بۇ تۈردىكى ئىشلار ئاللاھنىڭ كالامىنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە تۆۋەن كۆرۈشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈن، قۇرئان كىرىم ئايەتلىرى يېزىلغان تۇمار بولسۇن ياكى ھەرقانداق بىر نەرسە بولسۇن ئۇنى ھاجەتخانىغا بىرگە ئېلىپ كېرىشكە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئايالىڭىز ھاجەتخانىغا كېرىشتىن بۇرۇن بوينىدىكى تۇمارنى ئېلىۋېتىشى كېرەك، بىزنىڭ نەسىھىتىمىز: ئايال بولسۇن، كېچىك بالا بولسۇن ياكى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ياكى پاناھلىق تىلەش توغرىسىدا بىر نەرسىلەر يېزىلغان تۇمار دېگەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنى بوينىغا ئاسماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز، گەرچە ئۇنى ھاجەتخانىغا بىرگە ئېلىپ كېرمىگەندىمۇ، ئۇنىڭدا شېرىككە چۈشۈپ قىلىش ئېھتىماللىقىدىن ئىبارەت خەتەرگە يېقىندۇر.
قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى يېزىلغان تۇمار بىلەن ھاجەتخانىغا كېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
سوئال: 2255
ئايالىمنىڭ بوينىدا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى يېزىلغان تۇمار بولۇپ، ئايالىم تۇمار ئاسقان ھالىتىدە ھاجەتخانىغا كىرسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپنىڭ تېكىستى
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
مەنبە:
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد