سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

ئويۇن ئەپلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا

سۇئال

   بىزنىڭ شىركىتىمىز تىلىپۇنلارنىڭ ئويۇن ئەپلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ساھەسىدە خىزمەت قىلىدۇ، بىز مۇمكىن قەدەر بۇنىڭدا شەرىئەتكە مۇخالىپ بولىدىغان ئىشلارنىڭ بولماسلىقىغا تىرىشىمىز، بىزنىڭ ئىككى سوئالىمىز بار:

1-گوگىلغا ئويۇن ئۈچۈن ئىلان بېرىپ پايدىنى كۆپەيتىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟، بۇ ئېلانلار پەقەت باشقا ئويۇنلارنى تەشۋىق قىلىشتۇر، بۇنىڭدا ئىچىملىك ۋە پوركىس(پۇل مۇئامىلە) ئىلانلىرى يوق، گوگىل شېركىتى بىلەن بولغان كېلىشىم پەقەت ئىلان بېرىش ئارقىلىق شۇ ئويۇنلارنىڭ ئەپلىرىنى ئاشكارا قىلىشتۇر؟.

2-ئويۇن ئارىسىدا ئارقا كۆرۈنۈشكە مۇزىكا ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: ئويۇن ئۈچۈن گوگىلغا ئىلان بېرىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئويۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى-نۇرغۇن بەتلەردە ئاشكارا بولغان ئىلانلارغا ئوخشاش- كۆپ بۇزۇقچىلىقلارنى ۋە شەرىئەتكە خىلاپ بولغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ تەربىيە جەھەتتىمۇ مۇسۇلمان ئەۋلادلىرىغىمۇ  تەسىرى ياخشى بولمايدۇ، ھەر بىر ئويۇننىڭ تەبىئىتى، ئۆز ئېچىگە ئالغانلىرىنى تولۇق بىلمىگەن ۋە ئۇنىڭدا شەرىئەتكە مۇخالىپ بولغان ئىشلارنىڭ بولمىغانلىقىنى تەكىتلىمەستىن بۇنىڭغا ئوخشاش ئويۇنلارنى ئىلان قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: مۇزىكىغا كەلسەك، ئۇنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋە ھارام قىلىنغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ دەلىللەر بار. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر تۈرلۈك كىشىلەر، زىنانى، يىپەكنى، ھاراقنى ۋە مۇزىكىنى ھالال- توغرا دەپ قارايدۇ، بۇ قاراشتىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر بىر تاغنىڭ يېنىغا ئورۇنلىشىدۇ، پادىچى ئەتتىگەن- ئاخشامدا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى ئاپىرىپ- ئەكىلىپ ئوتلىتىدۇ، ئۇلارنىڭ يېنىغا ھاجەتمەن، كەمبەغەللەر كېلىپ بىر نەرسە سورايدۇ، ئۇلار: ئەتە كېلىڭلار دەپ ئۇلارنى قايتۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى كېچىدە ھالاك قىلىدۇ، تاغنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆمتۈرىدۇ، قالغانلىرىنىڭ شەكلىنى ياكى تەبىئىتىنى قىيامەتكىچە مايمۇن ۋە چوشقىغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 5590-ھەدىس].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس مۇزىكا-چالغۇلىرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11-توم 535-بەت].

   بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 5000 - نومۇرلۇق پەتىۋاغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: ئىلاننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە مۇزىكا ئىشلىتىشمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىشقا ھېچ ھاجەت يوق، بۇنىڭ ئورنىغا دۇرۇس ۋە مۇناسىپ بولغان ئاۋاز قويۇش مۇمكىن بولىدۇ.

   ئۈچىنچى: بىلىش مۇھىم بولغان ئىش: سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ۋە مۇسۇلمان ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق ئاچقۇچى بولىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئەكسى بولىدۇ.

    جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشى ئىسلامدا بىر ياخشى ئىشنى يولغا قويسا، ئۇ كىشى دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئۇ ياخشىلىققا ئەمەل قىلىنسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن شۇ ياخشى ئىشنى قىلغانلارنىڭ ساۋابىنىڭ ئوخشىشىدا ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ساۋاپلىرى كېمەيتىلمەيدۇ، كىشى ئىسلامدا بىر يامان ئىشنى يولغا قويسا، ئۇ كىشى دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئۇ يامان ئىش قىلىنسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن شۇ يامان ئىشنى قىلغانلارنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشىدا گۇناھ يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن بىر نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى1017-ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشى توغرا يولغا چاقىرسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ساۋابىنىڭ ئوخشىشىدا ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بېرىنىڭ ساۋابىدىن بىر نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ، كىشى ئازغۇنلۇققا چاقىرسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشىدا گۇناھ يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ گۇناھىدىن بىر نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2674-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىككى ھەدىس ياخشى ئىشلارنى يولغا قويۇشنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكىگە رىغبەتلەندۈرۈش، يامان ئىشلارنى يولغا قويۇشنىڭ چەكلەنگەن-ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئوچۇق دەلىلدۇر، ياخشى ئىشنى يولغا قويغان كىشىگە قىيامەتكىچە ئۇ ياخشىلىققا ئەمەل قىلغانلارنىڭ ساۋابىنىڭ ئوخشىشى بېرىلىدۇ، يامان ئىشنى يولغا قويغان كىشىگە قىيامەتكىچە ئۇ يامانلىققا ئەمەل قىلغانلارنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشى يېزىلىدۇ، ھىدايەتكە چاقىرغان كىشىگە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ساۋابىنىڭ ئوخشىشى بېرىلىدۇ ياكى ئازغۇنلۇققا چاقىرغان بولسا، ئۇ ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشى يېزىلىدۇ، شۇ ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇققا چاقىرغۇچى مازكۇر ئادەم ئۇنى ئۆزى پەيدا قىلغان بولسۇن ياكى ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان بولسۇن، ئاشۇ چاقىرىق ئىلىم ئۈگىنىشكە بولسۇن ياكى ئىبادەت ياكى ئەدەپ-ئەخلاققا ۋە ياكى باشقا ئىشلارغا بولسۇن نەتىجە ئىتىبارى بىلەن ئوخشاشتۇر. ["سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 16-توم 226-227-بەتلەرگە قارالسۇن].

    سىزگە ۋە سىز بىلەن بىرگە تور بەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا مۇھىم بولغان ئىش: سىلەر قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ساۋابى داۋاملىشىپ تۇرىدىغان ۋە سىلەرگە يېتىدىغان ياخشى ئىش بولىشىغا ھېرىس بولۇڭلار، ئاشۇ، سىلەر ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان ئويۇن ئەپلىرىنىڭ مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى مەدەنىيەتلىك، باشقىلارغا مەنپەئەتى يېتىدىغان قىلىپ تەربىيىلەشتە ئۇلارنىڭ  دىنىغا، ئەدەپ-ئەخلاقىغا ئۇيغۇن بولىشى، شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلاردىن خالى بولىشى بىلەن بىرگە، ئاشۇنىڭ ھەممىسىدە سەمىمىيلىك ۋە خالىس نىيەت بولىشى مۇھىمدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى