جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

غۇسلە قىلىش جەريانىدا يۇيۇنۇش كۆلچىكىدىكى سۇدا تاھارەت ئىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

جۇنابەتتىن غۇسلە قىلىش جەريانىدا يۇيۇنۇش كۆلچىكىدىكى سۇدا تاھارەت ئىلىش توغرا بولامدۇ؟ مەن مۇنداق بىر يازمىنى ئوقۇپ قالدىم: "غۇسلە قىلىش جەريانىدا بەدىنىدىن ئېقىپ چۈشكەن سۇنىڭ ئۈستىدە تۇرسا تاھارىتى بۇزۇلىدۇ" بۇ توغرىمۇ؟مەن يۇيۇنغان ۋاقتىمدا يۇيۇنۇش كۆلچىكىنىڭ ئاستىدا تۇرىمەن، ئۈستۈمگە سۇ چۈشىدۇ، مەن بەدىنىمدىن چۈشكەن سۇنىڭ ئۈستىدە تۇرىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    يۇيۇنۇش جەريانىدا ياكى تاھارەت ئالغاندا، بەدىنىدىن چۈشكەن سۇ پاك ھالەتتە تاھارەت ئالغان ياكى زۆرۈر بولغان يۇيۇنۇشتىن چۈشكەن سۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ سۇدا تۇرۇش تاھارەتنى بۇزمايدۇ.

    بەلكى بىز مۇشۇ سۇنى نىجىس-پاكىز ئەمەس- دېسەك، ئەگەر ئۇستىمىزدىكى ئۆينىڭ ھاجەتخانىسى تۆشۈك بولۇپ ئۇنىڭدىن بەدىنىمىزگە پاكىز بولمىغان نەرسە چۈشسە بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، بەلكى نىجاسەت چىققان كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزىلىدۇ، ئۈستىگە نىجاسەت چۈشكەن كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلمايدۇ".

    ئەگەر ئىنسان تولۇق تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن  بەدەندىكى بىرەر ئەزاغا قاسماق نەرسە ياكى نىجاسەت تىگىپ كەتكەن بولسا، بەدەندە ياكى كىيىمدە  قالغان ئۇ نەرسىلەرنى يۇيۇش بىلەن پاكىزلىنىدۇ، تاھارەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

    مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جۇنابەتتىن يۇيۇنىدىغان سۇيىنى ئەكىلىپ بەردىم، ئىككى قولىنى ئىككى قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن قولىنى قاچىغا كىرگۈزدى، ئاندىن ئەۋرىتىگە سۇ قۇيۇپ سول قولى بىلەن يۇدى، ئاندىن سول قولىنى يەرگە ئۇرۇپ، قاتتىق سۈركىدى، ئاندىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالدى، ئاندىن بېشىغا ئۈچ ئۈۋۈچ سۇ قۇيدى، ئاندىن بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى يۇدى، ئاندىن يۇيۇنغان ئورۇندىن بىر تەرەپكە چىقىپ ئىككى پۇتىنى يۇدى، يۈز-قولىنى سۈرتىدىغانغا لۆڭگە ئىلىپ كەلسەم ئۇنى ئىشلەتمىدى». [مۇسلىم  رىۋايىتى 317 –ھەدىس].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى پۇتىنى باشقا ئورۇنغا چىقىپ يۇدى دېگەنلىك، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئورۇندىن باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ ئىككى پۇتىنى يۇدى دېمەكتۇر. مۇئەللىپنىڭ سۆزىنىڭ سىياقى گەرچە ھازىرقىدەك يۇيۇنىدىغان ئورۇنلار پاكىزە بولسىمۇ ئۇنداق قىلىشنىڭ مۇتلەق سۈننەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    مېنىڭچە: ھاجەت بولغاندا ئىككى پۇتىنى باشقا ئورۇندا يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، زېمىن لاي بولۇپ قالسا، پۇتىنى قۇرۇق جايغا چىقىپ يۇمىسا پۇتى لاي بولۇپ كېتىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن پۇتىنى قايتىدىن يۇمىغان". ["شەرھىل مۇمتىئ"1-توم 361-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى