ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
308/محرم/1447 , 03/ئىيۇل/2025

پاك ھايۋانلار قايسى ۋە نىجىس ھايۋانلار قايسى؟

سوئال: 221754

پاك ھايۋانلار قايسى ۋە نىجىس ھايۋانلار قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپىدا: ئەسلىدە ھەممە دەرسە ۋە مەخلۇقاتلار  شەرىئەتتە ئۇنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىل كېلىشتىن ئىلگىرى ھېچ بىر نەرسىگە نىجىس دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، ھايۋاناتلار ئوخشىمايدىغان تۈر ۋە قىسىملارغا ئايرىلىدۇ، ئالىملار ئۇلارغا پاك ۋە نىجىس دەپ ھۆكۈم بېرىشتە پەرقلىق قاراشتا بولدى، ئۇلارنىڭ بۇ توغرىدىكى سۆزلىرىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1-بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا: گۈشىنى يېگىلى بولىدىغان بارلىق ھايۋانلار پاك ھېساپلىنىدۇ.

2-ئىبنى ھەزمى مۇنداق دەيدۇ: "گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ پاك ئىكەنلىكىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَيُحِلُّ لَهُمْ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمْ الْخَبَائِثَ تەرجىمىسى: «ئۇلارغا پاكىز نەرسىلەر ھالال قىلىندى، پاسكىنا نەرسىلەر ھارام قىلىندى» [سۈرە ئەئراپ 157-ئايەت].

ھالالنىڭ ھەممىسى پاكىز بولىدۇ، پاكىز نەرسە نىجىس بولمايدۇ بەلكى ئۇ پاك بولىدۇ". ["ئەل مۇھەللا"1-توم 288-بەت].

ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملارنىڭ ھەممىسى ھېچ ئىختىلاپسىز: گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئېچىپ ئاشقان سۈيى پاكىز، ئۇنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئېلىش دۇرۇس بولىدۇ دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلگەن". ["ئەل ئەۋسەت" 1-توم 299-بەت. "تەھزىپ ئەلئەسما ۋە لۇغەت" 3-توم 132-بەتكە قارالسۇن].

2-سۇيۇق قېنى بولمىغان ھەر بىر ھايۋان پاكتۇر، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: چېۋىن، چېكەتكە، چۆمۈلە، ھەرە، چايان، سارسۇر، قوڭغۇز، ئۆمۈلچۈك قاتارلىقلار.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھاشارەتلەرنىڭ ئاقىدىغان قېنى يوق، بۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ قاچىسىغا چېۋىن چۈشۈپ كەتسە، چېۋىننى قاچىغا چۆمدۈرىۋېتىپ ئاندىن ئېلىپ تاشلىۋەتسۇن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىر قانىتىدا شىپا بار، يەنە بىر قانىتىدا كېسەل بار». [بۇخارى رىۋايىتى 5782-ھەدىس].

ئەگەر نىجىس بولغان بولسا ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قاچىغا چۆمدۈرۈشكە بۇيرىمىغان بولاتتى.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ھەدىس چېۋىن سۇدا ياكى سۇيۇق نەرسىدە ئۆلۈپ قالسا ئۇ نەرسىنىڭ نىجىس بولمايدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر، بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر، سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا بۇنىڭغا زىت بولغان قاراش يوق.

بۇنىڭدىكى دەلىل: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چېۋىننى قاچىغا چۆمدۈرىۋېتىشكە بۇيرىغان، بولۇپمۇ يىمەك ئىسسىق بولغاندا بۇنىڭ بىلەن چېۋىن ئۆلىدۇ، ئەگەر چۈشكەن نەرسىنى نىجىس قىلىدىغان بولسا ئېدى، بۇ يەردىكى بۇيرۇق يىمەكنى بۇزۇش بولاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى تۈزەشكە بۇيرىغان بولاتتى. ئاندىن بۇ ھۆكۈم بەدىنىدە ئاقىدىغان قان بولمىغان: ھەسەل ھەرىسى، باشقا ھەرە ۋە ئۆمۈلچۈك قاتارلىق ھاشارەتلەرگە ئەمەلىيلەشتۈرىلىدۇ". ["زادىل مىئاد" 4-توم 101-بەت].

