سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازدا بىسمىللاھنى دېيىش توغرىسىدا

سۇئال

   نامازدا پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر سۈرە باشلاشتىن بۇرۇن بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم دېيىش كېرەك بولامدۇ؟. ئەگەر پاتىھەدىن كېيىن سۈرىنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ ئوقۇغان بولسا قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىسمىللاھنى ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس بەلكى مۇستەھەپ بولۇپ، سۈرىنى ئەۋۋىلىدىن ئوقۇغاندا بىسمىللاھنى ئوقۇش مۇستەھەبتۇر، بىسمىللاھنى پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن دەيدۇ، پاتىھەدىن كېيىن بولسا تەۋبە سۈرىسىدە ئوقۇمايدۇ، باشقا سۈرىلەرنىڭ بېشىدا ئوقۇيدۇ، ئەگەر سۈرىنى ئوتتۇرىدىن ئوقۇسا بىسمىللاھنى ئوقۇش مۇستەھەپ بولمايدۇ.

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋا بۆلىمى ئەزالىرى مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەرگە كۆرە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىسمىللاھنى پاتىھە سۈرىسىدىن بۇرۇن ۋە تەۋبە سۈرىسىدىن باشقا سۈرىلەرنىڭ بېشىدا ئوقۇيتتى، تەۋبە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئوقۇمايتتى، ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان نامازلاردا بىسمىللاھنى ئۈنلۈك ئوقۇمايتتى". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 6-توم 378-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "نامازنىڭ ھەر بىر رەكىتىدە پاتىھە سۈرىسىدىن بۇرۇن ۋە تەۋبە سۈرىسىدىن باشقا سۈرىلەرنىڭ بېشىدا بىسمىللاھ دېيىش يولغا قويۇلغان".

   يەنە مۇنداق دېگەن: "پاتىھەدىن كېيىن سۈرە ئوقۇماقچى بولسا، بىسمىللاھنى ئىچىدە ئوقۇيدۇ، ئەگەر سۈرىنىڭ ئوتتۇرىدىن ياكى ئاخىرىدىن ئوقۇماقچى بولسا ئۇ ۋاقىتتا بىسمىللاھ دېيىش كېرەك بولمايدۇ. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 6-توم 380-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى