3,449

ئىسلامدا ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: 21932

ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا ئىسلامنىڭ قارىشى قانداق؟ ئۇ ھەق-ھوقۇق دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟ بۇنىڭ مەلۇم شەرتلىرى بارمۇ؟ قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش توغرىسىدا ئايەت بايان قىلىنغانمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئۆزىنى، يۈز-ئابرۇيىنى، ئەقلىنى، مال-مۈلكىنى ۋە دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلەنگەن زۆرۈر ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا تونۇشلۇق بولغان بەش مۇھىم نەرسىنى مۇھاپىزەت قىلىشتۇر. ئىنسان ئۈچۈن ئۆز نەپسىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ،نەپسىنى زىيانغا ئۇچرىتىش توغرا بولمىغاندەك، باشقىلارنىڭمۇ نەپسىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ. ئەگەر باشقا بىرسى ياكى يىرتقۇچ ھايۋان ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلسا ئۆزىنى ياكى ئائىلىسىنى ياكى مال-مۈلكىنى قوغداش زۆرۈر بولىدۇ، ئەگەر بۇ يولدا ئۆلتۈرۈلسە ئۇ كىشى شەھىد ھېسابلىنىدۇ، قاتىل بولسا دوزاختا بولىدۇ.

ئەگەر بۇ زۇلۇمغا ئاساسەن كېلىپ چىقىدىغان زىيان ئازراق بولسا، ئۇنى ئاللاھ ئۈچۈن تەرك قىلسا، بۇ ئىش ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا بولىدىغان زۇلۇمنى ئاشۇرىۋەتمىسە، چوقۇم ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىر نەرسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلكەرىم ئەلخۇدەير

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android