بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئىنسانلارغا قىيامەت مەيدانىدا ئۇزۇن تۇرۇش بىلەن ئازاپ قاتتىق بولغان ۋاقىتتا، ئۇلار قۇياشنىڭ ھارارىتى، قىيامەت قورقۇنچىسى ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا چىداپ بولالماي قالىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ئەللىك مىڭ يىللىق قىيامەت كۈنى ئوقنى ئوقدانغا جۇغلىغاندەك سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى جۇغلىسا، ئاندىن ئاللاھ تائالا سىلەرگە نەزەر سالمىسا قانداق بولۇپ كىتەرسىلەر؟!» ["سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 2817-ھەدىس].
كىشىلەر ئۆزىلىرى ئۇچرىغان بۇ ئېغىرچىلىق، قىيىنچىلىقتىن، بالا-مۇسىبەتتىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئۆز رەببىنىڭ ھوزۇرىدا ئۆزلىرىگە شاپائەتچى يۇقىرى مەرتىۋېلىك پەيغەمبەرلەرنى ئىزدەيدۇ، ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەھۋالنى دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا لايىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۇپ ئۈزۈر ئېيتىدۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ ئۈزۈر ئېيتىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ ئۈزۈر ئېيتىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئۈزۈر ئېيتىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئۈزۈر ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: مەن ئۇ ماقامغا لايىق، مەن ئۇ ئورۇنغا لايىق دەپ، ئاللاھ تائالادىن كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن قىيامەت مەيدانىدىكى كىشىلەر ھەققىدە شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ، مانا بۇ ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەدە قىلغان ماختالغۇچى ئالى ئورۇندىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَمِنْ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَكَ عَسَى أَنْ يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَحْمُودًا تەرجىمىسى: «ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر» [سۈرە ئىسرا 79-ئايەت].
سىزگە شاپائەت توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىسنى بايان قىلىپ بىرەيلى: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرى بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئەۋلادلىرىڭ ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلغىن دەيدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام: مەن ئۇنداق قىلىشقا لايىق ئەمەس، لېكىن سىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ئاللاھنىڭ دوستى دەيدۇ.
ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئەھۋالنى دەيدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: مەن بۇنىڭغا لايىق ئەمەس، لېكىن سىلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ھەقىقەتەن ئۇ ئاللاھ سۆز قىلغان كىشى دەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەھۋالنى دەيدۇ، مۇسائەلەيھىسسالام: مەن بۇنىڭغا لايىق ئەمەس، لېكىن سىلەر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ھەقىقەتەن ئۇ ئاللاھ تەرەپتىن بېرىلگەن روھ ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمىسىدىن بولغان دەيدۇ، ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەھۋالنى دەيدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام: مەن بۇنىڭغا لايىق ئەمەس، لېكىن سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەھۋالنى دەيدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: مەن ئۇنىڭغا لايىق، مەن بېرىپ رەببىمدىن رۇخسەت سوراي دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رۇخسەت بېرىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەيدۇ: مەن رەببىمنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئاللاھ تائالا ماڭا ئىلھام قىلغان ھازىر ئۇنىڭغا قادىر بولالمايدىغان ماختاش-مەدھىيىلەر بىلەن ماختايمەن، ئاندىن سەجدىگە بارىمەن، ماڭا: ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سۆزلە سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ، سورىغىن سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ، شاپائەت تەلەپ قىلغىن، شاپائىتىڭ قوبۇل قېلىنىدۇ، دېيىلىدۇ.
مەن: رەببىم! ئۈممىتىم! ئۈممىتىم! دەيمەن. ماڭا: بارغىن، دىلىدا ئارپىنىڭ ياكى بۇغداينىڭ دانچىسىدەك ئىمان بولغان كىشىنى دوزاختىن چېقارغىن دېيىلىدۇ. مەن بېرىپ شۇنداق قىلىمەن.
ئاندىن رەببىمنىڭ ھوزۇرىغا قايتىپ رەببىمنى ئەڭ گۈزەل مەدھىيىلەر بىلەن ماختايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا سەجدە قىلىمەن، ماڭا: ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سۆزلە سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ، سورىغىن سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ، شاپائەت تەلەپ قىلغىن، شاپائىتىڭ قوبۇل قېلىنىدۇ، دېيىلىدۇ.
مەن: رەببىم! ئۈممىتىم! ئۈممىتىم! دەيمەن. ماڭا: بارغىن، دىلىدا تېرىقنىڭ دانچىسىدەك ئىمان بولغان كىشىنى دوزاختىن چېقارغىن دېيىلىدۇ. مەن بېرىپ شۇنداق قىلىمەن.