3-كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدىغان ياكى ئۆيلەردە بېقىلىدىغان، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قېيىن بولىدىغان يىرتقۇچ ھايۋان ۋە گۈشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلار.

بۇنىڭ جۈملىسىدىن: مۈشۈك، ئېشەك، خىچىر، ساچقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئۆي ھايۋانلىرى.

بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى كەبشە بىنتى مالىك مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ قەتادە ئۆيگە كېرگەن ئېدى، ئۇنىڭغا قاچىغا تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن سۇ قويۇپ بەردىم، شۇ ۋاقىتتا مۈشۈك كېلىپ ئۇ سۇنى ئېچمەكچى بولدى، ئۇ مۈشۈكنىڭ سۇ ئېچىۋىلىشى ئۈچۈن قاچىنى سىڭايان قىلىپ بەردى، مېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ ماڭا: ھەي قېرىندىشىمنىڭ قىزى! بۇنىڭدىن ھەيران قىلىۋاتامسىز؟ دېدى، مەن: ھەئە- دېدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇ نىجىس ئەمەس، بۇ سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا چۆگۈلەپ يۈرىدىغان ئۆي ھايۋىنىدۇر». [بۇ ھەدىسنى مەشھۇر تۆت ھەدىس كىتاپ ساھىپلىرى كەلتۈرگەن، بۇخارى، تىرمىزى، ئۇقەيلى ۋە دارى قۇتنى قاتارلىقلار سەھىھ دېگەن].

ئەتراپىڭلاردا چۆگۈلەپ تۇرىدىغان دېگەنلىكتىن بولغان مەقسەت: ئۆيگە كېرىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن ئارىلىشىپ تۇرىدىغان دېمەكتۇر". ["ئەتتەمھىد"1-توم319-بەت].
"ئادەم ئەۋلادلىرى بىر-بىرى بىلەن كۆپ ئارىلاشقاندەك، قوي، كالا، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭمۇ ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىشى كۆپ بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۈشۈكنى كىشىلەرگە بەك ئارىلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىككى تۈردىن قىلدى، بۇنى كۆپلۈك ۋە مۇبالىغىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بىلەن ئىپادىلىدى". ["ئەبۇ داۋۇدنىڭ شەرھىسى" ئەينى 1-توم 319-بەت].

مۈشۈكنىڭ نىجىس بولماسلىقىدىكى ھۆكۈمنىڭ سەۋەبى: ئۇنىڭ ئائىلىگە بەك كۆپ كېرىپ-چېقىدىغانلىقى، قاچا-قۇچا ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۇنىڭدىن ساقلاشنىڭ بەك زۆرۈر ئەمەسلىكىدىندۇر. بۇنىڭ مەنىسى: مۈشۈك سىلەرنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا بەك كۆپ كېرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بەدىنىڭلار ۋە كىيىمىڭلارغا سۈركىلىپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇ نىجىس بولغان بولسا ئېدى، سىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشقا بۇيرىغان بولاتتىم دېمەكتۇر". ["ئەۋنىل مەبۇد" 1-توم 141-بەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدە شەرىئەت پىرىنسىپى ناھايتى بەك ھېكمەت ۋە كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كەلگەن، ئەگەر ئۇنىڭ نىجىس ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم كەلگەن بولسا ئېدى، مۈشۈكنىڭ كېچە-كۈندۈز ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئورۇن-كۆرپە، كىيىم-كېچەكنىڭ ئۈستىدە بولىشى ۋە يىمەكلىكلىرىنىڭ ئەتراپىدا بولىشى بىلەن ئۈممەتكە قېيىنچىلىق، مۇشەققەت بولغان بولاتتى". ["ئىئلامۇل موقىئىين" 2-توم 172-بەت].

مۈشۈكنىڭ پاك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆز بولسا: مەدىنە ئەھلى، كۇپە ئەھلى، شام ئەھلى ۋە ئىراق، ھىجاز ئەھلى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئالىملارنىڭ ۋە ھەدىس ئالىملىرىنىڭ سۆزىدۇر". [ئىبنى مۇنزىرنىڭ "ئەلئەۋسەت"نامىلىق ئەسىرى 1-توم 276-بەت].

مۈشۈك قاچىدىكى سۈنى ئېچسە ياكى يىمەكنى يېسە بۇ نىجىس بولمايدۇ. ئۆيدە ياشايدىغان باشقا ھايۋانلارمۇ مۈشۈككە قىياس قىلىنىدۇ.

شۇنىڭدەك، ئىنسانلار بىلەن بەك كۆپ ئارىلىشىدىغان، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قېيىن بولىدىغان بارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ھۆكمى مۈشۈكنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاشتۇر، لېكىن بۇنىڭدىن شەرىئەت ئايرىۋەتكەن ھايۋان ئايرىۋېلىتىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئىتتىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىلەرگە كۆپ ئارىلاشماقلىقى بىلەن تۇرۇقلۇق ئۇ نىجىستۇر.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى: ئۇنىڭ پاك بولىشى، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قېيىن بولغانلىقى، ئائىلىگە كېرىپ-چېقىشى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر نىجىس بولغان بولسا ئېدى، بۇ كىشىلەرگە بەك قېيىنچىلىق بولاتتى. بۇنىڭغا ئاساسەن ھۆكۈمنىڭ مەركىزى نۇقتىسى: ئۇ ھايۋاننىڭ ئائىلىگە كۆپ كېرىپ-چىقىش قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ساقلىنىش قېيىن بولىدۇ، ھەر قانداق نەرسىدىن ساقلىنىش قېيىن بولىدىكەن، ئۇ پاك بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن خىچىر ۋە ئېشەك پاك، بۇ كۆپچىلىك ئالىملار تاللىغان كۈچلۈك قاراشتۇر. ["شەرھىل مۇمتى" 1-توم 444-بەت].

ئالىملارنىڭ سۆزلىرىدىن توغرا بولغىنى: ئېچىپ ئاشقان سۇنىڭ پاكىز بولىشى ۋە تەرلىرىنىڭ پاكىز بولىشىدا، ئېشەك بىلەن خىچىرنى مۈشۈكنىڭ ھۆكمىگە قېتىۋېتىشتۇر، چۈنكى كىشىلەر مېنىش ۋە يۈك ئارتىش ئىشلىرىدا بۇنىڭ بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ئىمام مالىك، ۋە ئىمام شاپىئى مەزھىبىنىڭ قارىشىدۇر. (بۇنىڭدىن گۆشى ھالال دېگەنلىك مەنا ئىپادىلەنمەيدۇ).

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ نەزىرىمدىكى توغرا پىكىر: خىچېر بىلەن ئېشەكنىڭ تەرلىرى ۋە ئېچىپ ئاشقان سۇيىنىڭ پاك ئىكەنلىكىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مېنەتتى، ساھابىلارمۇ مېنەتتى، ئەگەر نىجىس بولغان بولسا، ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ۋاقتىدا بايان قىلىپ بېرەتتى، چۈنكى بۇ ئىككىسىدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ھۆكمىمۇ مۈشۈكنىڭ ھۆكمىگە قىياس قىلىندى". ["ئەلمۇغنى" 1-توم 68-بەت].

شەيخ ئابدۇراھمان سەئدى مۇنداق دەيدۇ: "شەكسىز توغرا بولغىنى: ئېشەك بىلەن خېچىر ھايات بولسا مۈشۈككە ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ شالى ۋە تەرلىرى پاكىزدۇر، ئۇنداق بولىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككىسىگە كۆپ مېنەتتى، مۈشۈك توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇ سىلەرنى كۆپ ئايلىنىپ يۇرىدىغان ھايۋان»، بەك كۆپ ئايلىنىپ سۈركىلىپ تۇرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن قېيىن بولىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېشەك بىلەن خېچىردا ساقلىنىش تەس بولغان قېيىنچىلىق مۈشۈكنىڭكىدىكى قېيىنچىلىقتىن بەك كۆپ. ["ئەلمۇختاراتۇل جەلىيە" 27-بەت].

4-ئېشىت ۋە چوشقا نىجىستۇر.

چوشقىنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ لَا أَجِدُ فِي مَا أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّمًا عَلَى طَاعِمٍ يَطْعَمُهُ إِلَّا أَنْ يَكُونَ مَيْتَةً أَوْ دَمًا مَسْفُوحًا أَوْ لَحْمَ خِنْزِيرٍ فَإِنَّهُ رِجْسٌ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى ـ چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر ـ ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھقا سەۋەب بولغان مالدىن باشقىسىنى ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن» [سۈرە ئەنئام 145-ئايەت].

