بۇنداق تىلىپۇنلارنى ھاجەتخانىلارغا ئېلىپ كېرىش ھارام بولمايدۇ-چەكلەنمەيدۇ، گەرچە ئۇنىڭ ئېچىگە قۇرئان كەرىم قاچىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكمى بېرىلمەيدۇ، چۈنكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازى ۋە ھەتتا يېزىلغان خەتلىك نۇسخىسىمۇ ئاشكارا ئەمەس بەلكى ئەپ دىتالنىڭ ئېچىدىدۇر. (يەنى قۇرئان كەرىم قاچىلانغان تىلىپۇن قۇرئاننىڭ ھۆكمىدە ئەمەستۇر).
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.