بىرىنچى: بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈش توغرا بولىدىغان ئىبادەتلەر، بۇنىڭ قائىدىسى: بۇ ئىككى ئىبادەتنىڭ بىرىنىڭ ئۆزىلا مەقسەت قىلىنمايدىغان بولىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا، بۇ ئىككى ئىبادەتنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈش توغرا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىككى ئىشتىن بىرىنى بىر ئىش بىلەن قىلىش كۇپايە قىلىدۇ.
مەسىلەن: ئىككى رەكەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى، ئىككى رەكەت تاھارەت نامىزى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى مەقسەت قىلىنمايدىغان ئىبادەتلەر بولۇپ، سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، بىر كىشى شامنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى بىلەن تاھارەتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى بىرگە نىيەت قىلىپ ئوقۇسا توغرا بولىدۇ، چۈنكى تاھارەتنىڭ ئىككى رەكەت نامىزى بولسا، مۇسۇلمان كىشى مەيلى پەرز ناماز ئۈچۈن بولسۇن ياكى چاشكا نامىزى ئۈچۈن بولسۇن ياكى باشقا نامازلار ئۈچۈن تاھارەت ئالغاندىن كېيىنلا ئوقۇيدىغان نامازدۇر.
مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېيىلىدۇ، چۈنكى بۇ نامازدىن: مەسچىتكە كىرگەن كىشى ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئوقۇيدىغان ئىككى رەكەت ناماز مەقسەت قىلىنىدۇ.
شەيخ خالىد مۇشەيقىھ مۇنداق دەيدۇ: "مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئۆزى مەقسەت قىلىنىدىغان ناماز بولماستىن، بەلكى ئۇمۇ پەرزدىن كېيىن ئادا قىلىنىدىغان سۈننەت نامازلار بىلەن بىرگە ئادا قىلسا بولىدىغان نامازلارنىڭ قاتارىدىندۇر، سىز پېشىن نامىزى ئۈچۈن مەسچىتكە كىرگەندە، ئىككى رەكەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى بىلەن ئىككى رەكەت پېشىن نامىزىنىڭ سۈننىتىنى بىرگە ئادا قىلسىڭىز، سىزگە بۇ ئىككى رەكەت ناماز بىلەن ئىككى رەكەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ۋە ئىككى رەكەت پېشىن نامىزىنىڭ سۈننىتىدىن ئىبارەت ئىككى ناماز ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر سىز تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكە كېرىپ بۇنىڭ بىلەن ئىككى رەكەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى، ئىككى رەكەت سۈننەت ناماز ۋە ئىككى رەكەت تاھارەت نامىزىنى نىيەت قىلىپ ئوقۇسىڭىز، بۇ ئىككى رەكەت ناماز بىلەن سىزگە ئىككى رەكەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى، ئىككى رەكەت سۈننەت ناماز ۋە ئىككى رەكەت تاھارەت نامىزى قاتارلىق ئۈچ ناماز ھاسىل بولىدۇ، مانا بۇ نىيەتنىڭ پايدىسىدۇر، شۇنىڭدەك، بىر كىشى چاشكا نامىزى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىپ بۇنىڭ ئىككى رەكەت چاشكا نامىزى ۋە ئىككى رەكەت تاھارەت نامىزىنى بىرگە نىيەت قىلىپ ئوقۇسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن بۇ ئىككى رەكەت ناماز بىلەن ئىككى ناماز ھاسىل بولىدۇ ". [ "ئەقدۇس سەمىين" 161 -بەت.]
ئىككىنچى: بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈش توغرا بولمايدىغان ئىبادەتلەر، بۇ ھەر ئىككىسى ئۆزى مەقسەت قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر بولۇپ، بۇ ئىككى ئىبادەتنى بىر نىيەت بىلەن بىرلا ئادا قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ توغرىدا مىسال بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:"بىر كىشى بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇيالماي كۈن چېقىپ قاپتۇ، بۇ ۋاقىتتا بامداتنىڭ سۈننىتى چاشكا نامىزىدىن ۋە چاشكا نامىزى بامدات سۈننىتىدىن كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ ئىككى نامازنىڭ ئارىسى جۇغلاپ ئوقۇلمايدۇ، چۈنكى بامداتنىڭ سۈننىتى مۇستەقىل ناماز، شۇنىڭدەك چاشكا نامىزىمۇ مۇستەقىل ناماز، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى نامازغا ئەگىشىدىغان ناماز بىر-بىرىگە كېرىشتۈرۈلمەيدۇ، ئەگەر بىر كىشى: مەن بامداتنىڭ ئىككى رەكەت پەرزى بىلەن بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى بىرگە نىيەت قىلىپ ئادا قىلىمەن دېسە، بىز: بۇ توغرا بولمايدۇ دەيمىز، چۈنكى بامداتنىڭ سۈننىتى پەرزىگە ئەگىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى نامازنى بىر نىيەت بىلەن ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ".
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "شۇنىڭدەك، تاۋاپنىڭ ئىككى رەكەت نامىزى بىلەن بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى بىرگە ئوقۇلمايدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى بامداتقا ئەزان ئوقۇلۇپ، تەكبىردىن بۇرۇن تاۋاپنى تامام قىلغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى ۋە تاۋاپنىڭ ئىككى رەكەت نامىزىنى بىرگە نىيەت قىلىپ ئوقۇغان بولسا، بۇ ئىككى نامازنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى تاۋاپنىڭ ئىككى رەكەت نامىزى ئۆزى مەقسەت قىلىغان ناماز، شۇنىڭدەك، بامداتنىڭ سۈننىتىمۇ ئۆزى مەقسەت قىلىدىغان نامازدۇر". " ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت "پىراگىرامىسىدىن ئېلىندى.
ئىمام سۇيۇتى ئىمام نەۋەۋىدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى سۈننەت نامازنىڭ بىرى يەنە بىرىگە كېرىشتۈرۈلمەيدىكەن، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى بىر نىيەت بىلەن ئورتاق قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ چاشكا نامىزى بىلەن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشايدۇ، مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى بىلەن پېشىننىڭ سۈننىتى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى پېشىننىڭ سۈننىتى ئوقۇلغاندا مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھاسىل بولىدۇ" . "ئەشباھ ۋە نەزائىر" 23 -بەت. "مەجمۇ شەرھى مۇھەززەپ" 5 -توم 57 -بەتكە قارالسۇن،
ئەللامە ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ "ئەلقەۋائىد" ناملىق ئەسىرى 23 -بەتتە بۇ قائىدىنى ناھايىتى ئوچۇق ۋە كەڭرى بايان قىلغان.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.