جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

جازانە بانكىلىرىدا پۇل ئامانەت قويۇش توغرىسىدا

سۇئال

   مەن ئىقتىسادىمنى بەزى مۇئامىلاتلىرىم ئۈچۈن بانكىدا قويسام، ئۇلارنىڭ ئامانەت قويغان پۇلغا بەرگەن ئۆسۈملىرىنى ئالمىسام توغرا بولامدۇ؟، شۇنداقتىمۇ بۇ مالنىڭ جازانىدىن كەلگەن ئۆسۇمىنى بانكا ئىلىپ قالىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    جازانە مۇئامىلە قىلىدىغان بانكىلاردا پۇل ئامانەت قويۇش توغرا بولمايدۇ، مۇسۇلمان بەك مەجبۇر بولۇپ قالمىسا، بۇنداق بانكىلار بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەك،

 ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك شەرت بىلەن بولىدۇ:

   1-شۇنىڭغا ھاجەت بولۇش كېرەك، مۇشۇ بانكىدىن باشقا پۇلنى ئامانەت قويىدىغان ئىشەنچىلىك بىر ئورۇن تېپىلمىغاندا بولىدۇ، ئەگەر بۇ جازانە بانكىسىدىن باشقا مالنى ساقلايدىغان باشقا بىر ئورۇن بولسا ئۇ ۋاقىتتا جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بانكىدا مالنى قويۇش توغرا بولمايدۇ،

   2-مالنى ئامانەت قويىدىغان بانكا يۈزدە يۈز جازانە مۇئامىلىسى قىلمايدىغان بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ بانكىدا مالنى ئامانەت قويۇش مۇتلەق توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سىز مۇشۇ ھالەتتىكى بانكىغا مالنى ئامانەت قويسىڭىز، ئېنىق بانكىنىڭ جازانە ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن بولدىڭىز، جازانىگە ياردەم بېرىش توغرا بولمايدۇ.

   3-مالنى ئامانەت قويغۇچى بانكىدىن پايدا-ئۆسۈم ئالماسلىقى كېرەك، ئەگەر پايدا ئالسا شۇنىڭ بىلەن جازانە قىلغان بولىدۇ، جازانە قىلىش قۇرئان، ھەدىس ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن ھارامدۇر.

   ئەمما سوئال سورىغۇچىنىڭ: ئەگەر پايدىنى مال ئىگىسى ئالمىسا، ئۇنى بانكا ئالىدۇ دېگەن سۆزىگە كەلسەك، بۇ پايدا ئەمەس بەلكى ھارام بولغان جازانىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇ بولىسىمۇ بانكىنىڭ ئەسلى، مال ئامانەت قويغۇچىنىڭ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئېلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‏يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنْ الرِّبَا إِنْ كُنتُمْ مُؤْمِنِينَ‏ تەرجىمىسى: «ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار.» [سۈرە بەقەرە 278-ئايەت]. 

    ئاللاھ تائالا جازانە ئالغانلارغا ئازابنى ۋەدە قىلىپ مۇنداق دېدى: ﴿‏فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنْ اللَّهِ وَرَسُولِهِ﴾‏ تەرجىمىسى: « ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر.» [سۈرە بەقەرە 279-ئايەت].

    شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇ ماللارنى جازانە بانكىسىدا ئامانەت قويۇش ئۇ شەرئى مەنىدىكى ئامانەت ئەمەس، چۈنكى شەرئى ئامانەت دېگەن مال ئىگىسى مالنى بىرسىگە بېرىدۇ، مال ئۇنىڭ يېنىدا ئامانەت بولۇپ تۇرىدۇ، مالنى ئىشلەتمەيدۇ، ئەگەر بانكا مالنى ئىشلەتسە، ئۇ ۋاقىتتا شەرىئەتتە بۇ ئامانەت بولماستىن قەرز بولىدۇ، پىقھى ئالىملىرى بۇنىڭغا دەلىللەرنى بايان قىلغان، ئەگەر ئامانەت قويغۇچى ئامانەت قويۇلغۇچىغا مالنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلسا، بۇنىڭ بىلەن ئامانەت قەرىزگە ئۇرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئارتۇقنى كىرگۈزۈش جازانە بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ ["پەتاۋا مەنارىل ئىسلام" 2-توم 433-440-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد