ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
23/ذو الحجة/1446 , 19/ئىيۇن/2025

پاكىز نەرسە ئارىلىشىپ ئۆزگەرگەن سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىش ۋە يۇيۇنۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال: 220105

پاكىز نەرسە ئارىلاشقان سۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئىلىش ۋە غۇسلە قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پاكىز سۇغا قەستەن پاكىز نەرسە ئارىلاشتۇرغان بولسا، بۇ  سۇنىڭ ئەھۋالى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: پاكىز سۇغا پاكىز نەرسە ئارىلاشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ رەڭگى، تەمى ۋە پۇرىقى ئۆزگەرمىگەن بولسا، بۇ سۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىقى بىلەن قالىدۇ، چۈنكى سۇ ئۆزىنىڭ مۇتلەق سۇلۇق ھالىتىدە قالدى.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پاكىز نەرسە ئارىلىشىپ  سۇدا ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولمىسا ئۇ سۇ بىلەن تاھارەت ئىلىش ۋە يۇيۇنۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىدە پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق". ["ئەلمۇغنى"  1 -توم 25 -بەت.]

سۇغا ئازراق دادۇر، پۇرچاق ياكى گۈل، زەپىران دېگەندەك پاكىز نەرسىلەردىن ئازراق چۈشۈپ كەتسە، ئۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ تەمى، پۇرىقى ۋە رەڭگىدىن ھېچ نەرسە ئۆزگەرمىگەن بولسا، ئۇ سۇ، بىلەن تاھارەت ئىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پاكىز نەرسىلەر بىلەن سۇدا ئازراق ئۆزگىرىش پەيدا بولغان بولسىمۇ، بۇ سۇنىڭ پاكلىققا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى: ئۇممۇ ھانى رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىككەيلەن خېمىر يۇقى بولغان بىر داستا سۇ ئېلىپ يۇيۇنغان». [نىسائى  رىۋايىتى 240-ھەدىس. ئىمام نەۋەۋىي سەھىھ دەپ "خۇلاسەتىل ئەھكام"  1 -توم 67-بەتتە، شەيخ ئەلبانى "ئىرۋائۇل غەلىيل"دە 27-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

تىيبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆرۈنۈشتە ئۇ داستا خېمىرنىڭ يۇقى كۆپ بولمىغان". ["مىرقاتىل مەپاتىھ "  2 -توم 457 -بەت. ]

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "سۇ ئاز بولۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق زەپىران چۈشۈپ كېتىپ سۇنىڭ رەڭگىنى سېرىق قىلىپ قويغان ياكى سوپۇن ياكى ئۇن چۈشۈپ كېتىپ سۇنىڭ رەڭگىنى ئېقىش قىلىپ قويغان بولسا، سۇغا قاتمىغان بولسا، سۇ دېگەن ئىسىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سۇ، پاكىز بولىدۇ.  ["مەجمۇ شەرھى مۇھەززەب"  1 -توم 103 -بەت].

يەنى مۇتلەق سۇ دېگەن ئىسىم قالغانلىقى ئۈچۈندۇر.

ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: بىر نەرسە ئارىلاشقان سۇغا مۇنداق سۇ، ئانداق سۇ دەپ سۇ دېگەن ئىسىم نىسبەت بېرىلىدىكەن، بۇ سۇ بىلەن تاھارەت ئالغىلى بولىدۇ". [ئەبى خەتتاب كەلۋىزانىينىڭ" چوڭ مەسىلىلەردىكى غەلبە" ناملىق ئەسىرى 1 -توم 122 -بەت.]

ئىككىنچى:  پاكىز سۇغا پاكىز نەرسىلەر ئارىلىشىپ سۇنى ئۆزگەرتىپ سۇلۇق ئىسمىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.

