بىرىنچى: ئەر ئايالىنى ئىككى قېتىم تالاق قىلغان بولسا ئۇنىڭ ئايالى بىلەن يېنىشىۋېلىشى ئۈچۈن كەڭىرچىلىك يارىتىپ بېرىش "رەجئى تالاق" دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الطَّلاقُ مَرَّتَانِ فَإِمْسَاكٌ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌ بِإِحْسَانٍ تەرجىمىسى: «(قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش ياكى ياخشىلىق بىلەن (زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي) قويۇۋېتىش لازىم » [سۈرە بەقەرە 229-ئايەت].
ئەگەر ئايالىنى ئۈچ قېتىم تالاق قىلغان بولسا، ئۇ ئايال ئېرىگە ھارام بولىدۇ، ئۇ ئايال بىلەن قايتىدىن تويلۇق ئېلىپ ۋە يېڭىدىن نىكاھ قىلىپمۇ ياراشقىلى بولمايدۇ. پەقەت ئۇ ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن ئۆز رىغبىتى بىلەن ھەقىقى توي قىلىپ ئاندىن ئەر ئۇ ئايال بىلەن كىلىشەلمەي (ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن) تالاق قىلىۋەتكەن ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن بۇرۇنقى ئېرى بىلەن يېڭىدىن نىكاھ قىلىپ ۋە مېھرى ئىلىپ ياراشسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِنْ طَلَّقَهَا فَلا تَحِلُّ لَهُ مِنْ بَعْدُ حَتَّى تَنْكِحَ زَوْجاً غَيْرَهُ فَإِنْ طَلَّقَهَا فَلا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَنْ يَتَرَاجَعَا إِنْ ظَنَّا أَنْ يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: « ئەگەر (ئەر) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) (ئۈچىنچى قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن) باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ. كېيىنكى ئەر ئۇنى تالاق قىلغاندىن كېيىن (ئىددىتىنى توشقۇزۇپ)، بۇرۇنقى ئەر بىلەن قايتا ياراشسا، ئۈلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىنى (يەنى قايتا ياراشقاندىن كېيىن ياخشى ئۆتەلەيدىغانلىقىنى) تەسەۋۋۇر قىلسا، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇركى، ئاللاھ ئۇنى بىلىدىغان (يەنى ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە پەمى يېتىدىغان) قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ» [سۈرە بەقەرە 230-ئايەت].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: رىپائە قۇرەزىي بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ ئاندىن ئۇ ئايالنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتكەن، ئۇ ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن توي قىلغان، بۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ يېڭى توي قىلغان ئېرىنىڭ ئۆزى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئايالنىڭ بۇرۇنقى ئېرى رىپائە بىلەن يېنىشىۋالغۇسى بار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇ ئايالغا: «ياق، سىز ئۇ ئەرنىڭ ۋە ئۇ ئەر سىزنىڭ تەمىڭىزنى تېتىمىغۇچە بولمايدۇ (يەنى سىز بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلمۇغىچە بولمايدۇ)» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 5011-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1433-ھەدىس].
ئۈچ تالاق قىلىنغان ياكى باشقا تالاق قىلىنغان ئاياللارنىڭ "ھالاللاپ بېرىش" نىكاسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئېرىگە قايتىۋېلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ھىلە- مىكىر قىلىشى توغرا بولمايدۇ، "ھالاللاپ بېرىش " نىكاسى بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ:
1-تالاق قىلغۇچى ئەر ياكى تالاق قىلىنغان ئايال ياكى ئايالنىڭ ۋەلىلىرى بىر ئەرنى بىر كېچىلىك ئىجارىگە ئېلىپ: ئۇنىڭغا تالاق قىلىنغان ئايالنى نىكاھلاپ قويىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىدىغان ئاندىن تالاق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا مال بېرىدىغانلىقىنى شەرت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
2-مەلۇم بىر ئەر كىشى تالاق قىلىنغان ئايال بىلەن ھېچ نەرسىگە كېلىشمەي توي قىلىدۇ، ئاندىن تالاق قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ توي قىلىشتىكى مەقسىدى: ئۇ ئايالنى دەسلەپتىكى ئېرىگە ھالال قىلىپ بېرىشتۇر.
"ھالاللاپ بېرىش" نىكاسى ھارام ۋە بۇزۇق ئەقىدىدۇر. بۇنداق قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ھەقلىق بولىدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھالال قىلىپ بەرگۈچىگە ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھالاللاپ بېرىلگەن كىشىگە لەنەت قىلدى». [تىرمىزى سەھىھ دەپ 1120-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. نىسائى رىۋايىتى 3416-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس بۇخارىنىڭ شەرتىگە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئىبنى قەتتان ۋە ئىبنى دەقىيقىل ئىيد سەھىھ دېگەن". "تەلخىسىل ھەبىير" 3-توم 372-بەت.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئىككىسىگە لەنەت قىلىشى، ئاللاھ تائالادىن ئۇ ئىككىسىگە لەنەت قىلغانلىق خەۋېرى كەلگەنلىك ياكى ئۇ ئىككىسىگە لەنەت قىلىپ دۇئا قىلغانلىقىدۇر. بۇ ئۇنداق قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ۋە چوڭ گۇناھتىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ". ['زادىل مىئاد، پى ھەديى خەيرىل ئىباد" 5-توم 672-بەت].
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەھىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرگە ئارىيەتكە ئېلىنغان تېكىدىن خەۋەر بىرەيمۇ؟» دېگەندە، ساھابىلار: بولىدۇ، خەۋەر بەرسىلە ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايالنى ئېرىگە ھالال قىلىپ بەرگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا ھالاللاپ بەرگۈچى ۋە ھالاللاپ بېرىلگۈچى ھەر ئىككىلىسىگە لەنەت قىلدى». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1936-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
بۇ ھەدىس ھالاللاپ بېرىش نىكاسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇنداق قىلىش بىلەنمۇ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
"پىقھى توپلاملىرى" 10-توم 256-257-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "مالىكى، شاپىئى، ھەنبەلى مەزھەپ ئالىمىلرى ۋە ھەنەپى مەزھىدىن ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملار: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىسكە ئاساسەن بۇ تۈردىكى نىكاھنىڭ توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلدى، چۈنكى ھالاللاپ بېرىش شەرتى بىلەن نىكاھ قىلىش دېگەن ھۆكۈمدە ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ مەنىسىدە بولىدۇ، نىكاھدا ۋاقىتنى شەرت قىلىش نىكاھنى بۇزىدۇ، نىكاھ بۇزىلىدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن ھالاللىق بولمايدۇ. بۇ قاراش ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئەگەر مېنىڭ يېنىمغا ھالاللاپ بەرگۈچى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھالاللاپ بېرىلگۈچى كەلتۈرۈلسە، ئۇ ئىككىسىنى چالما-كىسەك قىلاتتىم» دېگەن بۇ سۆز كۈچلاندۇرىدۇ.
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئەڭ قەبىھ باتىل، چوڭ بۇزۇقچىلىق، بۇ ئەمەلىيەتتە زىنا قىلغانلىق، چۈنكى ئۇ ئىنسان ئۇ ئايالنى ھەقىقى ئايالى قىلىش، ئىپپىتىنى ساقلاش، ئۆز يېنىدا پاك ھالەتتە قىلىش، ئۇنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش مەقسىتىدە توي قىلمىدى، پەقەت ئۇ ئايالنى ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئېرىگە ھالاللاپ بېرىش ئۈچۈن بىر قېتىم بىرگە بولۇشقا ئارىيەت ئېلىنغان تېكىدەك كەلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئايالدىن ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نىكاسى تۈگەيدۇ، مانا بۇ باشقىلارغا ھالاللاپ بەرگۈچىدۇر، بۇنداق نىكاھ باتىل، توغرا بولمايدۇ. بۇ شەرئى نىكاھ بولمايدۇ، بۇ مەقسەت بىلەن قىلىنغان نىكاھ ئارقىلىق ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئېرىگە ھالال بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ھەقىقى توي قىلىش ئەمەس. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: حَتَّى تَنْكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ تەرجىمىسى: « ئەگەر (ئەر) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) (ئۈچىنچى قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن) باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ». بۇ ئارىيەتكە ئېلىنغان تېكە بولۇپ، شەرئى نىكاھ ئەمەس، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئىلگىرىكى ئېرىگە ھالال بولمايدۇ". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى"20-توم 277-278-بەتلەر].