ئاندىن رەببىمنىڭ ھوزۇرىغا قايتىپ رەببىمنى ئەڭ گۈزەل مەدھىيىلەر بىلەن ماختايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا سەجدە قىلىمەن، ماڭا: ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سۆزلە سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ، سورىغىن سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ، شاپائەت تەلەپ قىلغىن، شاپائىتىڭ قوبۇل قېلىنىدۇ، دېيىلىدۇ.
مەن: رەببىم! ئۈممىتىم! ئۈممىتىم! دەيمەن. ماڭا: بارغىن، دىلىدا تېرىقنىڭ دانچىسىدىنمۇ ئاز، ئاز، ئاز ئىمان بولغان كىشىنى دوزاختىن چېقارغىن دېيىلىدۇ. مەن بېرىپ ئۇنى دوزاختىن چىقىرىمەن.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىزگە خەۋەر بەرگەن ھەدىسىدە: «مەن بېرىپ شۇنداق قىلىمەن» دەپ كەلگەن.
بىز ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن چېقىپ، زەھرە جەببان دېگەن جايغا كەلگەندە، ئۆزئارا: ھەسەن بەسەرىينىڭ يېنىغا كېرىپ سالام بېرىپ ئۆتكەن بولساق دېيىشتۇق، چۈنكى ئۇ زات ئۇ كۈنلەردە ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ سەقەپىيدىن يوشۇرۇنۇپ، ئەبۇ خەلىپەنىڭ ھويلىسا يوشۇرنىۋالغان ئېدى.
بىز ئۇنىڭ يېنىغا كېرىپ سالام بەردۇق ۋە: ئى سەئىدنىڭ ئاتىسى! بىز ھازىر قېرىندىشىڭ ئەبۇ ھەمزىنىڭ يېنىدىن كەلدۈق، ئۇ بىزگە شاپائەت توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ھەدىسكە ئوخشاش بىر ھەدىسنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز دېدۇق!.
ھەسەن بەسەرى: ئۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بېرىڭلار دېدى، بىز ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردۇق، ھەسەن بەسەرى: ئاخىرنى سۆزلەپ تامام قىلىڭلار دېدى، بىز: بىزگە مۇشىنى سۆزلەپ بەردى دېدۇق.
ھەسەن بەسەرى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى بىزگە يىگىرمە يىل ئىلگىرى سۆزلەپ بەرگەن ئۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئەقلى-ھۇشى جايىدا ساغلام ئېدى، ئۇ ھازىر ھەدىستىن بىر نەرسىنى تەرك قىپتۇ، شەيخ ئۇنتۇپ قالدىمۇ ياكى ئۇنى سىلەرگە سۆزلەپ بەرسە، سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا تايىنىۋېلىشىڭلارنى ياقتۇرماي سۆزلەپ بەرمىدىمۇ بۇنى بىلمەيمەن دېدى.
بىز ئۇنىڭغا: سەن بىزگە سۆزلەپ بەرگىن دېدۇق، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ: ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان دەپ، مەن ئۇنى پەقەت سىلەرگە سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن زىكىر قىلدىم دېدى.
ھەسەن بەسەرى دەيدۇ: «ئاندىن تۆتىنچى قېتىم رەببىمنىڭ ھوزۇرىغا قايتىپ رەببىمنى ئەڭ گۈزەل مەدھىيىلەر بىلەن ماختايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا سەجدە قىلىمەن، ماڭا: ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سۆزلە سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ، سورىغىن سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ، شاپائەت تەلەپ قىلغىن، شاپائىتىڭ قوبۇل قېلىنىدۇ دېيىلىدۇ.
مەن: رەببىم! ماڭا «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق» دېگەن كىشىلەرنى دوزاختىن ئەچىقىشقا رۇخسەت بەرسىلە دەيمەن.