بىرلا سۆز:  بۇ سۇ بىلەن تاھارەت ئىلىش توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن:  سۇغا چاي سالغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ رەڭگى ۋە تەمى ئۆزگىرىپ بۇ سۇ دېيىلمەي، چاي دېيىلىدىغان بولسا، سۇغا گۆشنى سېلىپ قاينىتىپ شورپا قىلغاندىن كېيىن سۇنىڭ رەڭگى ۋە تەمى ئۆزگىرىپ سۇ دېيىلمەي شورپا دېيىلىدىغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئىلىش توغرا بولمايدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۇغا پاكىز نەرسە ئارىلىشىپ، سۇنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى سۇنىڭ جۈزئىلىرىنىڭ بەزىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ھەتتا ئۇ سۇ، بوياق ياكى سىيا، ئاچچىقسۇ، شورپا دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتالغان بولسا، دادۇر-پۇرچاققا ئوخشاش پاكىز نەرسىلەرنى پۇشۇرۇش بىلەن سۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرسە، يۇقىرىدا بايان قىلىغان ئىسمى ئۆزگەرگەن سۇيۇق نەرسىلەر بىلەن تاھارەت ئېلىشمۇ ۋە يۇيۇنۇشمۇ توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق".  ["ئەل مۇغنى" 1 -توم 20 -بەت].

ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: "سۇ دېگەن ئىسمى يوقالغان ھەر قانداق سۇيۇق نەرسىلەر بىلەن تاھارەت ئىلىش توغرا بولمايدۇ". [ ئەبى خەتتاب كەلۋىزانىينىڭ" چوڭ مەسىلىلەردىكى غەلبە" ناملىق ئەسىرى 1 -توم 122 -بەت.]

ئۈچىنچى: مۇتلەق سۇ پاكىز نەرسە ئارىلىشىپ ئۆزگەرگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ سۇ دېگەن ئاتالغۇسىدىن چىقىپ كەتمىگەن بولسا، مەسىلەن: سوپۇن ئارىلىشىپ رەڭگى ئۆزگەرگەن ياكى دادۇر-پۇرچاق چوشۇپ تەمى ئۆزگەرگەن ياكى زەپە ئارىلىشىپ رەڭگى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ سۇ دېگەن ئىسمى يوقالمىغان سۇ بولۇپ، بۇ سۇنىڭ پاكلىقى يەنى تاھارەت ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالىم-ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. كۆپچىلىك ئۆلىمالار پاكىز نەرسىلەر بىلەن ئۆزگەرگەن سۇ ئۆزى پاكىزە لېكىن ئۇنىڭ بىلەن باشقا نەرسىلەرنى پاكىزلىغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىن مۇتلەق سۇ دېگەن ئىسىم يوق بولغان ۋە بۇ مۇتلەق ھالەتتە سۇ دېيىلمەيدۇ". [ "ئەلمۇغنى" 1 -توم 21 -بەت. ئىبنى ئابدۇل بەرنىڭ"ئەل كاپى"  1 -توم 155 -بەت.  "ئەلمەجمۇ"  1 -توم 103 -بەت].

ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىپىدە ۋە ئىمام ئەھمەدتىن بولغان بىر رىۋايەتتە:  ئۇ ئۆزى پاكىز ۋە باشقا نەرسىلەرنىمۇ پاكىزلايدىغان سۇ، چۈنكى ئۇ سۇدىن ئىبارەتتۇر.  ئىبنى ھەزمىمۇ بۇ قاراشتا بولغان. ئىبنى مۇنزىر، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە، زامانىمىزدىكى ئالىملاردىن:  سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومېتىتىدىن؛ شەيخ ئىبنى باز ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن قاتارلىقلارمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان.

ئىبنى ھەزمى مۇنداق دەيدۇ: "ھەرقانداق سۇغا مۇباھ بولغان پاكىز نەرسە ئارىلىشىپ، ئۇنىڭ رەڭگى، پۇرىقى ۋە تەمى سۇدا نامايەندە بولسا، لېكىن ئۇ سۇدىن سۇ دېگەن ئىسىم يوقالمىغان بولسا، ئۇ سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىش ۋە جۇنابەتتىن يۇيۇنۇش دۇرۇس بولىدۇ. سۇغا ئىپار، ھەسەل، زەپە ۋە باشقا نەرسىلەر ئارىلاشقان بولسىمۇ ئوخشاشتۇر". [ "ئەلمۇھەللاھ"  1 -توم 200 -بەت].

ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى: ئۆلىمالار مۇتلەق سۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە، گۈل سۈيى، ئاچچىق سۇ، شورپا دېگەندەك باشقا ئىسىمغا باغلانغان سۇ پاكىز بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئالغىلى بولمايدىغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن.