ھالاللاپ بېرىش نىكاسىنىڭ ھارام ۋە بۇزۇق ئىكەنلىكىدە، نىكاھ ئەقدىسى قىلىدىغان ۋاقىتتا ھالاللاپ بېرىشنى دېيىشسۇن ياكى ئەقدە قىلغاندا ئۇنى دېيىشمەي ئىتتىپاق كەلگەن بولسۇن ياكى ئىككىنچى ئەې ھېچ كىشى بىلەن شەرت قىلمىغان بولسۇن ۋە ئىتتىپاقلاشمىغان بولسۇن بۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، بۇنىڭ ھەممىسى ھارام بولغان ھالاللاپ بېرىش نىكاسىدۇر.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەدىنە ئەھلى، ھەدىس ئەھلى ۋە ئۇلارنىڭ پەقىھلىرىنىڭ ئارىسىدا: ئەقدىدە ھالاللاپ بېرىشنى سۆزىنى شەرت قىلىش ياكى مەخپى تۇتۈشنىڭ ئارىسىدا پەرىق يوق، مەقسىدى شۇ بولىدىكەن: ئۇلارنىڭ قارىشى ئەقدىدە مەقسەت ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ، ئىككى ئەقدە قىلغۇچى مەخپى قىلغان شەرتمۇ ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ئاغزاكى دېگەن شەرتكە ئوخشاشتۇر. لەۋزىنىڭ ئۆز ئەينى ئىرادە قىلىنمايدۇ بەلكى ئۇنى ئىپادىلەيدىغان دەلىل ئىرادە قىلىنىدۇ، مەنا بىلەن مەقسەت ئاشكارا بولغاندا، لەۋزە ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاستىدۇر، ۋاستىنىڭ غايىسى ئەمەلىيلەشتى، ئۇنىڭغا غايىنىڭ ھۆكۈملىرى بېرىلىدۇ". ["زادىل مىئاد، پى ھەديى خەيرىل ئىباد" 5-توم 110-بەت].
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئەر بىر ئايال بىلەن ئۇ ئايالنى ئىلگىرىكى ئېرىگە ھالاللاپ بېرىش شەرتى بىلەن ياكى شۇنى مەقسەت قىلىپ ياكى شۇنىڭغا ئىتتىپاق كېلىپ توي قىلغان بولسا، قىلغان ئەقدىسى باتىل بولۇپ، نىكاھ توغرا بولمايدۇ". ["دائىمى كومىتېت پەتىۋاسى" 18-توم 438-بەت].
ناپىئ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىر بۇرادىرى ھېچ قانداق پىلان تۈزمەستىن قىرىندىشىغا ھالاللاپ بېرىش مەقسىدىدە توي قىلغان بولسا، ئۇ ئايال بىرىنچى ئېرىگە ھالال بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ياق، ھالال بولمايدۇ، لېكىن ئۆز رىغبىتى بىلەن توي قىلغان بولسا بولىدۇ، بىز بۇنداق شەكىلدىكى توي قىلىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە زىنا دەپ ھېساپلايتتۇق دېدى». [بۇ ئەسەرنى بەيھەقى "سۈنەنۇن كۈبرا"7-توم 208-بەتتە رىۋايەت قىلغان].
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىككىنچى ئەر ئايالنىڭ بىرىنچى ئېرىگە ھالاللاپ بېرىشنى نىيەت قىلىپ نىكاھ قىلسا، ئۇ ئايال بىرىنچى ئېرىگە ھالال بولمايدۇ، ئۇ نىكاھ باتىلدۇر. بۇنىڭ دەلىلى: بۇ كىشى ھالاللاپ بېرىشنى نىيەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن لەنەتنىڭ ئېچىگە كېرىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغىنى بولىدۇ». ["شەرىل مۇمتىئ ئەلا زادىل مۇستەقنىئ" 12-توم 176-177-بەت].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىللەرنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھالاللاپ بېرىش نىكاسىنىڭ ھەممىسىنى "ھارام نىكاھنىڭ قاتارىدىن قىلدى".
