جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ھېيت كېلىشتىن بىر ئىككى كۈن ئىلگىرى ھېيتنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ھېيت كېلىشتىن بىر ئىككى كۈن ئىلگىرى ھېيتنى تەبرىكىلەشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھېيتنى مۇبارەكلەش ياخشى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بەزى ساھابىلارنىڭ ھېيتنى تەبرىكلىگەنلىكى توغرىسىدا ئەسەرلەر بايان قىلىنغان.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى ئەقىيل ھېيتنى تەبرىكلەش توغرىسىدا بىر قانچە ھەدىسلەرنى بايان قىلدى، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

   -مۇھەممەد ئىبنى زىياد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ ئۇمامە ئەل باھىلىي ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ساھابىلىرى بىلەن بىرگە بولغان ئىدىم، ئۇلار ھېيت نامىزىدىن قايتقاندا، ئۆز-ئارا بىربىرىگە: "ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ۋە سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن" دەيتتى.

     ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ: ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى ياخشى دېگەن. "ئەلمۇغنى" 2/130-بەت.

    ساھابىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن نەقل قىلغان دەلىل ئوچۇقتۇر، ھېيت كۈنىنى تەبرىكلەش دېگەن ھېيت نامىزىدىن يانغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا ئەگىشىپ شۇنداق قىلسا ياخشى بولىدۇ. مۇبادا دوستلىرىنىڭ ھېيتلىرىنى تەبرىكلەشكە ئالدىراپ ھېيت نامىزى ئوقۇشتىن بۇرۇن ياكى بىرە كۈن بۇرۇن تەبرىكلىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ھېيتنى تەبرىكلەش دېگەن ئۆرپە-ئادەت بولۇپ، ئۆرپە-ئادەتتە كەڭرىچىلىك بار، بۇ شۇ كشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئادەت بويىچە بولىدۇ.

شافىئى مەزھىپىدىكى مەشھۇر ئالىم شىرۋانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت كۈنىدە نامازدىن كىيىن تەبرىكلەيدۇ دېگەن سۆزدىن: ھېيت كۈنىدىن كېيىن ياكى قۇربان ھېيتنىڭ ئىككى، ئۈچۈنچى كۈنلىرى تەبرىكلەش كېرەك بولمايدۇ دېگەن ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن كىشىلەر ھېيت كۈنى ۋە ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى كۈنلىرىمۇ تەبرىكلەپ ئادەتلەنگەن بولسا، بۇمۇ چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى ھېيتنى تەبرىكلەشتىن بولغان مەقسەت، دوستلۇق ۋە خۇرسەنلىكنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەتتۇر، ھېيت كۈنى تەبرىكلەيدۇ دېگەن سۆزنى: بەزى چۈشەندۈرگۈچىلەر: ھېيت كۈنى بامدات ۋاقتى كىرىش بىلەن تەبرىكلەش باشلىنىدۇ دېگەن، ئەمما بۇنىڭدا ئىختىلاپ بار، بەزىلەر: كىشىلەر، ئەرپە كۈنى يەنى ئەتە ھېيت بولىدۇ دېگەن كۈنى شام نامىزىدىن تارتىپ ھېيتنى تەبرىكلەپ ئادەتلەنگەن بولسا، بۇمۇ چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، ھېيتنى تەبرىكلەشتىن بولغان مەقسەت دوستلۇق ۋە خۇرسەنلىكنى ئىپادىلەش بولغانلىقى ئۈچۈن ئەتە ھېيت دېگەن كۈنى شام نامىزىدىن كىيىن تەبرىكلەشنى باشلىسا بولىدۇ". ["شىرۋانىينىڭ تۆھپەتۇل مۇھتاجقا" يازغان شەرھىسى 2/ 57-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى