنى سورايمىز.  183224 -نومۇرلۇق پەتىۋا، "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  15 -توم 195 -بەت.]

دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن يەنە: "بەزى تىلېفۇن شىركەتلىرىنىڭ مۇشتەرىلەرنى كۆپ تىلىفۇن قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىلىپۇن قىلغانلارغا مۇكاپات تارقىتىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "تىلېفۇن شىركەتلىرىنىڭ مۇشتەرىلەرنى كۆپ تىلېفۇن قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىلېفۇن قىلغانلارغا مۇكاپات-سوغات تارقىتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا شىركەت ئۆزىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشتەرىلەرنى كۆپ تىلېفۇن قوللىنىشقا قىزىقتۇرۇپ كىشىلەرنى قىمار شەكلىنى ئالغان بىر شەكىلدە ئالداش ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى  ھەقسىز يول بىلەن ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شىركەتلەر ھەتتا مۇشتەرىلەر ئارىسىدا بىر-بىرى بىلەن رىقابەتتە بولۇش، بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىش قاتارلىق ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالأَنصَابُ وَالأَزْلامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ ، إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُوقِعَ بَيْنَكُمْ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَعَنْ الصَّلاةِ فَهَلْ أَنْتُمْ مُنتَهُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار، شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى(ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟». [سۈرە مائىدە  90-91-ئايەتلەر].

19560 -نومۇرلۇق پەتىۋا "دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى"  15 -توم 195 -بەت.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: "بىزنىڭ يۇرتتا بىر ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇپ، جەمئىيەتكە كېرىدىغان ئىشىك يېنىغا بىر ماشىنا توختىتىدۇ، بۇ يەردىن يۈز دىرھەملىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بىر نەرسە سېتىۋالغان كىشىگە: بۇنىڭ باھاسى ئون دىرھەم" دەپ خەت يېزىلغان بىكارلىق بىر چەك چىقىدۇ،  كىمنىڭ نېسىۋىسى بولسا ئۇنىڭغا  ماشىنا چىقىدۇ، نېسىۋىسى بولمىغانغا بىر نەرسە چىقمايدۇ".  مېنىڭ سوئالىم:

1-مۇشتەرى مۇكاپات چىقمىغان ئەھۋالدىمۇ ھېچ زىيان تارتمايدىغان بۇ شەكىلدىكى چەك تارتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشسا قانداق بولىدۇ؟.

2-چەك تارتىشقا ئىشتىراك بولۇش ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان جەمئىيەتتىن بىر نەرسە سېتىۋالسا توغرا بولامدۇ؟، بۇ ئىش توغرىسىدا خىلى سەۋىيەلىك كىشىلەرمۇ ئىككىلىنىپ، ھەيران قىلىشىۋاتىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىشلاردا ئوچۇق دەلىلگە ئىگە بولىشى ئۈچۈن بۇ سوئالغا دەلىللەر بىلەن جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟. ئاللاھ ئەجىر ئەزىم بەرسۇن.

شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " بۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق بايان قىلغان قىماردىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالأَنصَابُ وَالأَزْلامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ ، إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُوقِعَ بَيْنَكُمْ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَعَنْ الصَّلاةِ فَهَلْ أَنْتُمْ مُنتَهُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار، شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى(ھاراقتىن، قىماردىن)يانمامسىلەر؟». [سۈرە مائىدە  90-91-ئايەتلەر].

رەھبەرلەر، ئالىم-ئۆلىمالار، يۇرت چوڭلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت كىشىلەرنى بۇنداق مۇئامىلىلەرنى قىلىشتىن چەكلىشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ھۆكۈملەرگە زىت كېلىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يەۋېلىش ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەنگە ھىدايەتنى ۋە ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشنى ئاتا قىلغاي". ["دەۋەت ژۇرنىلى" 1145 -سان، ھىجىرىيە 1408 -يىلى 10 -ئاينىڭ 29 -كۈنى.]

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ مۇسابىقىگە ئىشتىراك قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىپ بۇنىڭغا ئىككى شەرتنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: شىركەت ئۆزلىرىدىن بىر نەرسە سېتىۋالغان كىشىلەرگە مۇكاپات بېرىشنى بېكىتكەن بولسا بۇ تۆۋەندىكى ئىككى شەرت بىلەن دۇرۇس بولىدۇ:

بىرىنچى شەرت: مالنىڭ پۇلى شۇ مالنىڭ ھەقىقى باھاسى بولىشى كېرەك، يەنى مۇكاپات چىقىرىمىز دەپ مالنىڭ باھاسىنى يۇقىرى ئۆرلەتمىگەن بولىشى كېرەك، ئەگەر مۇكاپات سەۋەبىدىن مالنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگەن بولسا، بۇ قىمار بولىدۇ، بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىش ھارام بولىدۇ.

ئىككىنچى شەرت: ئەگەر ئىنساننىڭ بۇ تاۋارغا ئېھتىياجى بولمىسا،  تاۋارنى مۇكاپات چىقىپ قالامدىكىن دەپ سېتىۋالماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلىش مالنى زايە قىلىۋېتىش ھېسابلىنىدۇ. بىز بەزى كىشىلەرنىڭ سۈت-قېتىق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېھتىياجى بولمىسىمۇ مۇكاپات چىقىپ قالامدىكىن دەپ سېتىۋالغانلىقىنى سېتىۋېلىپ بولۇپ ئۇنى يولغا ياكى دۇكان ئەتراپىغا تۆكىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۆزى مالنى زايە قىلىۋەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مالنى زايە قىلىۋېتىشىدىن چەكلىگەن. ["ئوچۇق سۆھبەت"  1162 -نومۇر. ]

ئاللاھ خالىسا بۇ سۆز مەقسەتكە ئەڭ يېقىن سوزدۇر، چۈنكى ئىنسان ئىككىنچى شەرتنى ئۆزىگە ئەمەلىيلەشتۈرسە بولىدۇ، ئېھتىياجى بار ياكى يوقلىقىنى ئۆزى ياخشى بىلىدۇ.

ئاللاھ تائالادىن بىزلەرگە پاكىزە، ھالال رىزىق بېرىشنى، قانائەتچان قىلىشنى ۋە ئاز بولسىمۇ بەرگەنگە رازى بولىدىغان قىلىشنى، بىزلەرنى ھارامدىن ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرىدىن يىراق قىلىشنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android