ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كۆپچىلىك ئالىملار: يىلان، چايان، چاشقان، سىنجاپ، قوڭغۇز قاتارلىق زېمىن ھاشارەتلىرىنى ھارام دەپ قارايدۇ. ھەنبەلى مەزھىبىدىمۇ ھارام دېيىلىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق ئالىملارمۇ ھارام دېگەن.
ئىمام شاپىئىي ۋە شاپىئىي مەزھىبىدىكى ئالىملار بۇ قاراشقا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلغان: وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئۇلارغا خەبىس-پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلدى».
يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى ئەرەبلەر پاسكىنا دەپ قارايدىغان ھايۋانلار-ھاشارەتلەردۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك ھايۋانلار بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاسكىنىدۇر، ھەرەمدە بولسىمۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئۇلار: «قارغا، سا، چايان، چاشقان ۋە غالجىر ئىت قاتارلىقلاردۇر» [بۇخارى رىۋايىتى].
ئىمام مۇسلىم ئائىشە، ھەپسە ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلغان.
ئۇممۇ شەرېكتىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سالمىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ: قُل لَّا أَجِدُ فِي مَا أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّمًا عَلَىٰ طَاعِمٍ يَطْعَمُهُ إِلَّا أَن يَكُونَ مَيْتَةً أَوْ دَمًا مَّسْفُوحًا أَوْ لَحْمَ خِنزِيرٍ فَإِنَّهُ رِجْسٌ أَوْ فِسْقًا أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّهِ بِهِ تەرجىمىسى:« (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى ۋە ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھقا سەۋەب بولغان مالدىن باشقىسىنى ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن» [سۈرە ئەنئام 145-ئايەت].
ئىمام شاپىئىي ۋە باشقا ئالىملار بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: سىلەر يەيدىغان-يەۋاتقان، پاكىزە دەپ قارىغان نەرسىلەردىن باشقا نەرسىلەر دېگەن بولىدۇ، دەيدۇ.
ئىمام شاپىئىي مۇنداق دەيدۇ: "مانا بۇ، ئايەتنڭ سۈننەت بىلەن دەلىللەنگەن ئەڭ گۈزەل مەنىسىدۇر" .
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.