ئۇنىڭ نىجىس ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆز بولسا، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

ئىبنى ھەزمى مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار چوشقىنىڭ گۆشى، مېيى، ئېچ مېيى، پەيلىرى، مېڭىسى ھەممە يېرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ ھەممىسىنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن. ["مەراتىبۇل ئىجما" 23-بەت].

ئىمام نەۋەىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى مۇنزىر چوشقىنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىگە ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىنى نەقىل قىلدى، گەرچە بۇنىڭ نىجىسلىقى ئىجما بىلەن بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئالىملارنىڭ بىرلىكى ھۆججەت كەلتۈرۈشكە بەك لايىقدۇر، لېكىن ئىمام مالىكنىڭ قارىشىغا كۆرە، چوشقا ھايات بولغان مۇددەتتە پاك دېيىلىدۇ". ["ئەلمەجمۇ" 2-توم 568-بەت].

ئەمما ئېشتنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسى دەلىل بولىدۇ: «ئېشت يالاپ قويغان قاچىىلىرىڭلارنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار، دەسلەپتە توپا بىلەن يۇيۇڭلار» [مۇسلىم رىۋايىتى279-ھەدىس].

ئىمام خەتتابى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ ئېشتنىڭ زاتىنىڭ نىجىس ئىكەنلىكى چۈشىنىلىدۇ، ئەگەر ئۇ نىجىس بولمىغان بولسا ئېدى، ئۇ يالاپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرىمايتتى، بۇنىڭ مەنىسى نەرسىلەرنىڭ ئەسلىنى پاكىزلىماق ئۈچۈن نىجاسەتنى يوق قىلىش ياكى پەيدا بولغان نەرسىنى كۆتۈرىۋېتىش بىلەن بولىدۇ، قاچىدا پەيدا بولغان نەرسىنى كۆتۈرىۋېتىش يوق، پەقەت ئۇنىڭدىن يالاپ قويغان نىجاسەتنى يوق قىلىشتۇر.

ئۇنىڭ تېلى بىلەن يالىغانلىقى نىجىس بولۇپ، قاچىنى ئۇنىڭدىن پاكىزلاش ۋاجىپ بولىدىكەن، باشقا ئەزالىرىنىڭمۇ تىلىنىڭ ئورنىدا نىجىس بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ، ئۇنىڭ بەدىنىدىن قايسى بىر ئەزا بىلەن ئىنسانغا سۈركەلسە، ئۇ ئورۇننى پاكىزلاش ۋاجىپ بولىدۇ". ["مائالىمۇس سۈنەن" 1-توم 39-بەت].

بەزى ئۆلىمالار ھەدىس ئېتنىڭ شالىنىڭ، تۈكۈركىنىڭ ۋە ئېغىزىنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما قالغان بەدىنى ئەسلىدىكى پاكلىق ھالىتىدە قالىدۇ دەيدۇ. بۇ ھەنەپى مەزھىبىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 530-بەت].

ئىبنى دەقىق ئىيد رەھىمەھۇللاھ ھۆكۈمنىڭ ئىتنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممىسىنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھۆكۈمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنىڭ تېكىستى ئەمەس بەلكى ئۆلىمالارنىڭ ئىجتىھادى ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "ھەدىس نىجىسلىقنىڭ ئېتنىڭ ئېغىزىدىكى نەرسىلەرگە ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بەدىنىنىڭ قالغان قىسمىنىڭ نىجىس ئىكەنلىكى دەلىللەردىن ھۆكۈم ئېلىش ئارقىلىق بولىدۇ". ["ئىھكامۇل ئەھكام" 24-بەت].

ئېتنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممىسى نىجىس دېگەن سۆز شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھىبىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېت ۋە چوشقىنىڭ ئۆزى، ھەممە ئەزالىرى، تېزىك-پوقلىرىمۇ ۋە بۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان نەرسىلەرمۇ نىجىس". ["ئەلمۇغنى" 2-توم 67-بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. بۇ ھەقتە دائىمى كومىتېت پەتىۋاسىنىڭ 23-توم 89-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئېتنىڭ ھەممە يېرى، شالى ۋە تۈكرىمۇ نىجىستۇر".
5-ھايۋاناتلاردىن ئىلگىرى بايان قىلغان تۈرلەرگە كىرمەي قالغانلىرى، شېر، يولۋاس، يىلپىز ۋە بۆرە قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلار... قارچۇغا، بۈركۈت، قارغا دېگەندەك قۇشلاردىن بولسۇن ياكى يىرتقۇچ بولمىسىمۇ گۆشىنى يېگىلى بولمايدىغان پىل ۋە مايمۇنغا ئوخشاش ھايۋانلار، بۇ ھايۋانلارنىڭ پاكلىقى ياكى نىجىسلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار.

مالىكى مەزھەپ قارىشىدا ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ھايات بولغان مۇددەتتە پاك بولىدۇ دەپ، بۇنىڭدىن ھېچ بىر ھايۋاننى ئايرىمىغان.

ھەنەپى مەزھەپ قارىشىدا، چوشقىدىن باشقا بارلىق ھايۋانلارنى پاك دەپ قارايدۇ.

شاپىئى مەزھەپ قارىشىدا، ئېت بىلەن چوشقىدىن باشقا بارلىق ھايۋانلارنى پاك دەپ قارايدۇ.

ھەنبەلى مەزھەپ قارىشىدا، ئېت، چوشقا، يىرىتقۇچ ھايۋانلار ۋە يىرىتقۇچ قۇشلار نىجىس، ئەمما بۇلاردىن باشقا ھايۋانلار پاك دەپ قارايدۇ.

ھەقىقەتەن يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ پاكلىقى ۋە نىجىسلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر قانچە ھەدىسلەر كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بەزىسى زەئىپ ياكى ئۇنى دەلىل قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ.

ئۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك دەلىل: ئەسلىنى تۇتۇش ۋە مۈشۈككە قىياس قىلىشتۇر.

ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۈشۈك توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، مۈشۈكنىڭ يىرتقۇچ ئىكەنلىكى، ئۆلۈك نەرسىنى يەيدىغانلىقى ئىسپاتلىنىش بىلەن ئۇنىڭ نىجىس ئەمەس ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. بۇ ھەرقانداق ھايات ھايۋاننىڭ نىجىس بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ". ["ئەتتەمھىد" 1-توم 336-بەت].

ئۇنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك دەلىل:

1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۈشۈك يىرىتقۇچلار تىپىدىن بولسىمۇ، ئۇنىڭ پاكىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان، ئىنسانلارغا بەك كۆپ ئارىلىشىدىغانلىقىنى بۇنىڭ سەۋەبى قىلغان.

بۇنىڭدىن: مۇشۈكتىن باشقا، كىشىلەر بىلەن قويۇق ئارىلاشمايدىغان يىرىتقۇچلارنىڭ نىجىس ئىكەنلىكى چۈشىنىلىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، ھۆكۈمدە مۈشۈك ۋە باشقا يىرتقۇچ ھايۋانلار ئوخشاشتۇر، بۇ سەۋەپنىڭ ھېچ بىر مەنىسى يوق.

2-ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن چۆلدىكى كۆلنىڭ سۈيى ۋە ئۇ كۆلگە يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ كىلىپ سۇ ئېچىدىغانلىقىنى بۇ سۇنىڭ ھۆكمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سۇ (ئىككى قۇللە) يەنى ئىككى يۈز لېتىردىن كۆپ بولسا نىجىس بولمايدۇ»، ھايۋانلارنىڭ ئۇ كۆلدىن سۇ ئېچىشى كۆلنىڭ سۈيىنى نىجىس قىلمايدىغان بولسا ئېدى، ئۇلار بۇ توغرىدا سورىمايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جاۋابىمۇ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىدە بولمايتتى.