ئەمما پاكىز نەرسىلەر ئارىلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆزگەرگەن سۇ، تاھارەت ئالغىلى بولامدۇ ياكى بولمامدۇ دېگەن ئىككى قاراش ئارىسىدا قالغان.

ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: "ھەنبەلى قارىشىدىكى بىر بۆلەك ئالىملار ئىمام ئەھمەدنىڭ:  ئۇ سۇ بىلەن تاھارەت ئىلىش دۇرۇس بولىدۇ دېگەن قارىشىنى نەقىل قىلغان. بۇ، ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ قارىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «سۇ تاپالمىساڭلار تەيەممۇم قىلىڭلار»، بۇ ھەممە سۇنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى سۇ دېگەن ئىسىم ھەممىنى يوق قىلىش يولى بىلەن ئېنىقسىز كەلگەن، ئېنىقسىز ئىسىم دېگەن  ھەممىنى يوق قىلىش يولى بىلەن ئومۇملىقنى بىلدۈرىدۇ، مۇشۇنداق سۇ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئالماي تەيەممۇم قىلىش توغرا بولمايدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارمۇ سەپەرگە چىقاتتى، ئۇلارنىڭ تۇلۇملىرى ئاساسەن تېرىدىن بولاتتى، كۆپىنچە تېرە سۇنى ئۆزگەرتىۋىتەتتى، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىدىن مۇشۇنداق سۇ تۇرۇپ تەيەممۇم قىلغانلىقى نەقىل قىلىنمىغان، چۈنكى ئۇ سۇ پاك بولۇپ ئۇنىڭغا پاكىز نەرسە ئارىلاشسىمۇ ئۇنىڭ سۇ دېگەن ئىسمىنى ياكى سۇيۇقلۇقىنى ياكى ئېقىشىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن". ["ئەلمۇغنى"  1 -توم 21 -بەت].

ئەمما پاكىز نەرسىلەر ئارىلىشىپ ئۆزگەرگەن سۇ بىلەن تاھارەت ئالغىلى بولامدۇ ياكى بولمامدۇ دېگەن ئىككى قاراش ئارىسىدا قالغان.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " پاكىز نەرسىلەر ئارىلاشقان سۇ، سۇ دەپ ئاتالغان، باشقا نەرسىلەر سۇنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن مۇددەتتە، ئۇ سۇ، پاك بولىدۇ ۋە باشقا نەرسىلەرنىمۇ پاكىزلىيالايدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپەنىڭ قارىشى، ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بىر رىۋايەت كەلگەن، نۇرغۇن جاۋاپلىرىدا شۇنداق بايان قىلغان، بۇ توغرا قاراشتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ تەرجىمىسى: «ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ سۇ تاپالمىساڭلار) ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار». [سۈرە مائىدە 6 -ئايەت.]

«سۇ تاپالمىساڭلار» دېگەن ئايەتتىكى سۇ دېگەن سۆز ھەممىنى يوق قىلىش يولى بىلەن ئېنىقسىز كەلگەن، سۇ دېگەن نامدىكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدا سۇنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئارىسىدا پەرق بولمايدۇ".  ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  21 -توم 26 -بەت.]

ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق دېدى: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېھراملىق كىشىنى: «سىدرە يۇپۇرمىقى ئارىلاشتۇرۇلغان سۇ بىلەن يۇيۇشقا بۇيرۇلغانلىقى» توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنغان، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى:  سىدرە يۇپۇرمىقى دېگەن سۇنىڭ پۇرىقىنى چوقۇم ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئەگەر بۇ شەكىلدە ئۆزگەرتىۋېتىش سۇنى بۇزىدىغان بولسا ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا بۇيرىمايتتى.["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  21 -توم 26 -بەت].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئىچىدىغان سۇغا كېلۇر ماددىسىنى ئارىلاشتۇرىدۇ، ئۇ ماددا سۇنىڭ رەڭگىنى ۋە تەمىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بۇ تاھارەت ئالىدىغان سۇنىڭ پاكىزلىققا تەسىر قىلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " سۇغا پاكىز نەرسىلەر ۋە كىشىلەرگە زىيانلىق بولغان ماددىلارنى چەكلەش ئۈچۈن قويۇلغان دورىلار ئارىلاشتۇرۇلغان بولسا، سۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى سۇ ئىسمى بىلەن قالغان بولسا، گەرچە بۇنىڭ بىلەن بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 10-توم 19 -بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android