شەيخ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ھالاللاپ بېرىش نىكاسى ھارام، باتىل بولۇپ، ھالال بولاپ قالمايدۇ، (يەنى بۇنىڭ بىلەن ھالال بولمايدۇ). بۇنىڭ شەكىللىرى: ئەر ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتكەندە، ئۇ ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن توي قىلىپ ئاجىراشمىغۇچە ئۇ ئېرىگە ھالال بولمايدۇ، بۇنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ ھەدىسلەر بايان قىلىندى، ئۈممەت ئالىملىرى بۇنىڭغا بىرلىككە كەلدى، بىر كىشى ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايالنى تالاق قىلغان ئېرىگە ھالال قىلىپ بېرىمەن دەپ توي قىلغان بولسا، بۇ نىكاھ ھارام، باتىل-بىكار بولىدۇ، گەرچە ئۇ كىشى توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئايرىلماي ئۆي تۇتۇشنى مەقسەت قىلسۇن ياكى ئايرىلىشنى مەقسەت قىلمىسۇن، نىكاھ قىلىدىغان ۋاقىتتا بۇنى شەرت قىلسۇن ياكى نىكاھ ئەقدىسى قىلىشتىن ئىلگىرى شەرت قىلسۇن ياكى ئاغزاكى شەرت قىلمىسۇن، ياكى ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھېچ قانداق ئىش بولمىسۇن بەلكى ئۇ كىشى بۇ ئايال بىلەن توي قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئاندىن ئۇ كىشى بۇ ئايالنىڭمۇ ۋە ۋەلىلىرىنىڭمۇ ھېچ ئىشتىن خەۋېرى يوق، بۇ ئايالنى ئۈچ تالاق قىلغان ئېرىگە ھالال قىلىپ بېرىشنى ئىرادە قىلغان بولسا، ئۈچ تالاق قىلغان ئېرى بۇنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن ھەممىسى ئوخشاش ھارام، باتىلدۇر. بۇ ئىشتا ھالاللاپ بېرىش ئۈچۈن توي قىلغان كىشى: ئۆز كۆڭلىدە مەن: تالاقنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكى بۇنىڭ ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرزەنتلەرنى يېتىم قىلىدىغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېرىگە ھالال قىلىپ بەرسەم، كۆپ ياخشىلىق قىلغان بولىمەن دەپ ئويلايدۇ.
بەلكى ئۈچ تالاق قىلغان ئەرگە ئايالىنىڭ ھالال بولىشى ئۈچۈن: ئۇ ئايال ھەقىقى توي قىلىشقا رىغبىتى بولغان ئەر بىلەن باشقا ھىلە-نەيرەڭلەرنى قىلماستىن توي قىلسا، بىر ئۆيگە كىرسە، بىر-بىرىنى تېتىسا (يەنى جىنسى مۇناسىۋەتتە بولسا)، مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ ئەر كىشىنىڭ تالاق قىلىش ياكى ئۆلۈپ كېتىشى ياكى نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىشى ئارقىلىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن ئايرىلىپ، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن بىرىنچى ئېرى بىلەن يېنىشسا (يەنى قايتىدىن توي قىلسا) دۇرۇس بولىدۇ. مانا بۇ قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمىدۇر. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن، ئۇلاردىن كېيىنكى ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەن بارلىق تابىئىنلاردىن ۋە ئومۇمى شەكىلدە ئىسلام پىقھى ئالىملىرىدىن بايان قىلىنغان دەلىلدۇر.
بۇ شۇنداقلا: ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس، ئۇنىڭ بارلىق يارەنلىرى، ئەۋزائىي، لەيس ئىبنى سەئەد، سۇپيان سەۋرى قاتارلىقلارنىڭ تۇتقان يولىدۇر.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ھەدىس تەتقىقاتچى پەقىھ ئالىملىرى، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي، ئەبۇ ئۇبەيدە قاسىم ئىبنى سەللام، سۇلايمان ئىبنى داۋۇد ھاشىمى، ئەبۇ خەيسەمە زۈھەير ئىبنى ھەرپ، ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەبۇ شەيبە، ئەبۇ ئىسھاق جەۋزىجانى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ مەزھىبىدۇر". ["ھالاللاپ بېرىش نىكاسىنى باتىللىقىنىڭ دەلىلى" 6-8-بەتلەر].
يەنە بۇ نىكاھنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا دىنى ئىمام، يېتەكچىلەرنىڭ نۇرغۇن سۆزلىرىنى بايان قىلدى.
ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.