رەببىم: بۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس، لېكىن، مېنىڭ ئىززىتىم، چوڭلىقىم، كاتتىلىقىم، ئۇلۇغلىقىم بىلەن قەسەم! مەن ئەلۋەتتە «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق» دېگەن كىشىلەرنى دوزاختىن چىقىرىمەن دەيدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 7510-ھەدىس].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنىدە مەن ئىنسانلارنىڭ سەييىدى-خوجىسى-بۇنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئېكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»، ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى بارلىق ئىنسانلارنى بىر تۇپراققا جۇغلايدۇ، چاقىرغۇچى ئۇلارغا سۆزىنى ئاڭلىتىدۇ، بۇ تۈز زېمىندا ئىنسانلارنىڭ باش-ئاخىرىغا كۆزى يېتىدۇ، قۇياش ئىنسانلارغا بەك يېقىن بولىدۇ، كىشىلەر تاقەت كەلتۈرەلمەيدىغان ۋە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە غەم-قايغۇغا چۆمىدۇ، ئىنسانلار: بىزگە يەتكەن غەم-قايغۇ، دەرتلەرنى كۆرمەمسىلەر؟ سىلەر ئۈچۈن رەببىڭلارنىڭ ھوزۇرىدا شاپائەت تەلەپ قىلىدىغان بىر كىشىگە قارىمامسىلەر؟دېيىشىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە: ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىڭلار دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ.... ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مەن رەببىمنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ئەرشنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ رەببىمگە سەجدە قىلىمەن، ئاللاھ تائالانى ماڭا ئىلھام قىلغان مەندىن ئىلگىرى ھېچ كىشىگە ئىلھام قىلىنمىغان ھازىر ئۇنىڭغا قادىر بولالمايدىغان ماختاش-مەدھىيىلەر بىلەن ماختايمەن، ماڭا: ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سورىغىن سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ، شاپائەت تەلەپ قىلغىن، شاپائىتىڭ قوبۇل قېلىنىدۇ دېيىلىدۇ. مەن بېشىمنى سەجدىدىن كۆتۈرۈپ: ئى رەببىم ئۈممىتىم!، ئى رەببىم ئۈممىتىم! دەيمەن. ماڭا: ئى مۇھەممەد! ئۈممىتىڭدىن ھېساپ ئىلىنمايدىغان كىشىلەرنى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكتىن كىرگۈزگىن، ئۇلار باشقا ئىشىكلەردە ئومۇمى كىشىلەر بىلەن بىرگە جەننەتكە كېرىدۇ دېيىلدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئارىسى مەككە بىلەن ھىميەرنىڭ ياكى مەككە بىلەن بۇسرانىڭ ئارىسىدەك ئۇزۇندۇر» [بۇخارى رىۋايىتى 4712-ھەدىس].
بۇ قىيامەت مەيدانىدىكى كاتتا شاپائەتتۇر، بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇلارنى ئايرىدىغان شاپائەتتۇر، قىيامەت كۈنىدىكى شاپائەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1-قوبۇل قىلىنىدىغان ياكى ئايەت-ھەدىستە ئىسپاتلانغان شاپائەت، بۇ شەرئى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان شاپائەت بولۇپ بۇنى تەپسىلى بايان قىلىمىز.
2-رەت قىلىنىدىغان، قوبۇل قىلىنمايدىغان شاپائەت، بۇ قۇرئان ھەدىسلەردە رەت قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان شاپائەت بولۇپ بۇنىمۇ تەپسىلى بايان قىلىمىز.
قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتلەر بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:
1-ئەڭ كاتتا شاپائەت، بۇ ئىلگىرىكى ۋە ئاخىرقى ھەممە پەيغەمبەرلەر رىغبەتلىنىدىغان، ماختالغۇچى ئالى مەرتىۋە بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كىشىلەرنى قىيامەتنىڭ قورقۇنچا ۋە دەھشىتىدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدا شاپائەت قىلىشقا بەرگەن، بۇنىڭ تەپسىلاتى بايان قىلىندى.
2-مۇسۇلمانلاردىن سادىر قىلغان چوڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن دوزاخقا كېرىپ قالغانلارنى چېقىرىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان شاپائەت. بۇ توغرىدا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئۈممىتىمدىن چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارغا شاپائەت قىلىمەن». [سەھىھ سۈنەن تىرمىزى رىۋايىتى1983-ھەدىس].
3-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى باراۋەر كېلىپ، ياخشىلىقى سەۋەبىدىن جەننەتكە كېرىشكە، يامانلىقى سەۋەبىدىن دوزاخقا كېرىشكە بۇيرۇلغان كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كىرمەسلىكى ئۈچۈن قىلىدىغان شاپائىتى.
4-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېساپسىز جەننەتكە كېرىدىغانلار ئۈچۈن قىلىدىغان شاپائىتى.
5-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپ ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭ ئازابىنى يەڭگىل قىلىش توغرىسىدىكى شاپائىتى. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەقەت تاغىسىغا خاس بولغان شاپائەتتۇر.
6-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆمىنلەرنىڭ جەننەتكە كېرىشى ئۈچۈن رۇخسەت سوراپ قىلغان شاپائىتى.
چوڭ گۇناھ-مەسىيەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارغا شاپائەت قىلىش پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدا باشقا پەيغەمبەرلەر، شېھىتلەر، سالىھلەر، ئالىم-ئۆلىمالار ۋە پەرىشتىلەرمۇ ئورتاق بولىدۇ، ئىنساننىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمۇ شاپائەت قىلىدۇ، لېكىن شاپائەت ئىشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتتا نېسىۋېسى باردۇر.
