مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
كىمكى قۇرئاننى يادقا ئالىدىكەن ھەمدە ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ھەركەت قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ
ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ ھەمدە ئۇنى كاتتا شان-شەرەپلىك ئىگە قىلىدۇ ،شۇنىڭ
بىلەن ئۇنىڭ جەننەتتىكى ئورنى ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يادلىغان مىقدارى بويىچە
كۆتۈرلىدۇ .
تىرمىزىي(2914) ، ئەبۇ داۋۇت(1464) ، ئابدۇللاھ بىن ئامىردىن نەقىل قىلدىكى ،
پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن :
قۇرئاننىڭ ھەمرىيىغا : تىلاۋەت قىلغىن ھەمدە كۆتۈرۈلگىن ، سەن بۇدۇنيادا تىلاۋەت
قىلغىنىڭدەك تىلاۋەت قىلغىن ، چۈنكى سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلىدىغان ئەڭ
ئاخىرقى ئايەتتە بولىدۇ . ( بۇ ھەدىس[ السلسلة الصحيحة(5281 ) ] تە ئەلبانىي
تەرىپىدىن توغرا ھەدىس دەپ تۈرگە ئايرىلدى .) ئۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مۇنداق دىدى :
شۇنى بىلىڭكى ، قۇرئاننىڭ ھەمرىيى دىگەننىڭ مەنىسى قۇرئاننى يادقا ئالغۇچى دىگەنلىك
، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئېيىتقاندەك :
قۇرئاننى كۆپرەك بىلگۈچى نامازدا كىشىلەرگە ئىماملىق قىلىدۇ ، بۇنىڭ مەنىسى
قۇرئاننى ئەڭ كۆپ يادقا ئالغۇچى دىگەنلىك .جەننەتتىكى ئورنىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەن بولۇشى
بەزى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇ كۈندە قانچىلىك تىلاۋەت قېلىشىغا ئەمەس ، بەلكى
ئۇنىڭ بۇدۇنيادا قۇرئاندىن قانچىلىك يادقا ئالغانلىقىغا باغلىق . بۇ، قۇرئاننى
يادقا ئالغۇچىنىڭ پەزىلىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ ، بىراق شەرىت قۇرئاننى
دۇنياۋى مەقسەتلەر ياكى ئېقتىسادى مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس ، ئاللاھ ئۈچۈن يادلىغان
بولۇشى كىرەك .ئۇنداق بولمايدىكەن پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : مىنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىكى مۇناپىقلارنىڭ كۆپىنچىسى
قۇرئاننى يادقا ئالغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ .
قۇرئاننى يادقا ئالغۇچى ھافىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدا ، بۇخارىي(4937) ئائىشە دىن
نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق
دىگەن :
قۇرئاننى ئوقۇغۇچى ۋە ئۇنى يادقا ئالغۇچىنىڭ مىسالى بولسا ، ئۇ ياخشى ھۆرمەتلىك
پۈتۈكچىلەر(پەرىشتىلەر) بىلەن بىللىدۇر . ئۇنى ئوقۇيدىغان ، گەرچە ئۇنىڭغا قېيىن
كەلگەن بولسىمۇ ئۇنى يادقا ئىلىشقا قاتتىق تېرىشقۇچىنىڭ مىسالى بولسا ، ئۇ ئىككى
ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ .
قۇرئاننى يادقا ئالغۇچى ھافىزغا نىسبەتەن كېچىلىك ناماز ئۆتەش ئاسان بولىدۇ .ھەمدە
قۇرئان ئۇنى قىيامەت كۈنى تېلىۋالىدۇ(شاپائەت قىلىدۇ) ، چۈنكى پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : روزا ۋە قۇرئان كىشىنى
قىيامەت كۈنى تېلىۋالىدۇ(شاپائەت قىلىدۇ ) . روزا دەيدۇ : ئى پەرۋەردىگار ، مەن
ئۇنى كۈندۈزى يىمەك-ئىچمەكتىن ۋە كۆڭۈل ھەۋەسلىرىدىن مەھرۇم قىلدىم ، شۇڭا ئۇنى
تېلىۋالاي . قۇرئان دەيدۇ : ئى پەرۋەردىگار ، مەن ئۇنى كېچىدە ئۇخلاشتىن مەھرۇم
قىلدىم ، شۇڭا مەن ئۇنى تېلىۋالاي . ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇنى تېلىۋالىدۇ
. ئۇنى ئەھمەت ، تەبەرانىي ۋە ھاكىم نەقىل قىلغان ؛ ئەلبانىي[ صحيح الجامع(3882)]
دە توغرا دەپ تۈرگە ئايرىغان .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى ، قۇرئاننى يادقا ئىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە
تىلغا ئېلىنغان ئاجىز ھەدىس بار . ئۇ بولسا : قۇرئاننى ئېلىپ يۈرگۈچى ، ئەگەر ئۇ
ھالال قىلغان نەرسىنى ھالال ، ھارام قىلغان نەرسىنى ھارام دەپ قارىسا ، ئۇ قىيامەت
كۈنى ئائىلىسىدىن ئون كىشىنى تېلىۋالىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىشكە لايىق
كىشىلەردۇر . بۇنى بەيھەقىي[ الشعب ] تە جابىردىن نەقىل قىلغان ، ھەمدە ئۇنى
ئەلبانىي [ضعيف الجامع] تا ئاجىز دەپ تۈرگە ئايرىغان .