تېرە مەھسۇلاتلارى تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ چۈملىسىدىن: سومكا، پەلتۇ، ئاياغ كىيىملىرى، كەمەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر بار.
سۈنئى تېرە نېفىتتىن ياسالغان بولسۇن ياكى باشقا ماددىلاردىن ياسالغان بولسۇن ئۇ پاك ۋە ئۇنى ئىشلىتىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى نەرسىلەرنىڭ ئەسلى ماددىسى پاك ۋە ئۇنى ئىشلىتىش دۇرۇس.
ئەمما ھايۋاناتلارنىڭ تېرىلىرىدىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ ھۆكمى بولسا شۇ نەرسە ياسالغان ھايۋاننىڭ تېرىسىنىڭ پەرقلىق بولىشى بىلەن پەرقلىق بولىدۇ.
ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنىڭ ئەھۋالى:
1-گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان تۆگە، كالا، قوي، كېيىك، توشقان ۋە بۇنىڭدىن باشقا ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئەگەر بۇ ھايۋانلار شەرىئەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە بوغۇزلانغان بولسا، ئۇ تېرە ئاشلانغان بولسۇن ياكى ئاشلانمىغان بولسۇن بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە پاكىز بولىدۇ، چۈنكى ئۇ تېرە ئۇلاغنى بوغۇزلاش بىلەن پاك بولدى.
ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق ئالىملار: گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋان شەرىئەتكە ئۇيغۇن بوغۇزلانسا ئۇنىڭ تېرىسى پاكىز بولىدۇ، ئۇنى ئىشلىتىش ۋە سېتىش دۇرۇس بولىدىغان دېگەن قاراشقا ئىتتىپاق كەلگەن'. ["ئىجمانىڭ مەرتىۋىلىرى" 23 -بەت.]
2- گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋان شەرىئەتكە ئۇيغۇن بوغۇزلانمىسا، بەلكى ئۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى غەيري شەرئى يول بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بۇ ھايۋاننىڭ تېرىسى نىجىس بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ بىر پارچىسى بولىدۇ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان دېگەن نىجىستۇر، ئۇنى تېرىنى ئاشلىمىسا پاك بولمايدۇ، ئەگەر ئاشلىسا پاكىز بولىدۇ.
تېرىنى ئاشلاش دېگەن: تېرىدىكى سېسىق پۇراق ۋە نەملىكتىن بۇزۇلۇشنى يوق قىلىش ئۈچۈن تېرە پاكىزلايدىغان نەرسىلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتۇر، ئىلگىرى بۇنىڭ ئۈچۈن: بەزى دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى، زەپىران، خۇشبۇي ئۆسۈملۈك ۋە ئانارنىڭ پوستى قاتارلىق نەرسىلەر ئىشلىتىلەتتى. ھازىرقى دەۋرىدە تېرە مەقسەت قىلىنغان دەرىجىدە پاكىزلىنىدىغان بەزى خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن چوڭ زاۋۇتلاردا ئاشلىنىدۇ، تېرىنىڭ ئاشلىنىشى تېرىدىكى سېسىقلىق ۋە ئېچىق پۇراقنى يوق قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسە بىلەن بولىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە قاندىن ۋە نەملىكتىن تازىلىنىپ ئاشلانغان بارلىق تېرىلەر سومكا، تۈرلۈك خۇرۇم كىيىملەر ۋە ئاياغ كىيىملىرىگە ئېشلىتىلىدۇ.
ئاشلانغان تېرىلەرنىڭ پاكىز بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى: ئەبۇلخەير دېگەن كىشى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: بىز ماراكەشتە ياشايمىز، بىز بىلەن بەربەرىلەر ۋە مەجۇسىلار بار، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا بوغۇزلانغان قويلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىلىرىنى يېمەيمىز، ئېچىگە ماي قاچىلانغان تۇلۇملارنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ پاكىزمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ كىشىگە: بىزمۇ بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىغان ئېدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تېرە ئاشلانغان بولسا پاكىز بولىدۇ دېگەن» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 366 -ھەدىس.]
يەنە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمەتچىسىگە بىر قوي سەدىقە قىلىنغان ئىكەن، ئۇ قوي ئۆلۈپ قاپتۇ، ئۇلار قوينىڭ ئۆلۈكىنى تاشلىۋەتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بۇنى كۆرۈپ: «بۇنىڭ تېرىسىنى سويۇپ، ئاشلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلانغان بولساڭلارچۇ؟ دېگەندە، ئۇلار: ئۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان قوي دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: پەقەت ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام بولىدۇ» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى363-ھەدىس].
بۇ ھەدىسمۇ گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋان ئۆزى ئۆلۈپ قالسىمۇ، تېرىسىنى ئاشلىسا پاكىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ئالىملار، پەتىۋا ساھىپلىرى مۇشۇ قاراشتا بولغان. ئىبنى قەسسارمۇ: بۇ ئىمام مالىكنىڭ ئاخىرقى سۆزى، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام شافىئىينىڭ قارىشى دەپ زىكىر قىلدى". [ "سەھىھ بۇخارىنىڭ شەرھىسى" 5 -توم 441 -بەت].
3-شىر، يولۋاس، يىلپىز، بۆرە، ئېيىق، چىل بۆرە، قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋاناتلارنىڭ تېرىلىرى بولسا، مەيلى بوغۇزلانسۇن ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالسۇن ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلسۇن ئوخشاشلا نىجىستۇر، گەرچە شەرئى پىرىنسىپقا ئۇيغۇن ھالەتتە بوغۇزلانغان بولسىمۇ ھالال بولمايدۇ، پاك بولمايدۇ، ھەر قانداق ئەھۋالدا نىجىس بولىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاك بولامدۇ بولمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، پىقھى ئالىملىرى پەرقلىق قاراشتا بولدى: بىز بۇ تېرىلەرنى ئاشلاش بىلەن پاكىز بولىدۇ دېسەكمۇ ياكى پاكىز بولمايدۇ دېسەكمۇ بەرىبىر ئوخشاش، ھەر ئىككى ھالەتتە ئۇ تېرىلەرنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭدىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا سەھىھ دەلىللەر بار، بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ مۇلەيھ ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدە ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەن.» [تىرمىزى رىۋايىتى 1771-ھەدىس. ئىمام نەۋەۋىي ۋە شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].
مىقداد ئىبنى مەدى كەرۇبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن كىيىم كىيىشتىن ۋە سېلىپ كۆرپە قىلىپ ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەن». ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4131 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.]
بۇ ھەدىسلەر يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇتلەق دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلرىدىن بەزىلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئالىملار يىرىتقۇچلارنىڭ تېرىسى ئاشلانغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئىشلىتىشنى ياقتۇرمىغان، بۇ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئۇلار بۇنى كىيىم قىلىپ كىيىش ۋە ئۇنى سېلىپ ناماز ئوقۇش ئىشلىرىدا قاتتىق يول تۇتتى". ["سۈنەن تىرمىزى" 1771 -ھەدىس]
بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: " يىرىتقۇچلارنىڭ تېرىسىنى ئىشلىتىشتىن چەكلەشتىن بولغان مەقسەت، ئۇنى ئاشلاشتىن بۇرۇن ئىشلىتىش دېمەكتۇر. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئاجىز قاراش، چۈنكى بۇنى خاسلاستۇرۇشنىڭ ھېچ مەنىسى يوق، بەلكى ئۇ ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش". [ "ئەلمەجمۇ شەرھى مۇھەززەپ" 1 -توم 221 -بەت.]
بۇ تېرىلەرنى ئىشلىتىشتىن چەكلەشنىڭ سەۋەبى: ئۇنىڭدا چوڭچىلىق، تەكەببۇرلۇق كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يىرتقۇچ، زالىمغا ئوخشاپ قىلىش بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئىسراپچىلىق ۋە ئاق سۆڭەكلەرنىڭ ئەھۋالىدۇر.
شۇنىڭغا ئاساسەن: بىز بۇ تېرىلەرنى ئاشلاش بىلەن پاك بولىدۇ دېسەكمۇ ياكى پاك بولمايدۇ دېسەكمۇ بۇنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ. 9022 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
4-ئۆزى يىرتقۇچ بولمىغان ئەمما گۆشىنى يېگىلى بولمايدىغان: تۈلكە، پىل، ئىشەك، مايمۇن، چوشقا دېگەندەك ھايۋانلارنىڭ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ھايۋانلارنىڭ تېرىسى نىجىستۇر، ئۇ ھايۋانلار ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بولسۇن ياكى بوغۇزلانغان بولسۇن ياكى ئۆلتۈرۈلگەن بولسۇن ئوخشاش، چۈنكى ئۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىسىمۇ ھالال بولمايدۇ ۋە پاكىز بولمايدۇ، بۇ بارلىق ئەھۋاللاردا نىجىستۇر.
لېكىن بۇ تېرىلەر ئاشلانسا پاكىز بولامدۇ بولمامدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار:
بەزى ئالىملار: چوشقىنىڭ تېرىسى بىلەن ئىتنىڭ تېرىسىدىن باشقا بارلىق تېرىلەر ئاشلانسا پاكىز بولىدۇ دەيدۇ.
ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ : "بۇ سۆز ھىجاز، ئىراق ۋە شام قاتارلىق جايلاردىكى كۆپچىلىك ھەدىس، پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر". "ئەلئىستىزكار" 5 -توم 295 -بەت.]
ئۇلار بۇ قارىشىغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «تېرە ئاشلانغان ۋاقىتتا پاكىز بولىدۇ» دېگەن ھەدىسىنى مۇسلىم رىۋايىتى366-ھەدىس، يەنە: «ھەرقانداق تېرە ئاشلانسا پاكىز بولىدۇ» تىرمىزى رىۋايىتى1728 -ھەدىس. بۇخارى ۋە تىرمىزى سەھىھ دېگەن بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ.
ھەرقانداق تېرە دېگەن سۆز: بارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن ئىت بىلەن چوشقىنىڭ تېرىسى ئايرىۋېلىندى، چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ تېرىسى ھايات ھالىتىدە نىجىستۇر، پاكىزلاشتا ئاشلاشتىنمۇ كۈچلۈك بولغان ھايات ھالىتىدە پاكىز بولمايدىكەن، ئاشلىغاندىمۇ ئەلۋەتتە پاكىز بولمايدۇ.
ئاشلاش تېرىدىكى قان داغلىرى ۋە نەملىكتىن ئىبارەت نىجاسەتنىڭ سەۋەبلىرىنى يوق قىلىدۇ. ["پىقھى توپلاملىرى" 20 -توم 230 -بەت.]
ئىت بىلەن چوشقىنىڭ ئىككىلىرىنىڭ ئۆزى نىجىس يەنى" زاتى پۈتۈن پارچىلىرى ھايات بولسۇن، ئۆلۈك بولسۇن ئوخشاش نىجىس، بۇ ئىككىسىنىڭ نىجىسلىقى باشقا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارغا ئوخشاش يۇقۇپ قالغان قان ۋە نەملىكتە ئەمەس، بەلكى زاتىدىن نىجىستۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پاكىزلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ". ["پىقھى توپلاملىرى" 20 -توم 230 -بەت].
ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « ھەرقانداق تېرە ئاشلانسا پاكىز بولىدۇ»دېگەن سۆزى ھەممە تېرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، لېكىن كۆپچىلىك سەلەپ ئالىملىرى چوشقىنىڭ تېرىسىنىڭ بۇنىڭ قاتارىغا كىرمەيدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن". [ "ئەتتەمھىيد" 4 -توم 178 -بەت].
ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : «ھەرقانداق تېرە ئاشلانسا پاكىز بولىدۇ» دېگەن سۆزى ھەممە تېرىنى ئۆز ئېچىگە ئېلىشنى تەقەززا قىلىدۇ، چۈنكى ھەدىستە كەلگەن لەپزى ئومۇملۇقنى بىلدۈرۈپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى خاس قىلمىغان، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ۋە پەتىۋا ئىماملىرىنىڭ سۆزى بولۇپ، بۇنىڭدىن چوشقىنىڭ تېرىسىنى ئايرىۋېتىدۇ، چۈنكى چوشقىنىڭ تېرىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەرقانداق تېرە ئاشلانسا پاكىز بولىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى چوشقا دېگەن ھايات بولسۇن ياكى ئۆلۈك بولسۇن ئۇنىڭ ئۆزى ھارامدۇر، تېرىسىمۇ گۆشىگە ئوخشاشتۇر، ئۇنى بوغۇزلاش گۆشى ۋە تېرىسىنى پاكىزلىيالمايدىكەن، تېرىسىنى ئاشلاشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ". [ "ئەلئىستىزكار" 5 -توم 305 -بەت. ]
ئىككىنچى قاراش: ئاشلاش بىلەن گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋاننىڭ تېرىسى پاكىز بولىدۇ، ئەمما گۆشىنى يېگىلى بولمايدىغان ھايۋاننىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەنمۇ پاكىز بولمايدۇ، بۇ ئىمام ئەۋزائىينىڭ قارىشى، ئىمام ئەھمەدتىن بىر رىۋايەتتە شۇنداق كەلگەن، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ ئىككى قارىشىنىڭ بىرىدە بۇ قاراشنى تاللىغان. ئىمام نەۋەۋىينىڭ "سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 4 -توم 54 -بەت. ئىبنى مۇپلىھنىڭ"ئەلپۇرۇ" 1 -توم 102 -بەت. ئىبنى تەيمىيەنىڭ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29 -توم 95 -بەت.
بۇ قاراشنى زامانداش ئالىملاردىن: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم، شەيخ ئىبنى باز، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن قاتارلىقلار تاللىغان. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن.
ئۇلار بۇ قارىشىغا: سەلەمە ئىبنى مۇھەببىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەبۇك ئۇرۇشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر مۇشرىك ئايالدىن سۇ تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇ ئايالنىڭ: "مېنىڭ يېنىمدا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ئۇلاغنىڭ تېرىسىدىن قىلىنغان بۇ تولۇمدىكى سۇدىن باشقا سۇ يوق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ تېرىنى ئاشلىغانمۇ؟» دەپ سورىغان ئېدى، ئۇ ئايال: ھەئە دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئاشلاش دېگەن پاكىزلاشتۇر» دېدى. نەسائى رىۋايىتى4245 -ھەدىس. دارى قوتنى، نەۋەۋىي ۋە ئەلبانى سەھىھ دېگەن.
"ئاشلاشنى بوغۇزلاشقا ئوخشاتتى، بوغۇزلاش دېگەن گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارغا بولىدۇ" . ئىبنى قۇدامىنىڭ "ئەلمۇغنى" 1 -توم 94 -بەت. ]
ئىختىلاپنىڭ نەتىجىسى گۆشىنى يېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ياسالغان نەرسىلەردىن پايدىلىنىشتا نامايەندە بولىدۇ، بەزى ئالىملار: ئاشلاش بىلەن تېرە پاكىز بولىدۇ، بۇ تېرىلەردىن پايدىلىنىش دۇرۇس بولىدۇ دېسە، بەزى ئۆلىمالار: ئاشلاش بىلەن گۆشىنى يېگىلى بولغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن باشقا تېرىلەر پاكىز بولمايدۇ، بۇنداق تېرىلەرنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇش توغرا بولمايدۇ دەيدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: تېرىنىڭ قايسىسىنى ئىشلىتىش ھالال بولىدۇ ۋە قايسىسىنى ئىشلىتىش ھارام بولىدۇ دېگەن مەسىلە توغرىسىدىكى قائىدە نېمە؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق دېگەن: "ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان تېرىلەر ئاساسەن ئاشلانغان تېرە، كۆپچىلىك ئالىملار ئاشلانغان تېرىنى گەرچە ئۇ نىجىس ھايۋاننىڭ تېرىسى بولسىمۇ پاكىز دەپ قارايدۇ. توغرىسى: نىجىس ھايۋاننىڭ تېرىلىرى پاكىز بولمايدۇ، چۈنكى ئۆزى نىجىس بولغان ھايۋانىڭ تېرىسىنى دېڭىزنىڭ سۈيىدە يۇسىمۇ پاكىز بولمايدۇ.
تېرە گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋاننىڭ تېرىسى بولۇپ، سىز ئۇنىڭ شەرئى يول بىلەن بوغۇزلانغانمۇ ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغانمۇ بۇنى بىلمىسىڭىز بۇ مۇھىم ئەمەس، چۈنكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بولسۇن ياكى ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان شەكىلدە بوغۇزلانغان بولسىمۇ، بەزى تېرىلەرگە ئوخشاش ئاشلانسا پاكىز بولىدۇ، بۇ كېچىك پاقلاننىڭ تېرىلىرىدىن بولغان تېرىلەر بىلەن تېزىلغان بولىدۇ، بىز دەيمىزكى: ئۇنىڭدىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيسىڭىز بولىدۇ، ھەتتا ئۇ پەرزەن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ۋە شەرىئەت يولىغا ئۇيغۇن بولمىغان شەكىلدە بوغۇزلانغان بولسىمۇ مەيلى، چۈنكى ئۇ ئاشلانغانلىقتىن پاكىز بولىدۇ. [ئوچۇق سۆھبەت" 1695 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.]
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ، ئەمما ۋەھشى ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ياسالغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش مۇتلەق توغرا بولمايدۇ.
گۆشىنى يېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن نەرسىلەرنى ئۇنىڭدا كۈچلۈك ئىختىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىك ياخشى بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملارنىڭ ئەڭ سەھىھ قارىشىغا كۆرە: تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان، بوغۇزلاش بىلەن پاك بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلانغان بولسا، ئۇنى ئىشلىتىش دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما چوشقا بىلەن ئىتنىڭ تېرىسى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش تېرىلەر بوغۇزلاش بىلەنمۇ ھالال بولمايدۇ، ئاشلاش بىلەن پاكىز بولىشىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ئابرۇيىنى پاك تۇتتى» دېگەن بۇ ھەدىسىگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «شەكلىك ئىشنى تەرك قىلىپ، شەك بولمىغان ئىشنى قىلغىن» دېگەن ھەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئېھتىيات ئىشلەتمەسلىك ياخشى بولىدۇ. "ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى" 6 -توم 354 -بەت.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.