سىزگە شاپائەت توغرىسىدىكى يەنە بىر ھەدىسنى بايان قىلىپ بىرەيلى، بۇ ھەدىس پەيغەمبەرلەر ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ شاپائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىستۇر.
ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز قىيامەت كۈنىدە رەببىمىزنى كۆرەلەمدۇق؟ دەپ سورىساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدىكى ھەدىسنى بايان قىلىپ، مۆمىنلەرنىڭ سىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتىدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ دوزاخقا كېرىپ كەتكەن قىرىنداشلىرى ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: مۆمىنلەر: ئى رەببىمىز! ئۇلار بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىز ئېدى، بىزلەر بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇيتتى، بىزلەر بىلەن روزا تۇتاتتى، بىزلەر بىلەن بىرگە ياخشى ئەمەللەرنى قىلاتتى دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: بىرىڭلار! دىلىدا بىر دىرھەم مىقدارىدا ئىمان بولغان كىشنى دوزاختىن چىقىرىڭلار دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ چېرايلىرىنى ئوتنىڭ كۆيدۈرىشىگە ھارام قىلغان دەيدۇ، ئۇلار دوزاخقا كېلىدۇ، قارىسا ئۇلارنىڭ بەزىسى كۇكۇلىسىدىن تاپىنىغىچە دوزاخ ئوتىغا چۆكۈپ كەتكەن، بەزىسى تېزىنىڭ ئاستىغىچە ئوتتا بولىدۇ، ئۇلار تونىغان كىشىلەرنى دوزاختىن چېقىرىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا قايتىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا: بىرىڭلار! دىلىدا يىرىم مىسقالچىلىك مىقداردا ئىمان بولغان كىشىنى دوزاختىن چىقىرىڭلار دەيدۇ، ئۇلار بېرىپ تونىغان كىشىلەرنى دوزاختىن چېقىرىپ ئاندىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا: بىرىڭلار! دىلىدا زەررىچىلىك ئىمان بولغان كىشىنى دوزاختىن چىقىرىڭلار دەيدۇ، ئۇلار بېرىپ تونىغان كىشىلەرنى دوزاختىن چېقىرىدۇ». ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەۋېتىپ ئەگەر مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشەنمىسەڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار دەيدۇ: إِنَّ اللَّهَ لا يَظْلِمُ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ وَإِنْ تَكُ حَسَنَةً يُضَاعِفْهَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ». شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەر، پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر شاپائەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا: مېنىڭ شاپائىتىم قالدى دەپ، كۆيۈپ چۇچۇلا بولۇپ كەتكەن بىر ئۇۋۇچ كىشىلەرنى دوزاختىن چىقىرىپ جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ھاياتلىق دەرياسىغا تاشلايدۇ، بۇ دەريانىڭ سۇيى ھاياتلىق سۈيى دەپ ئاتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جىلغىنىڭ يانلىرىدا دانچىلار ئۈنگەندەك ئۈنىدۇ، شەرق تەرەپتە ئۈنگەنلىرىنىڭ رەڭگى سىرغىش ۋە يېشىل بولىدۇ يەنى ئاچ سېرىق ۋە ئاچ يېشىل بولىدۇ، سايە چۈشىدىغان تەرەپتە ئۈنگەنلىرىنىڭ رەڭگى ئاق بولىدۇ. ئۇلار ھاياتلىق دەرياسىدىن گوياكى مەرۋايىتتەك ئاق-سۈزۈك ھالەتتە چېقىدۇ، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تامغۇ ئۇرۇلىدۇ، ئاندىن جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەت ئەھلى ئۇلارنى: ئۇلار رەھمان تائالانىڭ ئازاد قىلغان كىشىلىرى، ئۇلار ئىلگىرى ھېچ قانداق ئەمەل ياكى ياخشىلىق قىلماستىن جەننەتكە كىردى دەيدۇ، ئۇلارغا: سىلەرگە كۆرگەن نەرسەڭلار ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى بېرىلىدۇ دېيىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 7440-ھەدىس].