ئىبنى تۇرىكمانى مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى يىرتقۇچلارنىڭ ئېچىپ ئاشقان سۇيىنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، بۇ شەرتنى قىلىشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇنى ئىككى قۇللە بىلەن بېكىتىش بىكار بولغان بولىدۇ". ["ئەلجەۋھەرۇن نەقى" 1-توم 250-بەت].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئېچىپ ئاشقان سۇيى نىجىس دىگەنلەر ھەدىستىن: "ئۇ كۆلگە يىرتقۇچ ھايۋانلار كىلىپ سۇ ئېچىدۇ" دېگەن بۇ سۆزنى دەلىل قىلىدۇ، بۇ سۆزدە ئۇنداق بىر ئۇقۇم يوق، چۈنكى يىرتقۇچلار سۇ ئېچكىلى كەلگەندە ئادەتتە ئەتراپقا سېيدۇ ۋە تەرەت قىلىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئالدى-كەينى پۇتلىرى نىجاسەتتىن خالى بولالمايدۇ، ساھابىلارنىڭ سوئالى بۇنىڭ ئۈچۈن بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئومۇمى بىر قائىدىنى بايان قىلىپ: «سۇ ئىككى يۈز لېتىردىن زىيادە بولسا، ئۇ سۇغا نىجاسەت چۈشۈپ كەتسىمۇ نىجىس بولمايدۇ، چۆلدىكى كۆلنىڭ سۇيى ئادەتتە ئىككى يۈز لېتىردىن كەملەپ كەتمەيدۇ». ["ئىجاز پى شەرھى سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"287-بەت].

ئۇبەيدۇللاھ مۇبارەك پورىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزنى قىلغان: ئۇلار ئويلىغاندەك سۇ ئىككى يۈز لېتىرغا يەتسە نېجىس بولمايدۇ دېگەن ھەدىس يىرتقۇچلارنىڭ ئېچىپ ئاشقان سۇيىنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. سوئالنىڭ كېلىپ چېقىشى: ئادەتتە يىرتقۇچ ھايۋانلار سۇ ئېچكىلى كەلسە، كۆل ئەتراپىغا سېيىپ-چېچىپ سۇ ئېچىدۇ، ئالدى-ئارقا پۇتلىرى نىجاسەتتىن خالى بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ سۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ دېمەكچى". ["مىرئاتۇل مەپاتىھ" 2-توم 185-بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىمۇ يىرتقۇچلارنىڭ ئېچىپ ئاشقان سۇيى پاكىز بولىدۇ دېگەن قاراشنى تاللاپ مۇنداق دەيدۇ: كۈچلۈك قاراشتا: بۆرە، يىلپىز، شىر قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە سا، بۈركۈن، قارچۇغا قاتارلىق يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ ئېچىپ ئاشقان سۇلىرى پاكىزدۇر، بۇ شەرئى دەلىللەرگىمۇ ئۇيغۇندۇر". ["شەيخ ئىبنى باز رىياسەتچىلىكىدىكى دائىمى كومىتېت پەتىۋاسى" 5-توم 380-بەت].

شۇنىڭدەك، ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "توغرا بولغىنى ئۇلارنىڭ ئېچىپ ئاشقان سۈيىنىڭ پاكىز ئىكەنلىكىدۇر، چۈنكى بىز ئەگەر ئۇلارنىڭ ئېچىپ ئاشقان سۇيىنى نىجىس دېسەك، بۇ كىشىلەرگە نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارنى كەلتۈرىدۇ، چۆلدىكى بەزى كۆللەرنىڭ سۇيى ئىككى يۈز لېتىرغا يەتمەيدۇ، يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە قۇشلار بۇ كۆلگە كېلىپ سۇ ئېچىدۇ، ئەگەر بىز بۇنى نىجىس دېسەك بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە قېينچىلىق بولىدۇ. بىزگە مەلۇم بولىشچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولدا مۇشۇنداق كۆلنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ سۈيىدە تاھارەت ئالغان". ["كاپىغا يېزىلغان ئىلاۋە" 1-توم 41-بەت].

يۇقىرىدا بايان قىلنغان دەلىللەرنىڭ خۇلاسىسى:

بارلىق ھايۋانلار ئۇنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، يىرىتقۇچ بولسۇن ياكى ئادەتتىكى بولسۇن، قۇشلار بولسۇن ياكى ھاشارەتلەر بولسۇن ئۇلار ھايات بولغان ھالىتىدە پاكىز بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئېت ۋە چوشقا ئىستىسنا قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككىسى ھايات بولسۇن ياكى ئۆلۈك بولسۇن نىجىستۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android