بىرىنچى: تابىئىنلار دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن كېيىن كەلگەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ھاياتىدا ئۇچرىشىپ باقمىغان، پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا زامانداش بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەم سۆھبەت بولغان كىشىلەردۇر.
تابىئىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى (ئەتبائى تابىئىن) دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىلەن ئۈچىرىشىپ باقمىغان لېكىن ساھابىلارغا زامانداش ياشىغان تابىئىنلارنى كۆرگەن ۋە ئۇلار بىلەن ھەم سۆھبەت بولغان كىشىلەردۇر.
ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئاتالغۇسىدا: تابىئىن دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى بىلەن ئۇچراشقان، توغرا قاراشقا كۆرە، ئۇ كىشىنىڭ ساھابە بىلەن ئۇزۇن زامان ھەم سۆھبەت بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، ساھابە بىلەن ئۈچرىشىپ، مۇسۇلمان ھالەتتە ۋاپات بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تابىئىن ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن پەزىلەتلىك ۋە ئەۋزەلدۇر.
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "نۆخبەتىل پىكرى" 4 -توم 724 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " تابىئىن دېگەن: ساھابە بىلەن ئۇچراشقان كىشىدۇر".
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: خەتىبىل باغدادىي مۇنداق دېگەن: تابىئىن دېگەن: ساھابىغا سۆھبەتداش بولغان كىشىدۇر.
ھاكىم تابىئىننى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: "تابىئىن دېگەن: ساھابە بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ بىلەن ھەم سۆھبەت بولمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدىن ھەدىس بايان قىلغان كىشىدۇر".
ئىراقىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلپىيە" ناملىق ئەسىرىنىڭ 66 -بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "تابىئىن دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى بىلەن ئۇچراشقان كىشىدۇر، تابىئىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى (ئەتبائى تابىئىن) دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىلەن ئۈچىرىپ باقمىغان لېكىن ساھابىلارغا زامانداش ياشىغان تابىئىنلار بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇلار بىلەن ھەم سۆھبەت بولغان كىشىلەردۇر.
مەسىلەن: سەئىد ئىبنى مۇسەييب، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، ھەسەن بەسەرى، مۇجاھىد ئىبنى جۇبەير، ئىبنى ئابباسنىڭ ئازادگەردىسى ئىكرەمە ۋە ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئازادگەردىسى ناپىئ قاتارلىقلار تابىئىنلاردىندۇر.
سۇپيان سەۋرى، مالىك، رەبىيئە، ئىبنى ھۇرمۇز، ھەسەن بىن سالىھ، ئابدۇللاھ بىن ھەسەن، ئىبنى ئەبىي لەيلا، ئىبنى شۇبرىمە ۋە ئابدۇرەھمان ئەۋزائىي قاتارلىقلار تابىئىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر (يەنى ئەتبائى تابىئىندۇر).
ئىككىنچى: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ماڭا زامانداش بولغانلار، ئاندىن ماڭا زامانداش بولغانلارغا زامانداش بولغانلار، ئاندىن ماڭا زامانداش بولغانلارغا زامانداش بولغانلارغا زامانداش بولغانلار، ئاندىن شۇنداق بىر كىشىلەر دۇنياغا كېلىدۇكى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ گۇۋاھلىقىغا قەسىمى ئىلگىرى بولىدۇ، قەسىمىگە گۇۋاھلىقى ئىلگىرى بولىدۇ (يەنى يالغانچىلىق كەڭ تارايدۇ). [بۇخارى رىۋايىتى3651-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2533 -ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرا قاراشتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زامانداش بولغانلار ساھابىلاردۇر. ئىككىنچىسى: تابىئىنلاردۇر. ئۈچىنچىسى: تابىئىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. (ئەتبائى تابىئىندۇر). "نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا يازغان شەرھىسى" 16 -توم 85 -بەت].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاندىن ماڭا زامانداش بولغانلارغا زامانداش بولغانلار» دېگەن سۆزىدىن تابىئىنلار مەقسەت قىلىنىدۇ، «ئاندىن ماڭا زامانداش بولغانلارغا زامانداش بولغانلارغا زامانداش بولغانلار» دېگەن سۆزىدىن تابىئىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، (ئەتبائى تابىئىنلار) مەقسەت قىلىنىدۇ. ["پەتھۇلبارى" 6 -توم 7 -بەت].
موللا ئەلى قارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: " توغرا قاراشقا كۆرە، زامان-ئەسىر دېگەندىن مۇئەييەن مەلۇم بىر مۇددەت بېكىتىلمەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زامانداش بولۇپ ياشىغانلار ساھابىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ زامانى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن باشلىنىپ تاكى ساھابىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى ۋاپات بولغانغا قەدەر بىر يۈز يىگىرمە(120) يىل بولىدۇ، تابىئىنلارنىڭ زامانى ھىجىرىيەنىڭ 100 -يىلىدىن170 -يىلىغا قەدەر بولىدۇ، تابىئىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ، (ئەتبائى تابىئىنلارنىڭ) زامىنى 170-يىلىدىن تاكى220 -يىلىغا قەدەر بولىدۇ، بۇ دەۋىردە بىدئەتچىلەر مەيدانغا كېلىپ بىدئەتلەر كەڭ تارقىلىدۇ، مۆتەزىلىلەر ئاغزىلىرىغا كەلگەننى سۆزلەيدۇ، پەلسەپىچىلەر باش كۆتۈرىدۇ، ئالىم-ئۆلىمالار قۇرئان مەخلۇق دېيىش ئۈچۈن ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئەھۋال بەك ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە دىنى ئىشلار چېكىنىۋاتىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاندىن يالغانچىلىق يامرايدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ راست ئېكەنلىكى نامايەندە بولىدۇ". ["مىرقاتۇل مەپاتىھ" 9 -توم 3878 -بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.