قىيامەت كۈنىنىڭ شاپائىتى. بۇ ئۈچ تۈرلۈك شەرت تولۇق بولغاندا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكَمْ مِنْ مَلَكٍ فِي السَّمَاوَاتِ لا تُغْنِي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئاً إِلَّا مِنْ بَعْدِ أَنْ يَأْذَنَ اللَّهُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَرْضَى تەرجىمىسى: «ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ» [سۈرە نەجمى 26-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَوْمَئِذٍ لا تَنْفَعُ الشَّفَاعَةُ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ الرَّحْمَنُ وَرَضِيَ لَهُ قَوْلاً تەرجىمىسى: «بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ» [سۈرە تاھا 109-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلا يَشْفَعُونَ إِلا لِمَنِ ارْتَضَى وَهُمْ مِنْ خَشْيَتِهِ مُشْفِقُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ» [سۈرە ئەنبىيا 28-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَنْ ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلا بِإِذْنِهِ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن» [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت].
شاپائەتنىڭ ئۈچ تۈرلۈك شەرتى:
1-شاپائەت قىلغۇچىغا شاپائەت قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلىشى.
2-ئاللاھ تائالانىڭ شاپائەت قىلغۇچىدىن رازى بولىشى.
3-ئاللاھ تائالانىڭ شاپائەت قىلىنغۇچىدىنمۇ رازى بولىشى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان بەزى كىشىلەرنى زىكىر قىلغان ئۇلارنىڭ بىرى: لەنەتنى كۆپ قىلىدىغان كىشىلەر.
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « لەنەتنى كۆپ قىلىدىغان كىشىلەر قىيامەت كۈنىدە گۇۋاھچىلاردىن ۋە شاپائەتچىلەردىن بولالمايدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم. [مۇسلىم رىۋايىتى2598-ھەدىس].
ئەمما شاپائىتى رەت قىلىنىدىغان ۋە چەكلىنىدىغان كىشىلەر بولسا: ئۇلار قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتنىڭ ئۈچ تۈرلۈك شەرتى يەنى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقى قاتارلىق شەرتلەر بولمىغان كىشىلەردۇر.
مۇشرىكلار ئۆزلىرى چوقۇنغان بۇت-ھەيكەللىرى، باتىل ئىلاھلىرىنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بىزگە شاپائەت قىلىدۇ، ئاللاھ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ۋاستە بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ إِنَّ اللَّهَ لا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ تەرجىمىسى: «بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ مەبۇدلىرىنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» (دەيدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ» [سۈرە زۇمەر 3-ئايەت].
ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شاپائىتىنىڭ ھاسىل بولمايدىغانلىقى، يۈز بەرمەيدىغانلىقى، پايدىلىق ۋە مەنپەئەتلىك ئەمەس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: فَمَا تَنْفَعُهُمْ شَفَاعَةُ الشَّافِعِينَ تەرجىمىسى: «شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ)» [سۈرە مۇددەسسىر 48-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاتَّقُوا يَوْماً لا تَجْزِي نَفْسٌ عَنْ نَفْسٍ شَيْئاً وَلا يُقْبَلُ مِنْهَا شَفَاعَةٌ وَلا يُؤْخَذُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلا هُمْ يُنْصَرُونَ تەرجىمىسى: «كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىدىيە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (كاپىرلار ۋە گۇناھكار بەندىلەر) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار» [سۈرە سۈرىسى 48-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنْفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لا بَيْعٌ فِيهِ وَلا خُلَّةٌ وَلا شَفَاعَةٌ وَالْكَافِرُونَ هُمُ الظَّالِمُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال-مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كاپىر بولغۇچىلار زالىملاردۇر» [سۈرە بەقەرە 254-ئايەت].
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا دوستى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىك ئاتىسى ئازەر توغرىسىدا قىلغان شاپائىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاتىسى ئازەرنى قىيامەت كۈنىدە يەرگە تاشلايدۇ، ئازەرنىڭ يۈزلىرى قارا-قۇرا، چاڭ-توزان ئېدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاتىسىغا: ساڭا ماڭا ئاسىيلىق قىلمىغىن دېمىگەنمىدىم؟دەيدۇ، ئاتىسى: بۈگۈن ساڭا ئاسىيلىق قىلمايمەن دەيدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئى رەببىم! سىلە ماڭا: قىيامەت كۈنىدە سېنى بىئارام قىلمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئېدىلە، ئاتامنىڭ سىلىنىڭ رەھمەتلىرىدىن يىراقلىشىشدىنمۇ بەك بىئاراملىق بولامدۇ؟ دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: مەن جەننەتنى كاپىرلارغا ھارام قىلدىم، ئاندىن: ئى ئىبراھىم! پۇتىڭنىڭ ئاستىدىكى نەرسىگە قارا دېيىلىدۇ، قارىسا پۇتىنىڭ ئاستىدا قانغا بۇلانغان يۈڭلۇق بىر سىرتلان تۇرىدۇ، ئۇ تۆت پۇتىدىن تۇتۇپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 3350-ھەدىس].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.