شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

تاھارەتنىڭ پەرز ۋە سۈننەتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

تاھارەتنىڭ پەرزلىرى، ۋاجىپلىرى ۋە سۈننەتلىرى قايسىلار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: تاھارەتنىڭ ئاساسى ۋە پەرزى ئالتىدۇر:

   1-يۈزىنى يۇيۇش، ئېغىزنى بىلەن بۇرنىنى يۇيۇشمۇ يۈزنىڭ جۈملىسىدىن. 

   2-ئىككى قولىنى ئىككى جەينىكى بىلەن قېتىپ يۇيۇش.

   3-بېشىغا مەسىھ قىلىش.

   4-ئىككى پۇتىنى ئىككى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ يۇيۇش.

   5-تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالارنى تەرتىپ بىلەن يۇيۇش.

   6-ئەزالارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكۈزمەستىن ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇش.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُؤُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت]. "رەۋزۇل مۇرەببى مەئە ھاشىيەتى ئىبنى قاسىم" 1-توم 181-188-بەت.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يەردە تاھارەتنىڭ پەرزلىرىدىن تاھارەتنىڭ ئاساسلىرى مەقسەت قىلىنىدۇ. بىزمۇ مۇشۇنداق تونۇشتۇرىمىز، ئالىملار تۈرلۈك شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ، ئۇلار تاھارەتنىڭ ئاساسلىرىنى پەرز ۋە پەرزلىرىنى ئاساسى دەپ بايان قىلىدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 1-توم 183-بەت].

   بىز كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ۋاجىپ دېگەن قاراشنى تاھارەتنىڭ پەرزلىرى دەپ بايان قىلغان ئىدۇق. 

    تاھارەتنىڭ ۋاجىپلىرى ئۇ تاھارەتنىڭ ئاساسلىرى ۋە پەرزلىرىدۇر. ئۇ بولسىمۇ تاھارەت ئۇنىڭدىن شەكىللىنىدىغان ئەزالار بولۇپ، تاھارەت پەقەت مۇشۇ ئەزالارنى يۇيۇش ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. بۇ ئەزالارنى يۇيۇشنى تاھارەت دەپ ئاتاشنى ئىمام ئەھمەد ۋاجىپ دەپ قارىغان. ئەمما كۆپچىلىك ئالىملار بۇ ۋاجىپ ئەمەس بەلكى ئۇ تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرىدىن دېگەن. بۇنىڭ تەپسىلاتى 21241- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

    ئىككىنچى: تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى كۆپ بولۇپ، شەيخ سالىھ پەۋزان مۇنداق دېگەن: تاھارەتنىڭ سۈننىتى ئۇ، بىرىنچى: مىسۋاك ئىشلىتىش، مىسۋاك قىلىشنىڭ ئورنى ئېغىزنى يۇغاندا بولىدۇ، قۇرئان تىلاۋىتى قىلىش ۋە ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئىبادەتنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئېغىزىنى يۇيۇپ مىسۋاك ئىشلىتىش كېرەك.

   ئىككىنچى: يۈزىنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى تاھارەتنىڭ بېشىدا ئىككى قولىنى ئالقىنى بىلەن ئۈچ قېتىم يۇيىۋېتىش كېرەك، چۈنكى بۇ توغرىدا ھەدىس بايان قىلىنغان. چۈنكى ئىككى قول دېگەن ئەزالارغا سۇنى يەتكۈزىدىغان سايمانغا ئوخشايدۇ، ئىككى قولنى يۇيۇشتا تاھارەتنىڭ ھەممىسىدە ئىھتىياتنى تۇتۇش بار.

    ئۈچىنچى: يۈزىنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز-بۇرنىغا سۇ ئېلىنىدۇ، روزىدار بولمىغان كىشى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۇ ئېلىشى كېرەك.

    ئېغىزنى بەك مۇبالىغە قىلىپ يۇيۇشنىڭ مەنىسى: ئېغىزىنىڭ ھەممىسىدە سۇنى ئايلاندۇرۇش، بۇرنىغا بەك مۇبالىغە قىلىپ سۇ ئېلىشنىڭ مەنىسى: سۇنى بۇرنىنىڭ ئېچىگە تارتىشتۇر.

    تۆتىنچى: ساقال قويۇق بولسا، ئۇنىڭ ئارىسىغا سۇ يەتكۈزۈش ئۈچۈن بارماقلىرىنى ساقالنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈش، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاش.

    بەشىنچى: ئوڭ تەرەپتىن باشلاش، ئىككى قولنى ۋە ئىككى پۇتنى يۇغاندا ئالدى بىلەن ئوڭ تەرەپتىن باشلاش كېرەك.

    ئالتىنچى: يۈزىنى، ئىككى قولىنى ۋە ئىككى پۇتىنى يۇغاندا بىر قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە يۇيۇش. ["پىقھى خۇلاسە" 1-توم 44-45-بەت].

    يەنە تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرىدىن: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىش، ئىمام ئەھمەد ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىشنى ۋاجىپ دەپ قارىغان. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 115246 - نومۇرلۇق پەتىۋانىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

    تاھارەتنى ئىلىپ بولغاندىن كېيىن: أشْهَدُ أنْ لا إله إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لا شَرِيك لَهُ، وأشْهَدُ أنَّ مُحَمَّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ، اللَّهُمَّ اجْعَلْنِي مِنَ التَوَّابِينَ، واجْعَلْني مِنَ المُتَطَهِّرِينَ، سُبْحانَكَ اللَّهُمَّ وبِحَمْدِكَ، أشْهَدُ أنْ لا إلهَ إِلاَّ أنْتَ، أسْتَغْفِرُكَ وأتُوبُ إِلَيْكَ تەرجىمىسى:«ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، ئاللاھ يالغۇز ۋە ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. ئى ئاللاھ! مېنى تەۋبە قىلىپ، تەۋبىسى قوبۇل بولغانلاردىن قىلسىلا، مېنى پاك بولغۇچىلاردىن قىلسىلا. ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە ھەمدە ئېيتىش بىلەن سىلىنى ھەممە ئەيىب نۇقساندىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، سىلىدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، سىلىدىن كەچۈرۈم سورايمەن، سىلىگە تەۋبە قىلىمەن» دېيىش ياخشى بولىدۇ.

    تاھارەتنىڭ سۈپەتلىرىنى مۇكەممەل بىلىش ئۈچۈن 11497 - نومۇرلۇق پەتىۋانىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى